1. پالەك
تەييارلاش ئۇسۇلى: بىر سىقىم يىڭى پالەكنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، مۇۋاپىق دورا-دەرمەك ۋە ئۇننى تەكشى تۇرۇپ، 10 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ ئېستىمال قىلسا بولىدۇ.
ئۈنۈمى: پالەك تەركىبىدە مول يوپۇرماق كىسلاتاسى بولۇپ، دائىم ئېستىمال قىلسا تۇخۇمدان راكى پەيدا بولۇش نىسپىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، يەنە تۇخۇمداننى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ھامىلىدار بولۇشقىمۇ ناھايىتى پايدىلىق.
2. سەۋزە
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىككى تال سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن سەۋزىنى سىلىپ پىشۇرۇپ ئېستىمال قىلسا بولىدۇ، شورپىسىنى ئىچسىمۇ بولىدۇ.
ئۈنۈمى: ھەر ھەپتىدە 5 قېتىم سەۋزە يىگەن ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گېرىپتار بولۇش نىسپىتى ئادەتتىكى ئاياللارغا قارىغاندا 50% تۆۋەنلەيدىكەن. سەۋزىنى كۆپ يىسە يەنە چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ.
3. پەمىدۇر
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىككى تال پەمىدۇرنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، ئاق شېكەر ئارلاشتۇرۇپ ئېستىمال قىلسا بولىدۇ، شىرنىسىنى ئىچسىمۇ بولىدۇ.
ئۈنۈمى: پەمىدۇر تەركىبىدە مول ۋىتامىن بولۇپ، دائىم ئېستىمال قىلسا ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، تۇخۇمدان راكىغا گېىپتار بولۇش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تۇخۇمداننىڭ سانلانلىقىنى قوغداپ، تىخىمۇ ياشارتىدۇ.
4. سېرىق پۇرچاق
تەييارلاش ئۇسۇلى: بىر سىقىم سېرىق پۇرچاقنى ئاۋۋال سۇغا بىر كىچە چىلاپ قويۇپ، ئەتىگەندە سۈزۈۋىلىپ، سۇدا پىشۇرۇپ، ئاندىن پۇرچاق سۈتى چىقىرىش ماشىنىسىدا ئېستىمال قىلسا بولىدۇ.
ئۈنۈمى: ئۇزۇن ۋاقىىت ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلسا ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنىغا نىسپەتەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە دادۇر ئاقسىلى بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