تەرخەمەك ئىسىتمىنى قايتۇرۇش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ، ھۆللۈكنى ھەيدەش ، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ ، جىگەر بىلەن ئۆتتىكى ھۆل ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ . كۈندە كەچلىك تاماقتىن ، بىر سائەتتىن كېيىن بىر تال تەرخەمەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆت ئاغرىقى پەسىيىدۇ ، بىر ئايدىن كېيىن ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ ، ئەمما ، تەرخەمەكنىڭ تەبئىيىتى سوغۇق بولغاچقا ، قورساقنى ئاغرىتىپ ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . ئاشقازىنىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلەر ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك .