ھەيىز مەزگىلىدە قانچە يېسە شۇنچە قان تۇلۇقلايدىغان 8خىل يىمەكلىك

文摘   2025-02-01 11:00   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن

ھەر ئايدا ھەيىز كىلىش ئاياللارنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، ھەيىز مەزگىلىدە، ئاياللار يېمەك - ئىچمەكتە چوقۇم ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يېمەكلىكلەر، ئاياللارنىڭ ھەيىز مەزگىلىدىكى بىئاراملىقىنى يېنىكلىتىپ، قان تولۇقلاپ، ئاياللارنىڭ ھەيىز مەزگىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

1- پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

يۇقىرى تالالىق دادۇر ۋە كۆك پۇرچاقنى ئىستېمال قىلغاندا بالىياتقۇدىكى قان تولۇش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىپ، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنىڭ ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە يەنە مول ۋېتامىن B بار بولۇپ، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە ھەيىز مەزگىلىدىكى ھارغىنلىقنى ئازايتىدۇ. گەرچە پۇرچاقنى كۆپ يېسە يەل كۆپرەك بولىغان بولسىمۇ، بىراق ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم، ئاستا - ئاستا ئىستېمال مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرغاندا، يەل سەۋەپلىك ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

2- يېشىل كۆكتات

يېشىل كۆكتاتنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي، ماگنىي، كالىي ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى يېنىكلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ مىنېرال ماددىلار يەنە ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ئازادە قىلىپ، تىت-تىت بولۇشنى پەسەيتىدۇ.

يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلاردا يەنە مول بولغان ۋېتامىنK بار، ۋىتامىن K بولسا قاننىڭ كۆپ مىقداردا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈر بولغان ماددالارنىڭ بىرى.

3- ئاناناس

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مانگاننىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان ئاياللارنىڭ ھەيىز مىقدارى، مانگان قۇبۇل قىلىش مىقدارى نورمال ئاياللارنىڭكىدىن 50 % كۆپ بولىدىكەن.

ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدىكى بىئاراملىق مەسىلىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مانگان قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە مانگان مىقدارى ئەڭ مول بولغىنى ئاناناس، ئاناناس تەركىبىدە يەنە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاناناس ئېنزىمى بار بولۇپ، بۇ خىل ئېنزىمنىڭ مۇسكۇللارنى بوشىتىشقا ياردىمى بار، شۇڭا ھەيىز مۇجۇپ ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ.

4- ئاق چوغلۇق + ئاق ئاچچىقسۇ

جۇڭگو تېبابىتىدە، ئاق ئاچچىقسۇغا ئاق چوغلۇقنى چىلاپ ئىستىمال قىلغاندا، قاننى ئاسراپ، مۇسبەتلىكنى ساقلاپ، جىگەرنى يۇمشىتىپ ئاغرىق توختىتىدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ھەيىز مەزگىلىدىكى قان زەئىپلىشىش، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىش، كۆڭلى بىئارام بولۇش، بىقىن ئاغرىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى بار دەپ قارىلىدۇ.

كونكرېت ئۇسۇلى: ئاق چوغلۇقتىن 100 گىرام ئېلىپ، 15 مىللىلىتىر ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا سارغايغىچە قورۇپ، ھەر كۈنى 15 گىرام ئىستىمال قىلساقلا بولىدۇ.

5- قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر

ھەيىز مەزگىلىدە بۆرەك ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ، شۇڭا ھەيىز مەزگىلىدە ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، خام ۋە سوغۇق نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك، شۇنداقلا يەنە قارا رەڭلىك نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۆرەك تومۇرىغا كىرىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇڭا ھەيىز مەزگىلىدە قارا رەڭلىك نەرسىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، مەسىلەن قارا قېرىنقۇلاق، لامنارىيە قاتارلىقلار.

6- سۇ

بەدەندە زىيادە كۆپ سۇ تۇرۇپ قېلىش بالىياتقۇغا قان تولۇش، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب. سۇ ئىچىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندا بەدەنگە سۇ يىغىلىپ قېلىشنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ. بۇ قارىماققا بىر - بىرىگە زىت، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ بەدەندە قېلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن يەنە سۇ ئىچىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؟

ئەمەلىيەتتە، ئىچكەن سۇ يېتەرلىك بولمىسا، بەدىنىمىزدە ئارتۇق سۇ كومپېنساتسىيەلىك ھالدا ساقلىنىپ قېلىپ، ئاسانلا سۇلۇق ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش ئەكسىچە بەدەنگە يىغىلىپ قالغان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىدۇ.

7- بەش خىل دانلىق زىرائەت

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە,70 % ئايال ھەيىز مەزگىلىدە ھەر ئۈچ سائەتتە ئاز مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى يەپ ھەمدە بىر سائەت ئىچىدە كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئالسا، ھەيىز مەزگىلىدىكى بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدىكەن.

بەش خىل دانلىق زىرائەتتە ماگنىي مول بولۇپ، ماگنىي نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىيلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەش خىل دانلىق زىرائەتدىمۇ مۇرەككەپ ۋېتامىن B ۋە ۋېتامىن E مول بولۇپ، چارچاش ۋە خامۇشلۇقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

8- قارا شېكەر

جۇڭگو تېبابىتىدە قارا شېكەرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، تال تومۇرىغا كىرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

قارا شېكەرنىڭ تالنى قۇۋۋەتلەپ، جىگەرنى يۇمشىتىش، قان تولۇقلاش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئۇيۇغان قاننى راۋانلاشتۇرۇش ۋە چىللە خۇنىنى چىقىرىش رولى بار. ئەگەر قارا شېكەر سۈيىگە ئازراق زەنجىۋىل قوشسا، بەدەننى ئىللىتىپ، ئېنېرگىيەنى ئاشۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ھەيىز مەزگىلىدە تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە بولمايدۇ.

شاكىلات: شاكىلاتنىڭ قەنت تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى قەنت بەدەندىكى مىكرو مىنېرال ماددىلارنى خورىتىۋېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەيىز مەزگىلدە ئاياللار تېخىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

ئاچچىق يېمەكلىكلەر: ئاچچىق يىمەكلىكلەر ئاسانلا ھەيىز قالايمىقانلىشىش ياكى ھەيىز مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا فىزىئولوگىيىلىك مەزگىلدىكى مېتابولىزمغا تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا بەدەندە كۆپ مىقداردا ماي يىغىلىپ قالىدۇ.

ئەبنۇس: ئەبنۇسنىڭمۇ قەنت تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى، ئەگەر ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە ئەبنۇس ئىستېمال قىلسا ھەيىز قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ.

چاي: چاينىڭ تەركىبىدە كوففېئىن بار بولۇپ، كوففېئىن بەدەننى روھلاندۇرۇپ، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە قېنىق چاي ئىچسە ھەيىز مەزگىلىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ھەيىز مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئاچچىق كاۋا: ئاچچىق كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ھەيىز مەزگىلىدە ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا ھەيىز قېنى تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ، ھەيز قېنىنىڭ ئوڭۇشلۇق چىقىپ كەتمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قىسقۇچپاقا: ھەيىز مەزگىلىدە قىسقۇچپاقا يېگەندە، ھەيىز قالايمىقانلىشىش ياكى ھەيىز توختاپ قېلىش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ.

مانا مۇشۇنداق ساغلاملىقىڭىزغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سالوننى قوللاپ، ئەجرىم ئۈچۈن ئاستى زەيكەننى بىرنى بېسىۋىتىڭ. چەمبىرەككە يوللاش ئىختىيار،،، رەھمەت!
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章