تۇز دورا-دەرمەك بولۇپ، قورۇما قورۇغاندا كەم بولسا بولمايدىغان دورا-دەرمەك. يېمەكلىكنى تۇز بىلەن ماسلاشتۇرمىغاندا، يېمەكلىك ئۇنداق يېيىشلىك بولمايدۇ، بولۇپمۇ قورۇلغان يېمەكلىك تېخىمۇ يېيىشلىك بولماي قالىدۇ.
گەرچە تۇز بىر خىل زۆرۈر بولغان، كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇم بولسىمۇ، ئەمما تۇزنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنىمۇ كونترول قىلىش كېرەك. تۇز مۇۋاپىق ياكى ئاز ئىستېمال قىلىنسا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، لېكىن، كۆپ ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق.
ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن تەمى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىكلەر بار، بولۇپمۇ تۇزلانغان كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۇز مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىنسا سالامەتلىككە زىيانلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان تۇز مىقدارى ئېشىپ كەتسە، بەدەندە بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بەدىنىڭىزدىكى بۇ ئۈچ خىل ئالامەت تۇزنى كۆپ يەۋەتكەنلىكىڭىزنى، مىقدارىنى ئازايتىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
بىرىنچى ئالامەت: دائىم ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىش
تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئېغىز ناھايىتى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇ بىلەن تۇز تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئېغىز قۇرۇغاندەك ھېس قىلىدۇ، چوڭ مېڭە سىگنال قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئېغىز قۇرۇش سىگنالى چىقىرىدۇ. سىزنىڭ تۇيۇقسىز ئۇسساشنى ھېس قىلغىنىڭىز، بەلكىم سىز بەك تۇزلۇق تاماق يەپ، تۇزنى بەك كۆپ يەۋەتكەنلىكىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئادەتتە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچى ئالامەت: دائىم كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىش
ئادەم بىر مەزگىل ئىچىدە كۆپ قېتىم كىچىك تەرەت قىلسا، بىز ھەمىشە سەۋەبىنى سۇنى كۆپ ئىچىش دەپ قارايمىز، ئەمما ئەمەلىيەتتە بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان تۇز مىقدارى ئېشىپ كەتسە، كۆپ قېتىم كىچىك تەرەت قىلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇزنىڭ مېتابولىزم ئورنى بۆرەك بولۇپ، بەدەن تۇزنى ھەددىدىن زىيادە قوبۇل قىلغاندا، بەدەن« ئىسمېنا قوشۇپ» ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى ئالامەت: بارماق توملىشىپ كېتىش
ئادەتتە، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى بارماقنىڭ توم-ئىنچىكىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئاشسا ھەمدە دائىرىسى چوڭايسا، بارماقمۇ توملىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىڭىزدا ئۆزگىرىش بولماي، بىر بارمىقىڭىزدا توملىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ قوبۇل قىلغان تۇز مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، بۆرەك زەخىملىنىپ، سۇ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارمىقىڭىزدا توملىشى ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەندە يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە كۆپرەك دىققەت قىلىش ھەمدە ئادەتتىكى يېمەك-ئىچمەك جەريانىدا تۇز قوبۇل قىلىشنى كونترول قىلىش، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.