بۇ توققۇز چوڭ ئالاھىدىلىك قانچە كۆپ قانائەتلەنسە شۇنچە ساغلام بولىدۇ!
01
يارا ئېغىزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز
ئەگەر يارا ئېغىزى ناھايىتى ئاسان ساقايسا، قاننىڭ ئۇيۇش ئىقتىدارى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ھەمدە قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر كىچىك يارا ئېغىزى، يېنىك دەرىجىدىكى كۆيۈك يارىسى ئۇزاق ۋاىتتا ئاندىن ساقايسا ياكى يېنىك دەرىجىدىكى بېسىم سەۋەبىدىن چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان تېرە كۆكىرىپ قالسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
02
تۇراقلىق بەدەن ئېغىرلىقى
جۇڭگو تېبابىتىدە سېمىز كىشىلەرنىڭ تېنى ئاجىز، بەلغەم كۆپ بولىدۇ، ئورۇقلارنىڭ مەنپىيلىكى ئاجىزلايدۇ، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
بۇ چاغدا بەك سېمىز ياكى بەك ئورۇق بولمىسىلا، قەستەن ئورۇقلاش ياكى سەمرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بەدەن ئېغىرلىقى بىر خىل مۇقىملىقنى ساقلاش، بەدەننىڭ ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز ئۆزگەرسە، ساغلام بولماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
03
ئۇيقۇسى ياخشى بولۇش
سەككىز سائەت ئۇخلىغان ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى پەقەت تۆت سائەت ئۇخلىغان ئادەمنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى راكنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ چوڭ ئۈچەي راكى بىلەن ئەمچەك راكى.
04
مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىش
مېڭىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە، شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ!
16-ئەسىردىن كېيىن ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى 400 نەپەر مەشھۇر ئالىمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 64 ياش بولغان، ئەمما مېڭىسىنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 74 ياش بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېدىسون 84 ياش، گارىن 78 ياش، نيۇتون 85 ياش، دارۋىن 73 ياش، ئېينىشتىيىن 76 ياش، فرانكلىن 84 ياش، مىچۇرىن 80 ياش بولغان. بۇ ئەينى چاغدىكى نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىدىن 20 ~ 30 ياش يۇقىرى ئىدى
05
قورساقتا گۆش ئاز بولۇش
يوقاتقىلى بولمايدىغان قورساقنىڭ ئارتۇق گۆشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش.
قورساق قىسمىنىڭ سېمىزلىكى كىچىك ئىش ئەمەس، بەدەن شەكلىنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھالەتنىڭ سىگنالى يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى، دىئابېت قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئادەتتە بەل ئايلانمىسىغا كۆپرەك دىققەت قىلىش، ئەرلەر 90 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئاياللار 85 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
06
ئىغىر تەملىك يىمەكلىكنى ئاز يىيىش
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يۇرتىدىكى ياشانغانلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئومۇمىي جەھەتتىن مايسىزلىقنى ئاساس قىلىدۇ، مايسىز تاماقلارنى يېسە تېخىمۇ ئاسان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق% 90 كېسەللىك يېمەك-ئىچمەكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەسىلەن، ئاچچىق-چۈچۈك ساماۋەر شورپىسى ئىچىشنى ياخشى كۆرۈش، ماي، تۇز ئېغىر ھەم ئاچچىق، يەنە ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈش، بۇ خىل ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ.
07
ئۆزىنى ئەمەلىي يېشىدىن ياش ھېس قىلىش
ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ياشانغانلار دائىم ئۆزىنى ئەمەلىي يېشىدىن ياش ھېس قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 70 ياش، ھەتتا 70 ياشتىن ئاشقان ساغلام ياشانغانلار، ئۆزىنى ئەمەلىي يېشىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 ياش ياش ياش دەپ قارايدىكەن.
ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى قېرىدىم، كارغا كەلمەيمەن دەپ بالدۇر بېكىتمەڭ، ياشلىق روھىڭىزنى كۆپرەك ساقلاڭ، كىشىلىك ھاياتىڭىز مەڭگۈ بۈگۈندىن باشلىنىدۇ!
08
مىجەزى ئوچۇق
مىجەز-خاراكتېرى ئوچۇق-يورۇق بولسا، بۇ بەدەن بىر خىل خۇشال ھالەتتە تۇرىدۇ، بەدەن ئىقتىدارى ۋە ھالىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بەدەندىكى ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقىمۇ ياخشى ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا ساغلام بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
09
ھەيىز كىيىن توختاش
ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەيز توختاش كىيىن بولۇش تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتىياگو شۆبە مەكتىپىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەيز توختاش مەزگىلى كېچىكىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەيىز توختاش يېشى 50 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ 90 ياشقىچە ياشاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەيز توختاش كېچىكىپ كېلىدىغان ئاياللارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ساغلام بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى قېرىش ئالامەتلىرى، ئەمەلىيەتتە بەلكىم چوڭ كېسەل سىگنالى بولۇشى مۇمكىن!
يېشى چوڭايغاندىن كېيىن، جىسمانىي كۈچى ئاجىزلاپ، ئىنكاسى ئاستىلاشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، كۆپ قىسمى نورمال بولىدۇ. ئەمما بەزى نورمالسىز ئالامەتلەر ناھايىتى ئاسانلا تەبىئىي قېرىش ھادىسىسى دەپ قارىلىپ، دەرھال داۋالىنىشقا توغرا كېلىدىغان كېسەلمۇ سەل قارىلىدۇ.
يېنىك قول تىترەش
ئادەم قېرىغاندىن كېيىن نېرۋا ئىقتىدارى يېنىك دەرىجىدە چېكىنىپ كېتىدۇ.
تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 55 ياشتىن ئاشقان%40 ئادەمدە قول تىترەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. لېكىن% 95 تىن يۇقىرى بولسا ئۇنداق ئىغىر ئەمەس بولۇپ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
بىراق، بەزى قوللارنىڭ تىترىشى پاركىنسون بولۇشى مۇمكىن.
ئادەتتە پاركىنسون قولى تىترەشتىن باشقا، ئادەتتە پۇت-قولى بىلەن چىراي ئىپادىسى قېتىپ قېلىش، قەدىمى ئاستا بولۇش، تەڭپۇڭلۇق سېزىمى ياخشى بولماسلىقتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ، بەدىنى قارىماققا دۈمچەك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولى تىترەيدىغان ئەھۋاللار تىنچ تۇرغان ياكى ھەرىكەت قىلىۋاتقان چاغدا يۈز بېرىدۇ.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىش، ئىنكاسى ئاستىلاش
ياش چوڭايغاندىن كېيىن، مېڭە نېرۋىسىنىڭ ماددىلارنى يەتكۈزۈشى ئازايغاچقا، تەتۈر كۈچىنىش ئىلگىرىكىدىن سەل ئاستا بولىدۇ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ ياكى بەزىدە بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
ئەمما كۆپ ھاللاردا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلاپ كەتمەيدۇ. ئەگەر چوڭلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىساق، ئەگەر دائىم سۆزلەپ ئۆتكەن ئىشلار تەكرارلىنىپ قالسا، ئالدىنقى بىر ئىككى كۈندە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالساق، ئىلگىرى ئىزچىل تونۇش بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالساق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيپىياتى چۇس بولسا، غەلىتە قىلىق قاتارلىق ئىپادىلەر بولسا، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
دائىم يىقىلىپ چۈشۈش
مۇسكۇل كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، بوغۇملارنىڭ ھەرىكەت دەرىجىسى كىچىكلەش، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياشانغانلار ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشىدۇ.
ئەمما قەدىمىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى بەلكىم مېڭە نېرۋا سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، مېڭە سەكتىسى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۇت-قوللارنىڭ ماسلاشماي يىقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
شۇڭا، چوڭلار يىقىلىپ چۈشكەندە باش قېيىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇللار تۇيۇقسىز ماغدۇرسىزلىنىش، نېرۋا پالەچلىنىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك.
ئاسان چارچاش، دېمى سىقىلىش
ئادەم قېرىغاندىن كېيىن بەدەن قۇۋۋىتى، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ، بەزى ياشانغانلار ئىلگىرىكى ئادەت پائالىيەتلىرى، مەسىلەن، كۆكتات سېتىۋېلىش، پەلەمپەيدىن چىقىش، بازار ئايلىنىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئاسانلا چارچاپ كېتىدۇ ياكى ھاسىراپ كېتىدۇ.
ئەمما، دېمى سىقىلىش ۋە چارچاشمۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ ئاياللار، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بار ئاياللار ئىچىدە، % 70تىن كۆپرەك دەم سىقىلىش، چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، تەشۋىشلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، ئەكسىچە كۆكرەك ئاغرىقى بولمىغان.
شۇڭا، ياشانغانلاردا نەپەس سىقىلىش ياكى چارچاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بەدەندە بىر مەزگىل ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن كۆرۈلمەستىن، بەلكى نەپەس تېزلىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، دېمى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ياشانغانلار تېبابىتى ئىلمى ياكى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