ئەما نازىنىن
بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ
67- قىسىم
گۆھەرنىسا تېلېفوننى ئېلىپ كەلگەن ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلىدى.
-تىشلىقمۇ گۆھەرنىسا، مەن قۇربان، كەچۈرۈڭ مەن خاتا قىپتىمەن، ھەسەننىڭ كەينىگە كىرىپ بەزى بولمىغۇر ئىشلارنى قىپتىمەن، سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. مەندەك ئەقىلىسىز پۇلغا دۈم چۈشكەن نامەردنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ؟ -دېگەن ئۇچۇر ئىدى. گۆھەرنىسا كارۋاتقا چىقىپ يانپاشلاپ يېتىپ تۇرۇپ ئۇچۇر قايتۇردى.
-سىز مېنىڭ نېمەمتىڭىز، خەخ دېگەن بەرىبىر خەخلىقىنى قىلىدۇ. ھەسەندەك ھايۋان مىجەز ئادەمنىڭ يېنىدا ئۆزىگە ئوخشاش ھايۋانلار بولماي يەنە كىم بولاتتى. ئەپسۇس بۇرۇنراق ئەپتى بەشىرىڭىزنى بىلەلمەپتىمەن. خىلى ۋىجدانى بار ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى بىلىدىغان مەيدىسىدە تۈكى بار ئەركەك ئىكەن دەپتىمەن. ھىلىمۇ ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئېڭىم كۈچلۈك بولغاچقا بەزىبىر چالغان دىپىڭىزغا ئۇسسۇل ئوينىماي، غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قاپتىمەن. بولمىسا ئەل ئالدىدا شەرمەندە بولار ئىكەنمەن.خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئايگۈل خانىم توغرا دەپتىكەن. ياخشى كىشىلەرگە ھامان ياخشىلىق ھەمراھ بولىدۇ. ياخشىلىق نۇرلۇق چىراغ بولۇپ ھەرۋاقىت يوللىرىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قەلبىدە يامانلىقى بار كىشىلەر ھامان جاجىسىنى يەيدۇ، پارتىيە- ھۆكۈمەت قۇۋلۇق-شۇملۇق قىلىپ باشقىلارغا، ئەل-يۇرتقا زىيان سالىدىغان قەلبىدە يامانلىق ئۇرۇقى باراقسانلىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدۇ، دېگەن ئىدى. باشتا ئىشەنمەپتىكەنمەن، ئەمدى ئىشەندىم نىيىتىم دۇرۇس بولغاچقا سىلەرگە ئوخشاش چېرىندىلەرنىڭ سۈيقەستىنى بالدۇر بايقاپ ئۆزۈمنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىيالىدىم. يۈز-ئابرويۇمنى ساقلاپ قالدىم. سىلەرنى ھايۋانغا ئوخشاتساقمۇ ھايۋانلارغا ئۇۋال قىلىپ قويىدىكەنمىز، چۈنكى ھايۋانلارمۇ مېھىر-مۇھەببەتنى بىلىدۇ. توشقان جېنىدا ئۇۋىسى يېنىدىكى ئوتنى يېمەيدۇ. ئىت جېنىدا قىلغاننى بىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ سىزنىڭ ئانىڭىز ئايال كىشى ئەمەسما؟ ئاچا ياكى سىڭلىڭىز يوقمۇ؟ ئەگەر سىزنىڭ ئاچىڭىز ياكى سىڭلىڭىزنى باشقىلار ئالداپ ھۆل خىشقا دەسسىتىپ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلسا ئاچچىقىڭىز كىلەمدۇ، ياكى ئوبدان قىپتۇ دەپ چاۋاك چالامسىز. قاغا بىلەن بىر بولساڭ يېيىشىڭ پوق دەپ، ھەسەن بىلەن بىللە يۈرۈپ گىزى كەلسە پۇل ئۈچۈن ئانىڭىزنىمۇ سېتىشنى ئۆگىنىپسىز، ئىسىت ئەركىشى بولۇپ قالغىنىڭىز،ئىككى تۆتتال پۇلنى دەپ ماڭا ئوخشاش ئىككى كۆزى كۆرمەيدىغان ئاجىز بىر ئايالنى تاۋكادىكى ھوشۇقتەك ئالىقىنىڭىزدا ئوينىتىپ، پىقىرتىپ يۈرەك باغرىمنى ئەزگۈچە، ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ پۇل تىپىپ خەجلىسىڭىز بولمامدۇ؟ -دېدى گۆھەرنىسا ئۇچۇرىدا.
