شىنخۇا سۇغۇرتىسىنىڭ سابىق باش مۇدىرى لى چۈەن قولغا ئېلىندى!
مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنخۇا ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى لى چۈەننىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا چېتىشلىق دېلوسى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشى بىلەن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە خىيانەتچىلىك جىنايىتى، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان لى چۈەننى قولغا ئېلىش قارارى چىقاردى. دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى
تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى