پۇتنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندىكى ئاجايىپ ئۈنۈم, يەنە بۇ7 خىل چارە...

文摘   2025-01-28 11:01   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن 

ئادەم بەدىنىدىن تەر چىقىش ئىنتايىن نورمال بىر ئىش، چۈنكى بۇ بەدىنىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرىنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان بىر خىل ئۇسۇلى.
تەردە ئۇنداق سېسىق پۇراق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار تېرىمىزدىكى باكتېرىيەلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، سېسىق پۇراق پەيدا بولىدۇ.
بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ، بەدەندىكى سېسىق پۇراقنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

1- كېچىدە پۇراق يوقىتىش دورىسى ئىشلىتىش
پۇراق يوقىتىش دورىسى ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى شەرقىي ئاسىيا ئىرقىغا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى كۆپ ساندىكى كىشىلەردە قولتۇق پۇراش مەسىلىسى يوق.
بىراق، ئەگەر بىر ئادەم قولتۇق پۇراشنىڭ ئازابىنى تارتقان بولسا، پۇراق يوقىتىش دورىسىنى سىناپ باقسا بولىدۇ. ئۇنى پەقەت كەچتە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك، كۈندۈزى ئىشلەتسە تەر چىقىپ كېتىپ، پۇراق يوقىتىش دورىسىنى ئېقىتىۋېتىشى مۇمكىن.

2- ھىدروگېن پېروكسىد ئىشلىتىش
بەدىنى ئاسان پۇرايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ھىدروگېن پېروكسىدنى سىناپ باقسا بولىدۇ.
بىر قوشۇق % 3 لىك ھىدروگېن پېروكسىد ئېرىتمىسى بىلەن بىر ئىستاكان سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ئارلاشما تەييارلاپ، ئاندىن لۆڭگە بىلەن بۇ خىل ئارىلاشمىنى ئاسان تەرلەيدىغان جايغا، مەسىلەن، قولتۇق ئاستى، پۇت يېرىقى قاتارلىق جايلارغا سۈرتۈپ، بەدەندىكى پۇراقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيەلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

3- بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش
بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، كۆپ يۇيۇنماسلىقتىن ساقلىنىش، بەدىنىڭىزدىكى غەيرىي پۇراقنى ئازايتىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇل.
يۇيۇنۇش باكتېرىيەنىڭ تېرىدە ئۆسۈشىنى ئازايتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى، ھەر قېتىم يۇيۇنغاندا قولتۇق ئاستى، چات ئېرىقچىسى، پۇت قىسمىنى تەپسىلىي يۇيۇشىڭىز كېرەك، چۈنكى تېرە پۈرلەشكەن ھەرقانداق جايدا باكتېرىيە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ جايلارنى پاكىز سۈرتۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى نەم مۇھىت باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەر كۈنى يۇيۇنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ تېرىگە زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەر كۈنى قارا تەرگە چۆمۈپ كەتسىڭىز، چوقۇم بىر قېتىم يۇيۇپ، غەيرىي پۇراقنى يوقىتىشىڭىز كېرەك.

4- ئاياققا ئىسپىرت پۈركۈش
ئەگەر ئاياغ پۇتىڭىزنىڭ پۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، كېچىدە ئىسپىرتنى ئاياغنىڭ ئىچكى تەرىپىگە پۈركۈپ، ئاندىن ئۇنى قۇرۇتسىڭىز، ئىچىدىكى باكتېرىيەلەرنى تازىلىغىلى بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئاياغ قۇرۇغاندىن كېيىن ئاندىن كىيىڭ، ئىسپىرت داۋاملىق تېرىڭىزگە تېگشىپ تۇرمىسۇن، بولمىسا پۇتىڭىزنىڭ تېرىسى بارغانسېرى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ.

5- قولتۇق تۈكىنى ئېلىۋېتىش
ئاسان تەرلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قولتۇق تۈكىنى ئېلىۋېتىشنىڭ چوڭ ياردىمى بار، چۈنكى قولتۇق تۈكىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تېخىمۇ كۆپ تەر ۋە نەم ھاۋانى ساقلاپ قالىدۇ، تەر باكتېرىيە بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، قولتۇقتىن ئىنتايىن سېسېق  پۇراق چىقىرىدۇ. قولتۇق تۈكى تازلىۋەتكەندىن كېيىن، قولتوقتىكى پۇراقنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
مەخسۇس ئەرلەرگە قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، قولتۇق تۈكىنى ئېلىۋەتكەن ئەرلەرنىڭ كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە قولتۇق پۇرىشى زور دەرىجىدە ئازىيىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قولتۇق تۈكىنى تازلىۋەتكەندىن كېيىن، سوپۇن قاتارلىق پاكىز مەھسۇلاتلار تېرە ۋە تۈك خالتىسىغا تېخىمۇ ئاسان كىرىدىكەن.

6- يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ
بەزى ئەھۋاللاردا يېمەك – ئىچمەكمۇ بەدەن پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  پۇرىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ قوبۇل قىلغان بولسىڭىز، مەسىلەن، كۇررى، پىياز قاتارلىق يېمەكلىكلەر ياكى قەھۋەنى بەك كۆپ ئىچكەن بولسىڭىز، كۈچلۈك پۇراقلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى سىزنىڭ تەرلىگەندىكى  پۇرىقىڭىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

7- ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان رەختلىك كىيىم كىيىش 
ئادەتتە ئامال بار پاختا، يىپەك قاتارلىق تەبىئىي رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىڭ، ئۇلار تېرىڭىزنىڭ سۈمۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ھەمدە تەرنى تېخىمۇ تېز پارغا ئايلاندۇرۇپ،  بەدىنىڭىزدە ئاسان سېسىق پۇراق پەيدا قىلمايدۇ.

8- پۇتنى ئاچچىقسۇغا چىلاش
ئەگەر پۇت سەۋەبىدىن دائىم بەدەن سېسىق پۇراپ قالسا، ئۆيدىكى ئاچچىقسۇ بىلەن پۇتنى چىلاشنى سىناپ باقسا بولىدۇ.
بىر داس تەييارلاپ، بىر ئىستاكان ئاچچىقسۇ ۋە ئىككى ئىستاكان ئىلمان سۇ قوشۇپ، داۋاملىق تاكى داس تولۇق توشقۇچە بىر ئۈلۈش ئاچچىقسۇ ۋە ئىككى ئۈلۈش سۇ قۇيۇپ، ئاۋۋال يۇمشاق سوپۇن بىلەن پۇتنى يۇيۇپ، ئاندىن ئاچچىقسۇ سۈيگە 10-20 مىنۇت چىلايمىز. ئەڭ ئاخىرىدا يۇمشاق سوپۇن بىلەن پۇتنى پاكىز يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ .
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ 

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章