بۇ بەش خىل كېسەلنى تۇخۇم بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۆگىنىۋېلىڭ

文摘   2025-02-01 11:00   新疆  

1 .  يۆتەلنى داۋالاش :

 بىر تال تۇخۇمدىن كىچىكرەك تۆشۈك ئېچىپ، ئىچىگە مۇۋاپىق ۋاقىتلاردا سىچۇەن سوغۇگۈلى تالقىنى ۋە ناۋات سېلىپ، قوچۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۆشۈكنى ھۆل قەغەز بىلەن چاپلاپ، ھوردا پىشۇرۇپ، كۈنىگە بىر تالنى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئىستېمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2.  دېمى سىقىلىشىنى داۋالاش:

 100 گرام كۈدىنى يۇيۇپ توغراپ، ئىككى تۇخۇم چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىۋەتكەندىن كېيىن تۇخۇمنى قويۇپ پىشۇرۇپ، ئاندىن كۈدىنى سىلىپ بىر ئىككى قورۇپ ئېلىپ يېسە، سوغۇقتىن بولغان دېمى سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3.  چىش ئاغرىقىنى داۋالاش:

 30 مىللىلىتىر ھاراقنى  قاچىغا قويۇپ ئۈستىگە بىر تال تۇخۇم چېقىپ ھاراققا ئوت يېقىلىدۇ ، ھاراق كۆيۈپ بولغاندا تۇخۇممۇ پىشىپ بولىدۇ. ئۇنى بىر قېتىمدىلا يەۋەتسە بىر سائەتتىن كېيىن چىش ئاغرىقى توختايدۇ.

4.  گال ئاغرىقىنى داۋالاش:

 ئىككى تال تۇخۇمنى چېقىپ، 15 گرام شېكەر ۋە بىر نەچچە تېمىم كۈنجۈت يېغى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاچ قورساق ھالەتتە بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتسە، ئاغرىق توختايدۇ.

5. كۆيۈك يارىسىنى داۋالاش تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئېقىغا 15 مىللىلىتىر ئاق ھاراقنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا كۈنىگە 3-4 قىتىم سۈرۈپ بەرسە ئوتتا چايدا ياكى ياغدا كۆيگەن كۆيۈك يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ


BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章