ئەما نازىنىن 66-قىسىم

文摘   2025-01-30 12:07   新疆  


ئەما نازىنىن

بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ  

66- قىسىم

-تولا ئاچچىقىمنى كەلتۈرمىگىنە، بىرنى دەپ بولغىچە ئوننى دەپ، چاپىنىڭنى تەتۈر كىيدىكەنسەن. ئۇ خوتۇنچۇ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى مېنى يېڭىش، مانا سوتتا يەڭدى تۈگىدى دېگەن گەپ، -دېدى ھەسەن.
-ئۈستۈمدىن ئەرز قىلمايدىغىنىنى سەن نەدىن بىلىسەن، ئىتمۇ ئاچچىقى كەلسە ئادەم چىشلەيدۇ. ئۇ خوتۇن ناۋادا ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۈستۈمدىن ئەرز قىلىپ مېنى ساقچىخانىغا سولىتىۋەتسە مەن ئۇ چاغدا ھەممىنى دەۋىتىمەن. سېنىڭ مېنى كۈشكۈرتۈپ ماڭا پۇل بېرىپ ئۇ خوتۇننى ئازدۇرۇپ، ئىسپات قىلىش ئۈچۈن سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتىپ بېرىشكە بۇيرىغىنىڭنى دەيمەن شۇ، بولمىسا بىكاردىن -بىكار مەن ياتامدىمەن تۈرمىدە، -دېدى قۇربان بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىپ.
-ۋاي لىڭتاسما،ساتقىن گۇي، پۇل خەجلەيدىغان چاغدا چاترىقىمغا كىرىپ، ۋاي ئاداش دېسەڭ ئاداش دەپ خوشامەت قىلىپ ھېچ ھالىڭ قالمايدۇ. مانا ئەمدى باشقا كۈن چۈشسە سەنمۇ چىشلەپ تارتىمەن دەيسەن، زادى بۇ جاھاندا ھەقىقىي دوستلۇق يوق ئوخشايدۇ. باشقا كۈن چۈشسە ھەممىسى تەڭ چىشلەيمەنلا دەيدىكەن، ئىسىت ساڭا بەرگەن پۇللار. ئەگەر ئۇ پۇللارنى ساڭا بەرمەي ساقلاپ قويغان بولسام، ھېچ بولمىسا ھازىر تۆلەم پۇلىغا بولسىمۇ بەرگىلى بولاتتى. ھىلىمۇ ساڭا ئالدى -كەينى بولۇپ يىگىرمە-ئوتتۇز مىڭ يۈئەن پۇل بېرىپ بولغاندىمەن، -دېدى ھەسەن لازىدەك قىزىرىپ تۇرۇپ.
-مە…مەن…شۇ…سەل قوقۇنچاق، خوتۇنۇڭنىڭ كۆزى كۆرمىگەچكە ، ئازدۇر دېسەڭ ماقۇل دەپتىمەن. ئەمما ئۇ خوتۇننىڭ بۇنداق يامانلىقىنى مەن نەدىن بىلەي، مەنمۇ شۇ قورقۇپ دەپ قويغان گەپلەر ئۇ، سەنمۇ ۋاقتى كەلسە دوستلۇققا يارىمايسەن. خوتۇنۇڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماڭا ۋاي دەپ پۇل ئېتىپ قويغىنىڭ بىلەن، باشقا ۋاقىت بولسا بىر رۇمكا ھاراقنىمۇ بىكارغا ئىچكۈزمەيسەن ئادەمگە،سەن تىجارەتچى بىز تاش ساناپ بولغىچە، سەن قۇم سانايسەن. مەنمۇ ئامالسىز قالمىغۇچە سېنى چىشلەپ تارتمايمەن، -دېدى قۇربان.
-خاتىرەڭنى جەم قىل، ئۇ خوتۇن مىنىڭچە ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىپ قالسا، ئۆزىمۇ جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. سېنىڭ ئۈندىدارىڭنى، ساڭا دەپ قويماي سەن خەۋەرسىز ھالدا ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا ئېچىۋالغىنى بۇمۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەن. شۇڭا ئۇ ئالدىراپ ئەرز قىلمايدۇ، پەقەت مەندىن ئالىدىغاننى ئالسىلا بولدى. شۇڭا ئۇنچە غەم قىلىپ ئادەمنى چىشلەپ يۈرمە، -دېدى ھەسەن.
-ئۇھ…ئۇنداق بولسىغۇ مەيلى، -دېدى قۇربان يۈرىكىنى تۇتۇپ.
