راك كېسىلى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ۋەھىمىلىك بىر ئىش، چۈنكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامان سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، پۈتكۈل ئائىلە ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، راك كېسەللىكى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بەدەندە بەزى بىنورمال سىگناللار پەيدا بولىدۇ، بىز ئادەتتە تەپسىلىي كۆزىتىدىغان بولساق، بۇنى بايقىماق تەس ئەمەس.
پۇت ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈرىكى، شۇنداقلا بەدەن ساغلاملىقىنىڭ« بارومېتىرى» ، بىزمۇ پۇتتىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىمىزنى بىلەلەيمىز، شۇڭا راك كېسىلى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى پۇتتا بىنورمال ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ، سەل قارىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
پۇتتا ئۈچ خىل« ئىز» پەيدا بولسا، راك ھۈجەيرىلىرى« قۇترىغان» بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
01
پۇت ئۇيۇشۇش
تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن پۇتنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ، ئارام ئالغاندىن كېيىن بەلگىلىك دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ
لېكىن، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر سىز بىر مەزگىل ئىچىدە پۇتىڭىزنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتىڭىزنىڭ ئاغرىش ئەھۋالى قوشۇلۇپ كېلىپ، ئارام ئالسىڭىزىڭىزمۇ پەسەيمىسە، بۇ چاغدا چوقۇم ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ، بۇ بەلكىم بەدىنىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بېسىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن پۇتىڭىزنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىش مەسىلىسى كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭا، تۇرمۇشتا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
02
پۇت بارمىقى ئىششىش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر سىز پۇتىڭىزدا بىنورمال سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغان ئەھۋالنى بايقىسىڭىز، ئەمەلىيەتتە بۇ بۆرەكنىڭ ساغلاملىقى زىيانغا ئۇچرىغاندىن سىرت، يەنە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قۇتراپ كەتكەنلىكىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.
چۈنكى بۆرەك زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مېتابولىزمىنىڭ ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇتتا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەندە ئۆپكە راكى پەيدا بولسا، ئۆپكە قان تومۇرلىرى زەخىملىنىپ، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
ۋېنا تومۇرىدا قان ئۇيۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق بولغاندا پۇتتا ئىششىق پەيدا بولىدۇ، شۇڭا تۇرمۇشتا چوقۇم پۇتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزىتىش كىرەك، سەل قاراشقا بولمايدۇ.
03
پۇت قىسمى ئىششىش
تۇرمۇشتا، ئەگەر سىز پۇتىڭىزنىڭ ئىششىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بۆرەك قۇرۇلمىسى زەخىملىنىدۇ، چۈنكى بۆرەك زەخىملەنسە، ئادەم بەدىنىدىكى سۇ ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يېتىدۇ.
بەدەندىكى زەھەر ۋە سۇنى ۋاقتىدا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇتتا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر كەينى-كەينىدىن پۇتتا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، ئۆپكىدە راك ھۈجەيرىلىرى پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭا تۇرمۇشتا چوقۇم ئۆپكىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك، يەنە كېلىپ بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك، بولمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