ئەما نازىنىن 65-قىسىم

文摘   2025-01-29 11:01   新疆  


ئەما نازىنىن

بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ  

65- قىسىم

ھەسەن قۇرباننىڭ ئۆيىگە بارغان چاغدا قۇربان خورەكنى دۆڭ تارتىپ ئۇخلاۋاتقان بولۇپ قۇرباننىڭ ئاتا-ئانىسى ئېتىزلىققا كەتتىمۇ ياكى باشقا يەرگە كەتتىمۇ ئۆيدە يوق ئىدى. ھەسەن ھويلىغا كىرىپ.
-قۇربان، ھەي تاز چېقە بۇياققا، -دەپ نەچچىنى توۋلىغان بولسىمۇ قۇرباندىن جاۋاپ كەلمىگەچكە، ھەسەن ئۇدۇل قۇربان ياتىدىغان ئۆيگە كىردى. ھەسەن بۇ ھويلىغا خىلىلا تونۇش بولغاچقا ھەسەننىڭ ھۇجرىسى قايسى ئوبدان بىلەتتى. قۇربان بولسا ھەسەننىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ بېشىدا قاراپ تۇرغىنىدىنمۇ بىخەۋەر ياستۇقنى قۇچاغلىغىنىچە خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان بولۇپ ئېغىزىدىن ئاققان شالدامدىن ياستۇقمۇ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
-قوپە ھەي تاز، قوڭاڭغا ئاپتاپ چۈشسىمۇ تۇيماي ئوسىراپ ئۇخلاۋىرىدىكەنسەن، ئۆينىڭ ئىچىمۇ سىسىق پۇراپ كېتىپتۇ، ساڭا بەك مەززىلىك ئەتىر پۇراۋاتامدۇ يا بۇ سىسىقچىلىقلار، -دەپ كاسىسىغا ئىككىنى تەپتى ھەسەن.
كاسسىسىغا تەككەن تىپىكتىن چۆچۈپ ئويغانغان قۇربان ، بېشىدا دېۋەيلەپ تۇرغان ھەسەننى كۆرۈپ.
-ۋايۋۇي …كىمكى دەپتىمەن، بىر ئوبدان چۈشۈمنى بۇزۇپ يۈرىيدىكەنسەن، قاق ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىرۋەتكەن ئوخشىمامدۇ سېنى بىرسى، ئىت پوقى يېمەستە ئۆيۈمگە ئۈنۈپ بوپسەن، -دېدى قۇربان ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن.
-ھەي تىرىكتاپ لامزەللە تاز، قاراپ باقە؟ كۈن چۈش بولدى ھازىر، نەدىمۇ ئەتتىگەن بولسۇن، ھىلىمۇ ئوسىراپ يېتىپ ئىشتىنىڭنىڭ ئىغى ساق قاپتۇ، تۇرە ئورنۇڭدىن يۈزۈڭنى يۇيۇپ چىق ئۆستەڭ بويىغا بارىمىز، -دېدى ھەسەن قاپاقلىرىنى غورا يېگەن تازدەك تۈرۈپ.
-نېمىش قىلىمىز ئۆستەڭ بويىدا، مەن تېخى قورسىقىمغا بىر نەرسە يېسەم بولار، نېمە بۈگۈن مىجەزىڭ قوداڭشىپ قاپتىغۇ؟ كېچىدىن گۈلمىرەيىڭ يوتقانغا كىرگۈزمەي، بىر يەلىرىڭ بىسىقماي ئاچچىقىڭنى مەندىن ئالغىلى كەلدىڭمۇ نېمە؟ -دېدى قۇربان ھەسەننىڭ بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ.
-ۋاي يوقىلە ماڭ، ئېغىزىنى كەتمەندە ئېغىزلاندۇرغان تاز، ماڭە چېقىپ ئاۋۇ چاپاقلىرىڭنى ئادالاپ كىرگىنە كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي، سەن بىلەن دېيىشىدىغان گەپ بار ، شۇڭا خالىيراق جايغا بارمىساق بولمايدۇ. بۇ يەردە دېيىشسەك ھىلى ئۆيگە بىرسى كىرىپ قالسا گېپىمىز ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئاۋۇ گەپچۇ ھازىر قورسىقىڭغا بىر نەرسە يېيىشتىنمۇ مۇھىم، نېمە ئادەمنىڭ جۇدۇنىنى ئۆرلىتىدىغاندۇ؟ -دېدى ھەسەن. ئاچچىقىدا نەچچىنى پىقىراپ. قۇربان ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىدىن راستلا بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلىپ، ئارتۇق گەپ قىلمايلا ھويلىغا چىقىپ تۇرۇبىدىن شاقىرتىپ سۇ چۈشۈرۈپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولۇپ، ماڭامدۇق دېگەندەك ھەسەنگە قارىدى. ھەسەن گەپمۇ قىلماي قۇربانغا بىرنى ئالىيىپ قويۇپ، چوڭ-چوڭ قەدەم ئېلىپ مېڭىپ كەتتى. قۇربان كەينىدىن ئەگەشتى. ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە قۇربان تۇرۇشلۇق كەنت بىلەن، ھەسەن تۇرۇشلۇق كەنىتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭنىڭ ئادەم بارمايدىغان يىرىگە بېرىپ توختىدى.