-قورقۇنچاق بىر گۇيكەنسەن ھەي، تاسلا قالدىڭ ئىشتانغا چىقىرۋەتكىلى، مېنىڭ ئالدىمدا مۇشۇنداق تىترەپ تۇرساڭ، ساقچىنى كۆرسەڭ جېنىڭ چېقىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ، بولدىلا ساڭا گەپ قىلىپ ئېغىز ئۇپىرتىپ يۈرگىچە، يەنىلا قانداق قىلىپ ئاۋۇ خوتۇن تەلەپ قىلغان تۆلەم پۇلىنى بەرمەي قۇتۇلغىلى بولىدىغان ئامال ئىزدەيچۇ؟ ساڭا ئىشىنىپ بەرگەن پۇللىرىمنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقتىڭ، ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دەپ، ئۆزۈمگىمۇ ئاز، زىيان ئۈستىگە، زىيان بولۇپ، -ھەسەن شۇنداق دېگىنىچە پىشىنى قېقىپلا كېتىپ قالدى.
-ئاناڭنى ماز گۇي، ئادەمنى يامان كېچىككە كىرگۈزۈپ قويدى دېسە. تېخى مەندىن خاپا بولۇپ كېتىشىنى قانداق قىلاي. نەچچە يىل بىر ئۆيدە ياشىغان خوتۇنىنىڭ قانداقلىقىنى ئۆزى بىلمەيدۇ، مەن تۈزۈك ئارلىشىپ باقمىسام نەدىن بىلىمەن. ھىلىمۇ ناھايتى تەستە ئۇچرىشىپ ئاران سۈرەتكە تارتىۋالغانتىم، ئەجەپ قاقۋاش خوتۇنكەن ئۇ. مېنىمۇ ئۇسسۇلغا ساپتۇ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ھىلىقى چاغدا كېچىسى ئىككى مىڭ يۈئەن پۇلنى شۇ خوتۇن ئۆزى ئېتىۋاپتىكەن-دە. مەن ئۇقماي تېخى مەستلىكىمدە ئۆزۈم ئاتقان ئوخشايمەن دەپتىكەنمەن، ھەرقانچە مەست بولساممۇ بىرەر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك خۇدۇمنى يوقاتقۇدەك مەسىت بولمايتتىم. شۇ قېتىم بولاق ئاتقىنىمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسلىيەلمىگىنىم بىكار ئەمەس ئىكەن. بەزىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپلا، ماۋۇ ياۋاش، ساددا ئىكەن. ماۋۇ بەك يامان شەرەنداز ئىكەن دەپ باھا بەرگىلى بولمايدىكەن جۇمۇ. ھەي قانداق قىلسام بولار؟ ئۇ خوتۇننى ئۈندىداردىن يۇيىۋېتەيمۇ ياكى قويۇپ قويغاچ تۇرايمۇ؟ ئەگەر ئەرز قىلىپ قالسا قانداق قىلارمەن، ساقچىلار ھەرگىز مېنى بوش قويىۋەتمەيدۇ. بۇ دېگەن قىپقىزىل ئالدامچىلىق جىنايىتى. ھەسەن دېگەن ھەزىلەك گۇينىڭ بەرگەن ئىككى تۆتتال پۇلىنى دەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئەجەپ ئىش قىپتىمەن.يەنە تېخى بۇ ئىشىم سىرتقا يېيىلىپ كېتىدىغان بولسا چاتاق، ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىنى بىراقلا تۆكىمەن. بولۇپمۇ دادام يۈزىنى بەك ئايايدىغان ئادەم ئىدى. پوق يەپتىمەن ئەمەسمۇ، ئەمدى بولار ئىش بولدى ئەسلىگە كەلمەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى گۆھەرنىسادىن كەچۈرۈم سوراي، گۆھەرنىسادىن كەچۈرۈم سورىساملا ئۇ بەلكىم ئەرز قىلماسلىقى مۇمكىن، گۆھەرنىسا ئەرز قىلمىسىلا باشقىلار بۇ ئىشنى ئانچە بېلىپ كەتمەيدۇ، -دەپ ئويلىغان قۇربان تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن تېلېفوننى ئېلىپ يامان تەستە گۆھەرنىساغا ئۇچۇر يازدى.
