ئەما نازىنىن
بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ
63- قىسىم
سوتچى ئادۇكاتنىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئېلىپ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى باشتىن كۆرۈپ كىلىپ بىردە ئاچچىقى كەلسە، بىردە ھەيران قالدى، ۋە ئادۇكاتقا قاراپ.
-بۇ كىمنىڭ تېلېفونى؟ -دەپ سورىدى.
-بۇ ھاۋالە قىلغۇچۇم گۆھەرنىسا خانىمنىڭ تېلېفونى، -دېدى ئادۇكات.
-ئۇنداق بولسا بۇ ئۈندىدار كىمنىڭ، بۇ تېلېفوندا نېمىش قىلىدۇ؟ -دەپ سورىدى سوتچى.
-بۇ سوئالغا مەن جاۋاپ بېرەي، -دېدى گۆھەرنىسا ئورنىدىن تۇرۇپ. سوتچى بولىدۇ دەپ بېشىنى لىڭىشتقاندىن كېيىن گۆھەرنىسا سۆزىنى باشلىدى. ئۇ قۇربان بىلەن تونۇشقان ۋاقىتتىن باشلاپ سۆزلەپ، قۇرباندىن قانداق گۇمان قىلىپ قالغىنىنى، ئاندىن قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا ئاچقىنىنى سۆزلەپ كىلىپ.
-مەن قۇرباننىڭ ئۈندىدارىنى ئۇنىڭ خەۋرى يوق ھالدا ئۆزۈمنىڭ تېلېفونىدا ئاچتىم، بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بۇنى ئوبدان بىلىمەن، بۇ ئىشلار ھەل بولغاندىن كېيىن ماڭا قانداق جازا بېرىلسە قوبۇل قىلىمەن، -دېدى گۆھەرنىسا.
سوتچىلار بۇنىڭ راست قۇرباننىڭ ئۈندىدارىمۇ ياكى بۇ قۇرباننىڭ دەپ ئويدۇرۇپ چىقارغان ئۈندىدارمۇ ئىنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن، ھەسەننىڭ نامىدا قۇرباننى دەرھال شەھەرگە كىرىپ خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ كىلىشىنى، ئاندىن ئۆزىگە گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئېيتىپ ئۇچۇر قىلدى. قۇربان شۇ ھامان ئۇچۇر قايتۇرۇپ.
-ئاداش، خەلىق سوت مەھكىمىسىگە كىرسەم نېمە دەيمەن. خوتۇنۇڭنى ئازدۇرۇشنى ئۆزۈڭ ماڭا بۇيرىغان، خوتۇنۇڭ ئىندەككە كەلمەي ئاخىرى تاسادىي پۇرسەتتە ئاشۇ رەسىملەرنى ئۇ خوتۇنغا بىلدۈرمەي تارتىۋالغان تۇرسام. ئۇ يەرگە كىرىپ ئۇ خوتۇن بىلەن يۈزلەشسەم نېمە دېيىشنى بىلمەي گەپتە تۇتۇلۇپ قالسام قانداق قىلىمەن، -دېدى. سوتچىلار بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۇ ئۈندىدارنىڭ راستلىقىغا ئىشەندى ۋە.
-جاۋاپكار ھەسەننىڭ تەمىنلىگەن ئىسپاتىنىڭ ھەممىسى ساختا ئىكەن. دەۋاگەر گۆھەرنىسانىڭ ئىسپاتلىرى راست ئىكەن شۇڭا جاۋاپكار ھەسەن گۆھەرنىسانىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش پۇلى 40مىڭ يۈئەننى، يەنە مال مۈلۈكنىڭ يىرىمىنى گۆھەرنىساغا بەرسۇن،بالىلارنى گۆھەرنىسا باقسۇن،ئۇلار بۈگۈن سوتتا ئاجراشتۇرلىدۇ، -دەپ ھۆكۈم چىقاردى. بۇ ھۆكۈمنى ئاڭلىغان ھەسەن تاسلا قالدى كەينىگە ئۇچۇپ كەتكىلى ، ئۇ شۇنداق تۇرسىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ.