گۆھەرنىساغا ئۇچۇر قىلىۋىتىپ، ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ ئۈزمەي تاماكا چەككەچ ئۇچۇرىغا جاۋاب كۈتىۋاتقان قۇربان، بىر چاغدا تېلېفونىغا تاراڭشىپ ئۇچۇر كەلگىنىنى ئاڭلاپ دەرھال تېلېفوننى ئېچىپ ئۇچۇرغا قارىدى. ئۇ گۆھەرنىسانىڭ بىر-بىرىدىن قاتتىق گەپلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ قىلغان قىلمىشىنىڭ ھەقىقەتەن ھايۋاندىن ئۆتەر ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇنىڭغا گۆھەرنىسانىڭ پۇلنى دېسە ئانىڭىزنىمۇ سېتىشنى ئۆگىنىپسىز دېگەن گېپى بەكلا ئېغىر كەلدى. ئەمما ئۇ گۆھەرنىساغا قاتتىق گەپ قىلالمىدى.
-مە…مەن…شۇ…كەچۈرۈڭ، -دېگەن گەپنى ئاران دېيەلىدى قۇربان.
-ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەمەلىيەتتىمۇ ئىككىمىز ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق ئىدى. ئەسلى بۇرۇن يەڭگەم رۇشەنگۇلگە ئېتىپ بەرگەن، ۋە ماڭا ئېتىپ بەرگەن پۇللارنى ھېسابلاپ ساقلىۋالغان ئىدىم. ھامان بىركۈنى پۇل تاپىمەن ئەنە شۇ چاغدا پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس ئۇ پۇللار دەل ئۆزۈمنىڭ پۇلى ئىكەن، سىز يېنىڭىزدىن چىقارماپسىز بەلكى ھەسەن سىزگە ئېتىپ بەرگەن پۇللارنى ماڭا بېرىپسىز. دېمەك ئۇ ئۆزۈمنىڭ پۇلى، شۇڭا سىزگە قايتۇرمىساممۇ بولىدۇ.خوش ئەمىسە؟ -گۆھەرنىسا ئەنە شۇنداق دەپ ئۇچۇر قايتۇردى. قۇربان قاققان قوزۇقتەك تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. ئۇ نېمە دېيىشنى، نېمە قىلىشنى ئۇقمايتتى. دېمىسىمۇ ئۆزىنىڭ قىلغىنى خاتا تۇرسا، ئۇنچىلىك دەشنام ئاڭلاش ئۇنىڭغا ھەقلىق ئىدى. قۇربان يەنە غەيرەتكە كىلىپ.
-مەن…مەن…بۇنىڭدىن كىيىن، دەپ ئايىغىنى يازالمايلا ئۇچۇرنى يوللىۋەتتى. ئەمما بۇ ئۇچۇر ماڭمىدى. چۈنكى گۆھەرنىسا ئۇنى ئاللىقاچان ئۈندىداردىن يۇيىۋەتكەن ئىدى. قۇربان شۇ ئولتۇرغىنىچە ئۆستەڭ بويىدا كەچ كىرگۈچە ئولتۇرۇپ كەچتە قورسىقى تېخىمۇ ئېچىپ دۇمباق چالغىلى تۇرغاندا ئۆيىگە كېتىپ قالدى. ھەسەن بولسا چۈشتە قۇرباننىڭ يېنىدىن ئۇدۇل سىڭلىسى تۇرسۇنگۈلنىڭ يېنىغا باردى، ئۇ سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئانىسى تۇنساخانمۇ شۇ ئۆيدە بولۇپ، بۇ ئانا -بالا ئىككىسى ھەدەپ گۆھەرنىسانى غاجاپ، تىللاپ ئولتۇراتتى.
-كەلدىڭمۇ ئاكا، تۈنۈگۈن ئىشىم چىقىپ كىلىپ سوتقا سىلەر بىلەن بىللە كىرەلمىگەن ئىدىم، ھازىر ئانامدىن ھەممە ئىشلارنى ئاڭلىدىم. بۇ گۆھەرنىسا دېگەن قارىغۇ ئەجەپ يامان پاسكىنا ئىكەن بۇ. بىزنىڭ خىيالىمىزدا يوق ئىشلارنى قىلىپ يۈرىيدىكەن. باشتا گەپ قىلماي يۈرسە خىلى بىي ياۋاش ئىكەن، ئاسانلا دېگەن كېچىكىمىزگە كىرگۈزۈپ باپلىيالايدىغان ئوخشايمىز دەپتىكەنمەن، ئەسلى زاكىدا پىشىپ قالغان، قاغجالما ئىكەن ئەمەسمۇ، ھۇ ئۆلمەيدىغان بىر نېمە، بېشىڭنى يەسەن، ئۆلۈكۈڭنى ئىت يەپ سۆڭەكلىرىڭمۇ قالمىغاي، -دېدى تۇرسۇنگۈل ، ھەسەن ئىشىكتىن كىرىشىگىلا، ئېغىز-ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ.
-سەنمۇ بولساڭ بوشراق ۋاتاقلىغىنە بېشىمنى ئاغرىتماي، ھىلىمۇ بولار ئىش بولدى. ئەمدى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ھىلىقى تۆلەم پۇلىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشەيلى. بانكىدىكى پۇللارنى بۇرۇنلا سېنىڭ كارتاڭغا يۆتكەپ ئوبدان قىپتىكەنمەن، بولمسا ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى شۇ قارىغۇنىڭ بولۇپ كېتىدىكەن. ئېغىزىڭنى مەھكەم يۇمۇپ يۈر، ئۇ پۇلنىڭ ئىشىنى ھېچكىم ئۇقۇپ قالمىسۇن، ھازىر سوتتىن مېنىڭ ھېساۋاتىمنى تەكشۈرۋاتىدۇ. مال-مۈلۈكۈمنى ئىنىقلاپ ئاندىن قارار چىقىرىدىغان بولغان، ناۋادا بۇ پۇللارنىڭ سېنىڭ كارتاڭغا يۆتكىۋەتكىنىمنى بىلسە، سەندىن ئېلىپ ئۇ خوتۇنغا بۇيرۇپ بېرىدۇ. ئۇ چاغدا مەن قاق سەنەم بولۇپ قالىمەن، يەنە بىر خوتۇن ئالىدىغان پۇلۇم يوق بولىدۇ، -دېدى ھەسەن چىرايىنى سەت پۈرۈشتۈرۈپ.
-ماقۇل ئاكا خاتىرجەم بول، ئۇ پاسكىنىغا ھېچنېمە بەرمەيمىز، ئۇ قارىغۇ خوتۇندىن ئاجرىشىپلا پىچەت خوتۇندىن بىرنى ئېلىپ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەت تازا، ئانامدىن ئاڭلىسام لايىق تىپىپ بوپسەن، ئۇ ئايال خىلى پۇزۇر ، لاتاپەتلىك چىرايلىق ئىكەن.شۇ ئايال بىلەن توي قىلساڭ مەنمۇ بىر كوچىلاردا ماۋۇ مېنىڭ يەڭگەم دەپ پوچى كەينىمگە سىلىپ يۈرەيچۇ؟ -دېدى تۇرسۇنگۈل.
-ھە بولدى…كەچكىچە كوتۇلدايدىكەنسەن، قۇرۇق گەپكە قورساق تويامدۇ؟ قارا ئەتتىگەندىن بېرى تۈزۈك بىر نېمە يېمەي قورساق كۇكىراپ كەتتى. تاماق ئەتمىدىڭمۇ؟ -دېدى ھەسەن.
-ۋاي …ئەستا، قورسىقىڭ ئاچقانمىدى. مەن شۇ ئانام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق ئېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئۆيدە ياغ، ۋە تۇز قالماپتىكەن مەن بازارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كەم نەرسىلەرنى ئېلىپ كىلىپ تاماق قىلاي، سىلەر ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، ھىلى ئېرىم كەلسىمۇ قورساق ئاچتى دەپ كېلىدۇ. ئىنىسى بىلەن ئالمىلىق باغقا كەتكەن ئىدى،-دېدى تۇرسۇنگۈل. ئۇ شۇنداق دەپ ئۆيگە كىرىپ پۇتىغا ئاياغ كېيىپ چىقىپ سىرتقا ماڭدى.
-نېمىدە بارىسەن بازارنىڭ ئالدىغا، بىزنىڭ ئۆيغۇ بازارغا يىقىن ئىدى. بۇ سېنىڭ ئۆيۈڭ بازارغا خىلى يىراق، -دېدى ھەسەن.
-دەرۋازا ئالدىغا چىقسام، بىرەر كىراكەش ئۇچىراپ قالار، توكسىكلىتنى ئېرىم ئىنىسى بىلەن مېنىڭ باغقا مېڭىپتۇ. قىين ئىنىمنىڭ ماشىنىسى بار ئىدى، ئاۋۇ دەرۋازا ئالدىدا توختىتىپ قويغىنى شۇ ئىدى. ئالمىلىق باغقا ماڭىدىغان يول تار بولغاچقا ماشىنىنى قويۇپ، قويۇپ توكسىكىلىتتا كېتىپتۇ، شۇڭا قاتناش يوق بولۇپ قالدى، -دېدى تۇرسۇنگۈل.
ماشىنىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەسەننىڭ بىر يەرلىرى قىمىلداپ قالدى ۋە.
-قىيىن ئىنىڭنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچى بارمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى بايا قىين ئىنىم ئولتۇرغان ساپانىڭ ئۈستىدىلا تۇرىدۇ، مەن يا ماشىنا ھەيدىيەلمىسەم، شۇڭا جايىدا قويۇپ قويدۇم ئاچقۇچنى، -دېدى تۇرسۇنگۈل ئاكىسىغا سوئال نەزەرى بىلەن قاراپ.
-ئۇنداق بولسا ياخشى، ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقە، سەن ھەيدىيەلمىسەڭ مانا مەن ھەيدىيەلەيمەن، سەن يولدا كىراكەشكە ساقلاپ، كىراكەش نىكەمدە كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈملا ئاپىرىپ ئەكىلەي، -دېدى ھەسەن سەل جانلىنىپ.
-ئاكا سېنىڭ پىراۋاڭ بولمىسا، ماشىنىنى ھەيدىسەڭ بولارمۇ؟ -دېدى تۇرسۇنگۈل سەل ئىككىلىنىپ.
-ۋايۋاي…چوڭ ئانام، سىلىنى بىرسى قاتناش ساقچىلىقىغا قويمىغاندىكىن، گەپنى ئاز قىلىپ ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقىلى ھە، بۇ دېگەن شەھەرنىڭ يولى ئەمەس، ماڭدامدا بىر قاتناش ساقچىسى چارلاپ يۈرىيدىغان، يېزىنىڭ يوللىرىدا قاتناش ساقچىسى نىمىش قىلىدۇ. بازارنىڭ ئالدىغا بېرىپلا ئالىدىغاننى ئالساڭ بىردەمدە يېنىپ كىلىمىز، -دېدى ھەسەن. تۇرسۇنگۈل ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئۆيگە كىرىپ ساپانىڭ ئۈستىدىكى ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقىپ ئاكىسىغا بەردى. ھەسەن ئاچقۇچنى ئېلىپ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ماشىنغا چىقتى. تۇرسۇنگۈل ئۇنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇردى. تۇنساخان بۇ ئاكا -سىڭىل ئىككىسىنىڭ گېپىگە ئارلاشماي ئولتۇرۇپ ئۇلاربازارغا ماڭغاندىن كېيىن ئۇخلاش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.
تۇنساخان بۇ ئىككى بالىسىنىڭ مۇشۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە ساق قايتىپ كىلەلمەيدىغانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن، ئۇ شېرىن چۈش كۆرۈپ ياتاتتى.
نادىر ئەسەرلەر