گۆھەرنىسا بۇ چاغدا ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسى، يەڭگىسى بىلەن چۈشلۈك تاماق يەپ ئولتۇرغان بولۇپ، گۆھەرنىسانىڭ كۆڭلى جايىدا بولمىغاچقا قولىدىكى ئاشنى ئايان-مايان ماتىلاپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ تېلېفونغا قارىغۇدەك ھەپسىلىسى يوق ئىدى.
-بالام كۆپ ئويلىنىپ كەتمەڭ، ئۈمىدجانمۇ چوڭ بولدى، گەپ قىلساق ئىشنىڭ تىگى-تۆپىنى بىلەلىگۈدەك بولدى. بەك بولمىسا ئۇنىڭغا چىرايلىقچە چۈشەندۈرەرمىز، تۈنۈگۈن سوتقا كىرگەندە باشتا ھەسەننىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. گەرچە سىزگە ئىشەنسەممۇ، مەن ئىشەنگەننىڭ قىلچە پايدىسى يوق ئىدى. سوتچىلار پاكىتقا قارايتتى. كېيىن سىزنىڭ بايانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئەقلىڭىزگە قايىل بولدۇم، شۇنچىلىك ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزىڭىزنى ئاقلاشقا ئىسپات توپلىيالاپسىز. بۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، سىز كىچىكىڭىزدىن قەيسەر، مەغرۇر بىر قىز ئىدىڭىز. ھەسەن دېگەن ئىپلاسنىڭ ئۆيىدىمۇ شۇ بالام دەپلا جاپا تارتىپ، ھاقارەتلىنىپمۇ چىداپ كەپسىز. ئەمدى يەنە بىر غەيرەت قىلىڭ، ياخشىلارنىڭ يولى ھامان ئوچۇق بولىدۇ. ھازىر ئۈمىدجان دادىسى بىلەن بىللە تۇرسىمۇ، قورسىقىم ئاچتى ئاش-نان بارمۇ؟ دېگۈدەك بولدى. ئۆگەي ئانىسى بولغان ھالەتتىمۇ ئۇ دېگەن ئوغۇل بالا ئانچە بوزەك بولۇپ كەتمەيدۇ. ئىليارنىڭ مەكتىپى ئۈمىدجاننىڭ مەكتىپىنىڭ يېنىدا بولغاندىكىن كۈندە ئىلياردىن ئەھۋال ئۇقۇشۇپ تۇرالايمىز، كۆرگىڭىز كەلسە، ئەسئەت سىزنى مەكتەپ ئالدىغا ئاپارسا ئۇنى مەكتەپ ئالدىدىلا كۆرۈۋالارسىز. ھىلىتىن بۇنداق تۈگىشىپ كەتسىڭىز، كېيىن قانداق قىلىسىز، ئىليار بىلەن ئۈمىدجان بۇ ھالىتىڭىزنى كۆرسە كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، -دېدى ئەمەتجان. ئاشنى تۈزۈك يېمەي ماتىلاپ ئولتۇرغان گۆھەرنىساغا قاراپ.
-دادا سىزمۇ قىزىقكەنسىز، ھەسەن دېگەن لاۋزا گۇيغا بوزەك بولىۋەرسەك، بىزنى مۇشۇنداق ياۋاش ئادەملەر ئوخشايدۇ دەپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئويلاپ بېقىڭە ئىككىنجى قېتىملىق سوت ئېچىلىشقا ئاز قالغاندا ھەسەن سىڭلىسى تۇرسۇنگۈل دېگەن پاسكىنا بىلەن بىرلىشىپ ئاچامغا تۆھمەت چاپلاپ ، ئاچام نەچچە كۈن ساقچىخانىدا تۇرۇپ قىلىپ سوتقا قاتنىشالمىدى. ئاچام ساقچىخانىدىن كىلىپ بولغىچە ئانام بىلەن سىز ئاچامدىن ئەنسىرەپ يىغلاپ كۆزۈڭلاردىن ياش قۇرىمىدى. ئاچام ئاقلىنىپ قايتىپ كىلىپ ئەرز قىلايمۇ دېگەن چاغدا سىز يەنىلا كەڭ قورساق بولايلى. خەخ قىلغاننى قىلمايلى دەپ ئاچامنى توختىتىپ قويدىڭىز. ئاچامدىن ئەنسىرەپ يىغلىغان يىغىلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە بولدى. ئەگەر شۇ چاغدا ئۇ ئەبلەخلەرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ تىگىشلىك جازاسىغا تارتقان بولساق سەل ياۋاشلىشىپ قالاتتى. ئۇ چاغدا بىز ئەرز قىلمىغاندىكىن بىزنى قورققان ئوخشايدۇ دەپ كۆرەڭلەپ تېخىمۇ ئاتىكاچىلىشىپ قالغان خەخلەر ئۇ. ھازىر يەنە بوپتۇ دەپ ئۈمىدجاننى بېرەۋەتسەك ، بىچارە بالا ئۇ ئۆيدە قىينىلىپ قالىدۇ. ئاچامنىڭ پوكىنىدىن ئايرىلماي يۈرىيدىغان تۇرسا، ئانا مېھرىدىن ئايرىلسا نىم بوپ كېتەر، -دېدى ئەسئەت دادىسىغا قاراپ سەل خاپا بولۇپ.
-بالام سوتتىن ھۆكۈم چىقىپ بولدى، ئەمدى قارشىلاشقىلى بولمايدۇ. ھەسەننىڭ بۇرۇنقى خوتۇنلىرىدىن بىرە ئىككى بالىسى بولغان بولسا، يەنە بىر كۈچەپ تالىشىپ باقساق بولاتتى. نەخ كىلىپ ئۇ ھەزىلەكنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنلىرىدىن بالىسى يوقكەن ئەمەسمۇ، شۇڭا مەيلى سوتچى بولسۇن ياكى خەلىق ئىشلار ئىدارىسى بولسۇن، بالىنى ھەسەنگە بۇيرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىزباسار ۋارىسى بولمىسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بىز ھەرقانچە تىركەشسەكمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىمىز،ئاچاڭنىڭ ئىزباسار ۋارىسى بولۇشقا ئىليار بار ئەمەسمۇ.
ئۈمىدجانمۇ كىچىك بالا بولمىغاندىكىن، ئانىسىنى سېغىنسا كىلەلەيدۇ، بۇنىڭدا بەك چىڭ تۇرىۋىلىپ كېيىن يەنە بىرەر چوڭراق ئىش چىقىپ قالسا تېخىمۇ ھەسرەتتە قالىمىز. ھەسەن دېگەن گۇينىڭ قولىدىن ھەر بالا كىلىدىكەن، بۇ قورققانلىق ئەمەس، بەلكى بىر قەدەم چېكىنىپ تېخىمۇ چوڭ ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش بولىدۇ. «ياماندىن يار بويى قاچ» دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ سەن بالام، -دېدى ئەمەتجان ئەسئەتكە قاراپ.
-داداڭلار توغرا دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەر ئىشلار كىلىدىكەن، مەنمۇ ئۈمىدجان بالامغا چىدىمايمەن، بىراق كېيىن تېخىمۇ چوڭراق ئىش چىقىپ سىلەردىنمۇ ئايرىلىپ قىلىشقا تېخىمۇ چىدىمايمەن، شۇڭا ھازىر گالدىن ئۆتكەننى يەپ مەزمۇت تۇرۇپ، ئاۋال بىر ئاجرىشىش خېتىنى قولىمىزغا ئېلىپ ھەسەن دېگەن ئىتنىڭ بالىسىدىن بىر قۇتۇلايلى. قالغان ئىشلارنى كېيىن ئويلىشارمىز، -دېدى بىر چەتتە جىممىدە ئولتۇرغان مەرەمخان گەپ قىستۇرۇپ. بۇ چاغدا ھەممەيلەن جىم بولۇپ تاماقلىرىنى يېيىشتى. گۆھەرنىسامۇ سەل ئۆزىگە كىلىپ تاماقنى يەپ قاچىنى بىكارلىدى. تاماقلار يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا ئېتىزدا ئىش قىلغىلى بولمىغاندىكىن، بىردەم ئارام ئېلىش ئۈچۈن ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىشتى. گۆھەرنىسا ھۇجرىسىغا كىرىپ تېلېفونغا قولىغا ئالغان ئىدى. ئۇچۇر كەلگەنلىك سىگىنالى كەلدى.





نادىر ئەسەرلەر


دىللارغا سەنەم

بەخە قولدىن كەتكەندە

چار داستىخان

كېلىنچەك

زامانىۋى سىزىك

تويلۇق



BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章