-ھەي…نېمە دېسەم بولار، قارا قۇربان، ئاۋۇ مۆرەڭنىڭ ئۈستىدىكى كاللىمۇ ياكى باراڭدىكى قاپاقمۇ ھە. نېمىشقا كاللاپ ئىشلىتىپ ئىش قىلمايسەن. ياكى مېنى ھۆل خىشقا دەسسەتتىڭمۇ يا، ئېنىق دېگىنە، سەن ئاشۇ قارىغۇ خوتۇننى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ ئىككىڭلار بىرلىشىپ ماڭا توزاق قۇردۇڭلارمۇ؟ -دېدى ھەسەن خۇددى ھازىرلا قۇرباننى ئۇرۇپ دەسسەپ ، چەيلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا.
-ۋۇي…ۋۇي…ۋۇي…ما ئاداشنى، مۇندا تۇرە پېشانەڭنى تۇتۇپ باقاي، قىزىپ قالمىغانسەن ھە، نىمانداق ئىغى يوق، بىغى يوق گەپ قىلىسەن. سەن ياراتمىغان ئاشۇ خوتۇننى مەن يارىتىپ ياخشى كۆرۈپ قالارمەنما. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بالىسى بار تېخى، تۈزۈك گەپ قىلە بىر، زادى نېمە ئىش بولدى ئىنىق دېمەمسەن؟ -دېدى قۇربان ھەسەننىڭ گەپلىرىدىن ھەيران بولۇپ.
-ماندا گەپ دېگىنە، تۈنۈگۈن سوتتا مەن يېڭىۋالايلا دەپ قالغان ئىدىم. گۆھەرنىسا دېگەن قانجۇق نەدىن پەيدا قىلدىكىن تېلېفونىدا سېنىڭ ئۈندىدارىڭنى ئېچىپ ئىككىمىزنىڭ سۆزلىشىش خاتىرسىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپتۇ. سەن ماڭا ئىسپات قىل دەپ يوللاپ بەرگەن ھىلىقى رەسىملەر، ۋە ئىككىمىزنىڭ گەپلىرىنى سوتقا سۆرەپ چىقىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىنى يوق قىلدى.مەنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك بولۇپ يېنىپ چىقتىم، -دېدى ھەسەن.
-نىم…نېمە؟ … سېنىڭ ئۈندىدارىڭنى ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا ئېچىپتۇ دېدىڭما؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى، بىر ئۈندىدارنى يەنە بىر تېلېفوندا ئاچسا، بىرسى چېكىنىپ كېتەتتىغۇ، مېنىڭ ئۈندىدارىم ئۆزۈمنىڭ تېلېفونىدا نۇرمال تۇرسا، چېكىنىپمۇ كەتمىگەن تۇرسا، قانداق قىلىپ ئېچىۋالىدۇ. بۇ گەپلىرىڭنى چۈشەنمەيلا قالدىمغۇ؟ -دېدى قۇربان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.
-ئۇ قارىغۇنىڭ خىلى ھۈنىرى بار ئىكەن، ھازىر جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك گەپ قىلىپ يۈرسە تېخى ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان، مەتۇ، دەلتە خوتۇن بۇ شۇنچە خورلۇق تارتسىمۇ دەردىنى كۆزىدىن ئېلىپ، باشقا ئىش قىلالمايدۇ.چوڭ قىلسا كەنىتكە بېرىپ كادىرلارغا دەرد تۆكۈپ مېنى تەنقىدلىگىلى سالالايدۇ، دەپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ.«كۆزگە ئىلمىغان پۇتاق، پۇتقا چوماق» دەپ ئاخىرىدا مېنى سەتلەشتۈرۈپ سوتتا، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمنى يوق قىلىپ يېڭىپ چىقتى. ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ كەتتىم، بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلالمىدىم، ئاخىرى بالامنى باھانە قىلىپ، بالامنى ئۆزۈم باقىمەن دەپ تۇرىۋالدىم. ئەسلىغۇ بالىنى شۇ قارىغۇ باقسىمۇ بەرىبىر مېنىڭ بالام بولغاندىكىن، چوڭ بولغاندا پۇل بىلەن گوللاپ، ئالداپ يۈرۈپ يېنىمغا ئەكىلىۋالساممۇ بولاتتى. ھازىر باقماقتىن چوڭ بولغاندا باقماق ئاسان ئىدى. ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ نىنىنى ئۆزى تىپىپ يېيىلەيتتى. بىراق ئۇ قارىغۇ خوتۇن بالا دېسە جېنىنى بېرىدۇ. ئۆزى ئاچ، قالسا چىدايدۇكى، بالىلار ئاچ قالسا ھەرگىز چېدىمايدۇ. شۇڭا ئۇ خوتۇننى بالا دەردىدە تازا بىر تۈگەشتۈرەي دېدىم، ئاساسلىق سوتتا گەپ پىشىپ بولدى. ئەمدى ئاجراشساقلا بولىدۇ. شۇغىنىسى بىر مۇنچە تۆلەم پۇلىنى تۆلەڭ دېسە ھەي، بىكاردا قالغان پۇل بارمۇ دەيمەن مەندە، ساڭىمۇ بىرمۇنچە پۇلنى ئېتىپ بەرگەن تۇرسام مەن، پوققا پايداڭ تەگمىدى مانا، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزۈم زىيان تارتىپ ئولتۇردۇم، -دېدى ھەسەن.
-مەن يەنىلا ئىشەنمەيمەن، مېنىڭ ئۈندىدارىمنى قانداق ئاچىدۇ، مېنىڭ ئۈندىدارىمنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئۇ خوتۇن بىلمىسە، مەخپىي نۇمۇرىنى بىلمىگەندىكىن چوقۇم تېلېفون نۇمۇرىنى سىلىپ مەخپىي نۇمۇر كەلتۈرۈپ ئاندىن ئاچسا بولار. ماڭا ھېچقاچان مەخپىي نۇمۇر كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇچۇر يوللىمىغان تۇرسا، ئۇچۇر كۆزنىكى ئوچۇق بولمىسا، مەخپىي نۇمۇر كەلسە يەنىلا ماڭا كىلەتتىغۇ؟ -دېدى قۇربان ھاڭۋاققىنىچە ھەسەنگە قاراپ.
-ۋاي مەن نەدىن بىلەي، دىتال ئارقىلىق ئاچتىم دەمدۇ ئىشقىلىپ ، بىرنېمە قىلىپ ئېچىپتۇ. ئىككىمىزدەك بېخىدا پىشىپ قالغان پۈتۈنسۈرۈك ئەرلەرنىمۇ ئالىقىنىدا ئوينىتالىغاندىكىن ئۇ خوتۇنمۇ بوش ئەمەس ئىكەن. خەپ دەيمەن، سەنمۇ نېمانداق لەقۋا گۇي، بىكار قۇيرىقىڭنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، بىرمۇنچە پۇلغا زىيان ئۇردۇڭ، قانداق قىلىمىز ئەمدى ئۇ پۇللارنى؟ -دېدى ھەسەن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.
-قانداق قىلاتتۇق، يەنە نېمە قىلالايمىز، ھە ماڭا بەرگەن پۇللارنى قايتۇرۇپ بەر دېمەيدىغانسەن، مەنچۇ ئۇ پۇللارنى ئاشۇ قارىغۇ خوتۇنۇڭغا خەجلەپ بېرىپ بولدۇم. مەندە ھازىر ئىسسق جان بار، باشقا ھېچنېمە يوق. تېخى شۇ خوتۇننى دەپ بىرمۇنچە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىم. مەن ئۇ خوتۇننىڭ مېنىڭ ئۈندىدارىمنى ئېچىپ نەيرەڭ ئوينىغىنىنى نىم بىلىمەن. يا مەن ئېچىپ بەرمىسەم ئۇ ئۈندىدارنى، تازىمۇ بىر قىزىق گەپ قىلىدىكەنسەن. ئۆز ۋاقتىدا ئۆزۈڭ خالاپ بەرگەن پۇللار ئۇ ماڭا. مەن ساڭا پۇل بەر خوتۇنۇڭنى ئازدۇرۇپ بېرەي دېدىممۇ يا، ئەگەر دېگەنلىرىڭ راست بولسا، مانا ئەمدى مېنى نەس باسقىنى شۇ. ناۋادا ئۇ خوتۇن ئۈستۈمدىن ئەرز قىلىپ قالسا، تۈرمىگە كىرىپ ياتمامدىمەن. باشقا ئىشلارنى كەتتى دېسەكمۇ، ئۇ خوتۇننىڭ خەۋرى يوق،ئۇنى ئوغىرلىقچە سۈرەتكە تارتىپ ساڭا ئەۋەتكىنىم بولسىمۇ جىڭغا توختاپ قالىدۇ. مەن قانداق قىلىمەن ئەمدى، -دېدى قۇربان قورقۇمسىراپ.
-قانداق قىلاتتىڭ، تۈرمىگە كىرىپ ياتاسەن شۇ، ئاچچىقىم كىلىپ تۇرغاندا سەنمۇ بولساڭ نىرۋامغا تەگمىگىنە، گەجگەڭدىن تۇتۇپلا ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىمەن بىكار، -دېدى ھەسەن قۇرباننىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كىلىپ.
-تاشلىۋىتە قېنى؟ مېنى خوتۇنۇڭدەك ياۋاش كۆرۈپ قالدىڭما، نېمە دېسەڭ ھە دەپ بوزەك بولۇپ تۇرۇپ بېرىدىغان، سەن تاشلىيالىساڭ ئۆستەڭگە، مەنمۇ سېنى ئۆستەڭگە تاشلىيالايمەن، -دېدى قۇربانمۇ ئىككى قولىدا بېلىنى تېرەپ تۇرۇپ.





نادىر ئەسەرلەر


دىللارغا سەنەم

بەخە قولدىن كەتكەندە

چار داستىخان

كېلىنچەك

زامانىۋى سىزىك

تويلۇق



BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章