ھەيىز مىقدارى ئاز بولۇش ۋە ئائىلىدە تەڭشەش ئۇسۇلى،ئاياللاركۆرۈڭ

文摘   2025-02-04 11:01   新疆  

ھەيىزمىقدارى قانچىلىك بولسا ئاز ھېسابلىنىدۇ؟

ھەيىز ئاياللارنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى. ھەيىز دەۋرى، داۋاملىشىش ۋاقتى، ھەيىز مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا چېتىلىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىلىنىكىدا ھەيىز مىقدارى 5ml دىن ئاز بولسا، ئاز ھىساپلىنىدۇ. نورمال ھەيىزنىڭ دەۋرىيلىكى 21 كۈندىن 35 كۈنگىچە بولىدۇ، ھەر قېتىمدا 2 كۈندىن 8 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، ئومۇمىي مىقدارى 20 مىللىلېتىردىن 80 مىللىلېتىرغىچە بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ھەممىسىنى نۇرمال دىيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ھەيز مىقدارى تۇيۇقسىز ئازىيىپ كەتسە، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ھەيز مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، كېسەللىك سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاندىن يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەش كېرەك.

01

ھەيىز مىقدارى ئاز بولۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

1. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى زەخىملىنىش

ئالدى بىلەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى بالىياتقۇ بوشلۇقى ئوپېراتسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى زىيانغا ئۇچراش، مەسىلەن، بالا چۈشۈرۈش، ھالقا سالدۇرۇش قاتارلىقلار؛ يەنە بىر خىلى، بەزى ئاياللار كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەسىلەن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە تۇبېركۇليۇزى قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيىز مەزگىلىدىكى ھەيىز مىقدارىنىڭ تۇيۇقسىز ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2. ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش

ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ بىنورماللىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەيىز مىقدارىنىڭ ئازىيىشىمۇ دائىم كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە بىمارلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش، كەيپىيات تۇاقسىز بولۇش قاتارلىقلار ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

3. بەدەن ئاجىزلىق

يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولماسلىق، تاماق تاللاش، تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشتىن كېلىپ چىققان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە يېنىك بولۇش ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەر-بۆرەك كېسەللىكى ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىكلەر ھەيىز مىقدارىنىڭ زىيادە ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

4. روھىي جىددىيلىك

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ روھىي بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، مۇشۇ سەۋەپتىن ھەيىز دەۋرى ئاسانلا قالايمىقانلىشىپ، ھەيىز مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ. روھىي جىددىيلىك، روھى بېسم قاتارلىقلار ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھەيىز مىقدارىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. تۇغما ئىرسىيەت ئامىلى

بەزى ئاياللاردا تۇنجى قېتىملىق ھەيىزدىن باشلاپ ھەيىزنىڭ مىقدارى باشقا ئاياللارنىڭكىدىن ئىزچىل ئاز بولىدۇ، بۇ نورمال ھادىسە بولۇپ، يەككە تەندىكى پەرق ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، بەزى كىشىلەرنىڭ تۇغما بالىياتقۇسى بىر قەدەر كىچىك ياكى ئىچكى پەردىسى بىر قەدەر نېپىز بولغاچقا، ھەيىز مىقدارى تەبىئىي ھالدا ئازىيىپ كېتىدۇ، زىيادە قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ نورمال ئەھۋالغا كىرىدۇ.

6. ياش سەۋەبى

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەيىز مىقدارى تەدرىجىي ئازلايدۇ، قىزلىق مەزگىلىدە ھەيىز قېنى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كېيىن ھەيىز قالايمىقانلىشىپ مىقدارى ئازلايدۇ، بۇ  نورمال ئۆزگىرىشىگە كىرىدۇ، دۆلىتىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ھەيىز توختاش يېشى ئادەتتە 45 ~ 55 ياش ئارىلىقىدا بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ ياش مەزگىلىدە ھەيىز مىقدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بۇ نورمال ئەھۋال. 

7. سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش

ئادەتتە سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرگەندىن كېيىن، بالىياتقۇنى تازىلاش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئاسانلا نېپىزلەپ كېتىدۇ، شۇڭا ھەيىز مىقدارى ئىلگىرىكىدىن ئازىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ.