-مەن قايىل ئەمەس، مېنىڭ ئۆيدىن باشقا ھېچقانداق مال-مۈلۈكۈم يوق، مەندە پۇل بولمىسا ئۇ 40مىڭ يۈئەن پۇلنى قانداق بېرىمەن، يەنە تېخى بالىنىمۇ ئۇنىڭغا بۇيرۇپ بېرىدىغان ئىشما. ئۈمىدجان بالامنى ئۆزەم باقىمەن، ئۇ دېگەن بىر قارىغۇ تۇرسا، بالىنى قانداق باقىدۇ. ھازىرغۇ باقار، كېيىن بالا چوڭ بولسا ئۇنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا توغرا كىلىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇ يا ئىشلىيەلمىسە، بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قانداق تۆلەيدۇ. مەن ئۈمىدجان بالامنى ياخشى بېقىپ چوقۇم ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتىمەن، -دەپ تۇرىۋالدى ھەسەن. چۈنكى ئۇ گۆھەرنىسانىڭ بالىلارغا ئىنتايىن ئامراقلىقىنى ، بالىدىن ئايرىلسا خۇشال ياشىيالمايدىغىنىنى بىلەتتى. دېمىسىمۇ ئانىلار بالام دەپلا ياشايدۇ، يۈرىكى ھەر ۋاقىت بالىسى ئۈچۈن سوقىدۇ. ھەركۈنى سەھەر بالىسىنىڭ ئىللىق چېھرىگە قاراپ بالىسىنىڭ مېھرىدە ناشتا قىلىدۇ. ئانىنىڭ كۈچ ماغدۇرى دەل پەرزەنتىدىن كىلىدۇ. بالىسى خۇشال بولسا ئانىلارنىڭ يۈرىكى كۈلىدۇ. بالىسىنىڭ بېشىغا كۈلپەتلەر كىلىپ بالا يىغلىسا، ئانىنىڭ يۈرىكى قاتمۇ-قات جاراھەت بولۇپ كېچە -كۈندۈز يىغىدىن توختىمايدۇ. گۆھەرنىسا راستلا بالىسىدىن ئايرىلىش ئازابىغا چىدىيالمايتتى. سوتچىلار ھەسەننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل ئويلىنىپ قالدى ۋە.
-ئۆيدە باشقا مال -مۈلۈك راستىنلا يوقمۇ، بىز تەكشۈرۈپ تېپىۋالساق ياخشى بولمايدۇ، -دېدى ھەسەنگە.
-ئۆيدە شۇ سەككىز، ئون قوي، ۋە بىر بۇقا بار، باشقا مال -مۈلۈك يوق، -دېدى ھەسەن.
-ئۇنداقتا قويلار سىزگە قالسۇن، بۇقىنى گۆھەرنىسا ئالسۇن. بالىغا كەلسەك، دېگەن گېپىڭىزمۇ توغرا، بالىنىڭ ئانىسى مىيىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بالىنىڭ ساغلام، ياخشى چوڭ بولۇشى ئۈچۈن بالىنى سىز بېقىڭ، 40مىڭ يۈئەن تۆلەم پۇلىنى چوقۇم بېرىشىڭىز كېرەك، بىز تەكشۈرۈپ نامىڭىزدا بانكىدا پۇل بارمۇ- يوق، ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىمىز. ھازىر بۇ ھۆججەتكە قول قويۇڭلار، بىز بانكىدىكى ھېساۋاتىڭىزنى تەكشۈرۈپ بولۇپلا ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىمىز، -دېدى سوتچى.
-ياق سوتچى، بالامنى ھەرگىز بۇ ئىپلاسقا بەرمەيمەن، ئۇنىڭ قىلغان قىلىقلىرىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئۇ ھەرگىز بالىنى ياخشى باقمايدۇ، نەچچە يىلدىن بېرى شۇ بالىسىغا قانچىلىك مېھرىنى بەردى. قانچىلىك باقتى. شۇ قېتىمقى جىدەلمۇ دەل بالا توغۇرلۇق چىققان. بالىنىڭ بىر سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىيەلمەي مېنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان ئادەم بالىنى قانداق باقىدۇ، -دېدى گۆھەرنىسا يىغلاپ تۇرۇپ.
-مۇشۇ قارىغۇ ھالىڭغا مەن باقالمىسام، سەن باقالامتىڭ؟ ئاناڭ بىلەن داداڭ سېنى باقامدۇ، بالىلىرىڭنى باقامدۇ، نەچچە بىرسىڭنى باقىدۇ. ئۇلارمۇ ياشىنىپ قالدى، ناۋادا ئۆلۈپ كەتسە سەن بالىنى باقامسەن، ياكى بالا سېنى باقامدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى بالىنى ماڭا بەر، بولمىسا ئاجرىشىمەن دەپ خام-خىيال قىلما؟ -دېدى ھەسەن.
-سوتچى ئاچامنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن مانا مەن خەۋەر ئالىمەن، ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مانا مەن بار، مەن ئۇلارنى كۆز قارچۇقۇمدەك ئاسراپ ياخشى باقىمەن، -دېدى باياتىن بېرى گەپ قىلماي ئولتۇرغان ئەسئەت
ئەمدى چىداپ بولالماي ئورنىدىن تۇرۇپ.
-ئۆتەپ بارە نېرى، بالىنىڭ ھامىيسى مەن تۇرسام، مەن ھايات تۇرۇپ ساڭا بېقىش نۆۋىتى كەلمەيدۇ، -دېدى ھەسەن. ئۇلار ئەنە شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىپ كەتتى.
-بولدى جىم، -دېدى سوتچى، كالتەكنى ئۈستەل ئۈستىگە پاققىدە ئۇرۇپ.
-بۇ سىلەرنىڭ سوقۇشىدىغان سورۇنۇڭلار ئەمەس، بىز ھەسەننىڭ بانكا ھېساۋاتىنى تەكشۈرۈپ ئىشلارنى ئىنىقلاپ بولغىچە سىلەر ئۆز ئىشىڭلارنى قىلغاچ تۇرۇڭلار، بىز چاقىرتقان ھامان كىلىپ ئاجرىشىش قەغىزىگە ۋە سوتنىڭ ھۆكۈم قەغىزىگە قول قويۇپ ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ. بۇ ئەڭ ئاخىرقى سوت ، سوت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ھەسەننىڭ خەخكە پۇل بېرىپ خوتۇنۇمنى ئازدۇرۇپ ئىسپات توپلاپ بەر دەپ قىلغان قىلمىشىغا، ئۆزۈڭلار قاراشلىق بازارلىق ھۆكۈمەت ساقچىخانىسىغا كىرىپ ئەر سۇنساڭلار، ساقچىلار ئۆزى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. يەنە گۆھەرنىسانىڭ خەخنىڭ ئۈندىدارىنى مەخپىي ئاچقاندىكى مەسئۇلىيتىنىمۇ يەنىلا شۇ بازارلىق ساقچىخانا بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىز پەقەت مال-مۈلۈك، تۆلەم پۇلى، بالىنى قايسى تەرەپ بېقىش، ئاجراشتۇرۇش دېگەندەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز، -دېدى سوتچىلار ۋە سوتنىڭ مۇشۇ يەردە ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
ھەسەن گۆھەرنىسانى پايپاققا دەسسىتەلمەي ئاخىرىدا بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى بولسىمۇ تالاشقانلىقىدىن سەل كۆڭلى تىنغان بولسىمۇ، شۇنچە كۆپ پۇلنى گۆھەرنىساغا بېرىشكە ھەرگىز چىدىمايتتى. شۇڭا ئۇ قاش-قاپىقىدىن قار-مۇز ياغدۇرۇپ، تۆگىدەك لوڭ-لوڭ مىڭىپ، سوت زالىدىن چىقىپ كەتتى. گۆھەرنىسانىڭ كۆڭلى بەك يىرىم بولۇپ، ئۇ بالامدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ دەپ يۈرىكى يىغلاۋاتاتتى.
-كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ گۆھەرنىسا، قانۇندىمۇ بالىنى ئاتا ۋە ئانا مۇشۇ ئىككى ھامىيسىدىن بىرسىگە بۇيرۇش توغرا كەلسە، چوقۇم قايسىسى ساغلام بولسا، ۋە بالىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلالىسا شۇنىڭغا بۇيرۇپ بېرىدۇ.دېمەك سىزنى مىيىپ ھېساپلايمىز، شۇڭا مىڭ تىركەشسەكمۇ يەنىلا بالىنى بىز ئالالمايمىز، دادىسىغا بۇيرۇپ بېرىدۇ. ئۈمىدجان بالىڭىزمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇمۇ ئاق -قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك بوپتۇ.ئۇنى ھەسەنگە بۇيرۇپ بەرگەن ھالەتتىمۇ، ئۇ سىزنى كۆرگۈسى كەلسىلا يېنىڭىزغا كىلەلەيدۇ. چوپچوڭ بولۇپ قالغان بالىنى ئۇلار باغلاپ قويالامتى، -دېدى ئەخمەتجان ئادۇكات.
گۆھەرنىسا گەپ قىلالمىدى. ئۇ كۆز ياشلىرىنىمۇ سۈرتۈشكە قۇربى يەتمىگەندەك، ناھايتى جانسىز ھالەتتە ئىدى. ئەسئەت دەرھال كىلىپ گۆھەرنىسانى يۆلىدى ۋە ئەخمەتجان ئادۇكاتقا رەھمەت ئېيتىپ، چوڭ يولغا چىقىپلا ماشىنا توسۇپ ئاتا-ئانىسى ۋە ئاچىسىنى ماشىنىغا سىلىپ ئۆيگە يېنىپ چىقتى.
گۆھەرنىسا ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئۈمىدجانغا قانداق دېيىشنى بىلمەيتتى. بالىنى ئېلىۋالىمەن دېيىش، ئۇنىڭ جېنىنى ئالغانغا باراۋەر ئىدى. ھەسەن دەل ئۇنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۈمىدجانمۇ دادىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ھەرگىز دادىسى تەرەپتە تۇرمايتتى. ئەمما ھازىر ئىشلار شۇ تۇرسا ئۇنىڭغا.
-سەن داداڭغا قالدىڭ بالام، سېنى ئەمدى داداڭ باقىدىغان بولدى، -دەپ قانداقمۇ دېيەلەيدۇ.
نادىر ئەسەرلەر