بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

时事   2024-10-12 09:01   北京  

تىزىملاپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق ھۆججەت تارقىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى

مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ئىجتىمائىي خىزمەت بۆلۈمى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە « ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 882 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، دۆلەتكە، جەمئىيەتكە، ئاممىغا، كەسىپكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ساھەسىدە يەنە نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت، ئالاقىدار تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. «پىكىر»دە تىزىملاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پائال رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

«پىكىر»دە قانۇن بويىچە تىزىملاپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تەرەققىياتقا پائال يېتەكلەش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«پىكىر» ئالدىن ئۇقتۇرۇپ ئەسكەرتىشنى يولغا قويۇش، مەسئۇل خادىم نامزاتىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئىچكى ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىچكى ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

نىڭشيادا بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章