تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

时事   2024-10-09 12:27   北京  

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، مىقدارنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىش كېرەك

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مىقدارنى ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، مىقدارنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ قويۇلىدۇ.

جېڭ شەنجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىستېمال جەھەتتە، مۇھىم نۇقتا ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ كونكرېت ئۈچ تەرىپى بار: بىرىنچى، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، يېتىم بالىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى. ئىككىنچى، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئىستېمالىنىڭ سىجىل كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش. ئۈچىنچى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش-تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش. رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تەمىنات تەرەپنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىياجغا بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章