02

ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەيىز مىقدارىنى تەڭشەيدىغان يېمەكلىكلەر

1. دۇريان

دۇريان كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇش، بەزى ئاياللار دۇريان يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، دۇريان بالىياتقۇنى تېخىمۇ ياخشى ئىسسىتىپ، تۇخۇمداننى ئاسراپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، سوغۇقنى ھەيدەش ئۈنۈمىگە ئېگە، يەنە ھەيىز قالايمىقانلىشىش، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

دۇرياننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاندىن سىرت، مېۋە پوستىنىڭمۇ پايدىلىق تەرىپى بار، دۇريان پوستىنى سۆڭەك شورپىسى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچكەندىن كىيىن بەدەندىكى سوغۇقنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ. دۇرياننى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا، يەنە بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنىڭ تېرىسىنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، بالدۇر قىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. قارا شېكەر

ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا قارا شېكەرنى كۆپ يەپ بەرسە، ھەيىز مەزگىلىدىكى بىئاراملىقنى پەسەيتىدۇ. چۈنكى قارا شېكەرنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش، بالىياتقۇنى ئىللىتىپ، سوغۇقنى ھەيدەش رولى بار.

قارا شېكەر تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇنى ئاسراشتا ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ، يەنە بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلايدۇ.

3. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ياكى پۇرچاق سۈتى

پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ياكى پۇرچاق سۈتى كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇش، بۇ خىل يېمەكلىك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بار بولۇپ، ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھورمۇن سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەڭشەپ، تۇخۇمداننى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

تۇخۇمداندىن چىققان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ساغلام بولۇشى يەنە كېيىنكى ئەۋلادلارغا پايدىلىق، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ پۇرچاق ياسالمىلىرىنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، بۆرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، يەنە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈشكە  پايدىلىق.

4. گۈلسامساق

گۈلسامساق تەركىبىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە ۋىتامىن مول بولۇپ، ئاياللارغا ئالاھىدە پايدىسى بار، ئۇ« تەبىئىي گىئالۇرونىدازا» دەپ ئاتىلىدۇ، دائىم گۈلسامساقنى ئىستېمال قىلغاندا، تېرىنى سىلىق، پارقىراق، ئېلاستىكلىققا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئاياللاردىكى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، تۇخۇمدان ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، تۇخۇمدان توكسىنىنى تازىلاپ، تۇخۇمداننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

5. ئەمەن يوپۇرمىقى

نۇرغۇن ئاياللار ئەمەن يوپۇرمىقىدا پۇت چىلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەمەن يوپۇرمىقى بىلەن تۇخۇمنى بىللە قاينىتىپ ئىستىمال قىلغاندا ئاياللارنىڭ بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، يەنە ئاياللاردىكى ھەيىز قالايمىقانلىشىش، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشىلاشقىمۇ ياردىمى بار.

ئەمەن يوپۇرمىقىنى مۇۋاپىق يېسە، قۇۋۋەت تولۇقلاپ قان تولۇقلاشقا پايدىلىق.

6. لۇڭيەن

ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا ئاياللارنىڭ قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلىشى ناھايىتى مۇھىم، لۇڭيەننىڭ قاندىكى ماينى بەلگىلىك تۆۋەنلىتىش رولى بار بولۇپ، سېرىق پىگمېنت ئاقسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ئادەمنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچىگ ئىگە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇخۇمدان ئىقتىدارى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.

7. قىزىلگۈل چېيى

قىزىلگۈل چېيى دورىلىق يېمەكلىك مەنبەداش بولغان «ئاياللار مۇقەددەس بۇيۇمى» بولۇپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيىز قالايمىقانلىشىش، سۈت بېزى ئۆسۈشنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ، قىزىلگۈل خۇش پۇرىقى ئېغىزنى ساپلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماينى كۆيدۈرۈپ ئورۇقلىتىپ، تۇخۇمداننىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ھەيىز مىقدارىڭىز نىسبەتەن كۆپ بولسا، قىزىلگۈل چېيىنى تاللىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بولمىسا ھەيىز مەزگىلىدىكى قان مىقدارى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىپ، سالامەتلىككە پايدىسىز بولىدۇ. 

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章