ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقتىن باشقا كۆپ ھاللاردا روھىي جەھەتتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك. ياخشى ئۇخلىيالمىسا ئاسانلا روھىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇسىزلىق ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان بىر خىل ئۇسۇلدۇر. لېكىن، ھازىرقى بىز ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىمىز، ئۇيقۇسىزلىق بىر ئاممىۋى كېسەلگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇيقىسىلىققا بۇ نەرسىلەرنى ياستۇقنىڭ يىنىغا قويۇپ ياتسىڭىز، ئۇيقۇسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىققا ياردەم قىلىدۇ.
بىرىنچى، يېڭى مېۋە ئۇيقىنى ياخشىلايدۇ
مېۋىلەرنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادە قىلىدۇ، ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇش پۇرىقى ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمى ۋە تېگىش سېزىمى ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاپ، كىشلەرنى روھىي جەھەتتىكى تەسەللى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە پىسخىكا ۋە روھىي جەھەتتىكى بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ.
1. ئالما
ئالمىنىڭ خۇش پۇرىقى تەركىبىدە 12 تۈرلۈك،136 خىل ماددا بار، بۇ ماددىلار ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمى ئارقىلىق مەركىزىي نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرۇپ، تىنچ، خاتىرجەم بولغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئۇيقۇغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر سىرتتا ئارام ئالسا، مېۋە يەنە كىشىلەرنىڭ ناتونۇش مۇھىتقا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئالىملار ئالمىنىڭ خۇش پۇرىقىنىڭ چوڭ مېڭە گىرۋىكىدىكى نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ئادەمنىڭ دىققىتىنى چاچىدىغانلىقىنى باش ۋە بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىپ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى پەسەيتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
2. ئاپېلسىن
كارىۋات بېشىغا بىر نەچچە ئاپېلسىن قويۇپ قويسىمۇ ئۇيقىغا پايدىسى بولىدۇ،جۇڭيى تېبابىتىدە ئاپېلسىننىڭ خۇش پۇرىقى ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، تالنى ئويغىتىدۇ، زېھىننى ئاچىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇخلىغاندا ئاپېلسىننىڭ پۇرىقىنى پۇراشنىڭ خاتىرجەم قىلىش رولى بار بولۇپ، دائىم مەيۈسلۈك ۋە تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. پەقەت كۆڭلى غەش بولمىسا، كۆڭلى تىنچ بولغاندىلا ئاندىن ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
3. ئاق تۇرۇچ
ئاق تۇرۇچ چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلىقچە پۇراق چىقارمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئاق تۇرۇچ پوستىنى قويۇش كېرەك. ئاق تۇرۇچ قويۇپ بەرگەن پۇراق ھاۋادىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ، ھاۋانى ساپلاشتۇرىدۇ. ئەگەر سىرتقا چىقىپ مېھمانخانىدا ياتسىڭىز، كارىۋىتىڭىزنىڭ بېشىغا بىر تال ئاق تۇرۇچ پوستى قويۇپ قويسىڭىز، مۇھىتنى ياخشىلاپ، ئاسانلا ئۇخلاپ قالىسىز.
ئاق تۇرۇچ خۇش پۇرىقى پۇراش سېزىمى ئارقىلىق نېرۋا مەركىزىگە يېتىپ بارىدۇ، چوڭ مېڭە غىدىقلىنىشقا ئۇچرىسا، مۇۋاپىق جىددىيلىشىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، چوڭ مېڭىدىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، كۆڭۈلدىكى زېرىكىشنى پەسەيتىدۇ. قايغۇ-ھەسرەت ئاز بولسا، كۆڭۈل ئازادە بولسا، ئۇيقۇ سۈپىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئاسانلا تاتلىق ئۇيقۇغا كىرىپ، ئەتىگەندە زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئۈستقۇددۇسمۇ سىزنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ
ئۈستىقۇددۇس رىم دەۋرىدىلا خېلى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ كۆپ بولغاچقا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئۈستىقۇددۇس خۇش پۇرىقى نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە كەيپىياتنى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە.
ئۈستىقۇددۇس كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئۇيقۇغا كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ، يەنە يېنىك دەرىجىدىكى ئۇيقۇسىزلىقنى پەسەيتىشكىمۇ ياردەم بېرىدۇ
ئۈچىنچى، كالامبا دەرىخى سىزنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ
كالامبا دەرىخى تەبىئەت دۇنياسىدا باكتېرىيەگە قارشى تۇرىدىغان ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان دورا ماتېرىيالى بولۇپ، پۇرىقى خۇشپۇراق، ئۆپكە، بۆرەك، تال، ئاشقازان، تومۇرلارغا كىرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى يەلنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەيدۇ، ئىچكى ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، يۈرەك سوقۇش، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار.
كالامبا دەرىخى بىزنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىمىزگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىدۇ، ئۇ قورساق كۆپۈشنى پەسەيتىش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چوڭ تەرەتنى ھەيدەش، بەل، تىز ئاجىزلاپ مۇزلاش، كېكىرىش، قۇسۇش، يۈرەك قورسىقى ئاغرىش، چوڭ ئۈچەيدە يەل تۇرۇپ قېلىش، كۆكرەك پەردىسى توسۇلۇپ قېلىش، ھاسىراش قاتارلىق كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە، ئۇنىڭ يەنە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، باھنى قۇۋۋەتلەش رولىمۇ بار. شۇڭا دائىم ئۇيقۇسىزلىق سەۋەبىدىن ئازابلىنىپ يۈرىدىغان دوستلار ئازراق چېنشياڭ سېتىۋېلىپ ئۆيگە قويۇپ قويسا ئۇيقىسزلىققا ئۈنۈملۈك ياردىمى بولىدۇ.
تۆتىنچى، ئارپىبەدىيان ئۇيقىنى ياخشىلايدۇ
ئارپىبەدىيان ئەسلىدە ئۈنۈمى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان جۇڭگوچە دورا ماتېرىيالى ئىدى. ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا، ئۇيقۇسىزلىققا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ياخشى ئۇخلىيالمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ياخشى قىلالمايدۇ.
ئارپىبەدىيان گەرچە بىر خىل غىدىقلىغۇچى تەم تەڭشىگۈچ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسىڭىز، ئۇنىڭ بىر خىل پۇراقلىق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇنىڭ سەۋەبى، ئارپىبەدىيان تەركىبىدە ئانىزول قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئانىزول تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي ماددىسى بار بولۇپ، بۇ خىل ماددىلار بىزنىڭ روھىيىتىمىزگە نىسبەتەن بەلگىلىك تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدۇ.
قوللاپ ھارمىسىڭىزلا يوللاپ ھارمايمىز