نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ!
يېقىندا، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى (بېلەت چىقىدىغان ۋاقىت) دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، 800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە ھەربىر يولۇچىدىن 10 يۈەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنىدىكەن، 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە ھەربىر يولۇچىدىن 20 يۈەن يېقىلغۇ ماي قوشۇلما ھەققى ئېلىنىدىكەن، تۆت ئاي ئىلگىرى تەڭشەلگەن باھاغا سېلىشتۇرغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 يۈەن ۋە 30 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدىكەن.
بالىلار (ھەمراھ بولىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ۋە خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولۇپ قالغان خەلق ساقچىلىرى قاتارلىق ئالاھىدە يولۇچىلار توپىدىن 800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە ھەق ئېلىنمايدىكەن، 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە ھەربىر يولۇچىدىن ھەر ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە 10 يۈەن ھەق ئېلىنىدىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يېقىلغۇ ماينىڭ قوشۇمچە ھەققى بېلەت چىقىرىلغان ۋاقىت بويىچە ھېسابلىنىدىكەن، 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىن بېلەت چىقىرىلسا، يېڭى باھادىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن، 10-ئاينڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن چىقىرىلغان بېلەت 10-ئاينىڭ 15-كۈنى يولغا چىقسىمۇ، يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئەسلىدىكى 30 يۈەن ۋە 50 يۈەن بويىچە بولىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى
جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى
ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك