ئەما نازىنىن 68-قىسىم

文摘   2025-02-01 11:00   新疆  


ئەما نازىنىن

بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ  

68- قىسىم

تۇنساخان چۈشىدە ناھايتى ھەشەمەتلىك بىر ئۆيدە نەچچە قات كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرغان بولۇپ، بەكمۇ چىرايلىق بەدەن قۇرۇلىشى ئاجايىپ قاملاشقان تەنناز بىر قىز تۇنساخاننىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ.
-ۋاي جېنىم ئانا، قورساقلىرى ئاچتىمۇ؟ نېمە يەيلا ئېتىپ بېرەي، ئەكەلسىلە پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ قوياي، -دېگىنىچە پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى. تۇنساخان بۇ قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي.
-سىز كىم بولىسىز قىزىم دەپ سورىدى.
-ۋاي ئانا، مېنى ئۇنتۇپ قالدىلىما، مەن گۈلمىرە ھەسەنجان بىلەن يېڭىدىن توي قىلدىم، ئەمدى مەن كۈندە سىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىمەن. بۇ مېنىڭ ئۆيۈم بۇنىڭدىن كېيىن ھەسەنجان بىلەن سىلى مۇشۇ ئۆيدە تۇرسىلا، مەن ھەسەنجان بىلەن توي قىلغاندىكىن، مېنىڭ ئۆيۈم سىلەرنىڭمۇ ئۆيۈڭلار ئەمەسمۇ؟ -دېدى ئۇ قىز.
تۇنساخان گۈلمىرەنى بىر قېتىم ئەمەس، نەچچە قېتىم كۆرگەن، لىكىن بۇ قىز گۈلمىرەدىنمۇ چىرايلىق ئىدى.
-بوپتىلا، مەن گۈلمىرە دېدىغۇ، بەلكىم ھۆسىن تۈزەتكەندۇ، بەكلا باي ئىكەن ئەمەسمۇ بۇ قىز، ئوغلۇمنىڭ تەلىيى كەپتۇ. گۆھەرنىسا دېگەن قارىغۇدىن ئاجرىشىپلا شۇنداق چىرايلىق ھەم باي خوتۇن ئاپتۇ. ئۇ قارىغۇدىن ئاران قۇتۇلۇپتىمىز، مەنمۇ ئەمدى كىلىن راھىتىنى كۆرىدىغان بولدۇم، -دېگىنىچە خانىشلاردەك گىدىيىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. تۇنساخاننى خۇددى بىرسى قىچىقلاپ كۈلدۈرۋاتقاندەك، پەقەت كۈلكىسىنى توختىتالماي كۈلىۋەردى. تۇنساخان كۈلۈپ بولالماي قورساقلىرى قاداق بولۇپ، ئاخىرى ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئويغانغاندا چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن بولۇپ بايىقى چۈشى ئىنىقلا ئىسىدە ئىدى. ئۇ بايىقى چۈشىنى ئوڭۇم بولۇپ قالسىچۇ؟- دەپ ئويلاپ يەنە پۇسۇققىدە كۈلىۋەتتى. دەل شۇ چاغدا دەرۋازا ئەنسىز قېقىلدى. تۇنساخان بايىقى چۈشىنىڭ شېرىنلىكىدىن مەست بولۇپ قالدىمۇ، دەرۋازا قېقىلغىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، ئورنىدىن تۇرمىدى. بىر چاغدا دەرۋازا ئېچىلىپ ھويلىغا بىر ئادەم كىرىپ كەلدى ۋە.
-ھوي ئادەم بارمۇ؟ ئەنۋەرجان قېنى سىلى؟ -دەپ توۋلىدى. ئەنۋەرجان دېگىنى دەل تۇرسۇنگۈلنىڭ ئېرى ئىدى. تۇنساخان بۇ چاغدا ئىرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى ۋە.
-ئەنۋەرجان بالام ئۆيدە يوق، ئالمىلىق باغقا كەتكەن، -دېدى.
-تازىمۇ بىر بۇ ئاداشنى، تېلېفون قىلسام ئالمىدى. سىلى قىيىنئانىسى ئوخشىماملا؟ -دېدى ئۇ ئادەم.
-شۇنداق مەن قىيننئانىسى، -دېدى تۇنساخان.
-ئۇنداق بولسا سىلىگە دەۋېرەي، بايا بازارغا بارىدىغان يولدىكى ئايلانما كۆۋرۈكتە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتىكەن، بىزگە تېلېفون قىپتۇ كۆرگەنلەر.
بىز بارساق شۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى تۇرسۇنگۈل ئىكەن، يەنە بىرەيلەن كىم بولغىيتى يۈزى قانغا بويۇلۇپ كەتكەچكە تازا تونۇپ بولالمىدۇق، ئەنۋەرجان ئوخشايدۇ دەيلى دېسەك، ئەنۋەرجاننىڭ ماشىنا ھەيدەيدىغان پىراۋىسى يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلېفون قىلغان،ھىلىغىچە ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتىمىكى، مەن شۇ ئەنۋەرجانغا تېلېفون قىلسام ئالمىدى، شۇڭا ئۆيگە كەلگەن ئىدىم، -دېدى ئۇ ئادەم. قارىغاندا بۇ ئادەم تۇرسۇنگۈل تۇرۇشلۇق كەنىتنىڭ كادىرىدەك قىلاتتى.
-نېمە؟ قاتناش ۋەقەسى، ۋاي بىچارە بالىلىرىم، تۇنساخان بۇ گەپنى ئاڭلاپلا شۇنداق دەپ جايىدا ئولتۇرۇپلا قالدى.ئۇنىڭ بايا كۆرگەن شېرىن چۈشلىرى قاياققىدۇر غايىب بولدى. بۇ كادىر دېگەندەك ھەسەن ھەيدەپ ماڭغان ماشىنا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىدى. ھەسەن ماشىنا ھەيدەشنى چالا-پۇچۇق ئۆگەنگەن، ئەمما تېخى يولغا چىقىپ ئۇزاقراق ھەيدەپ باقمىغان ئىدى. ئۇ تەييار ماشىنىنى كۆرۈپ گۆھەرنىساغا بولغان ئاچچىقىنى بولسىمۇ سەل بىسىش ئۈچۈن ماشىنىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى. باشتا شۇنداق ياخشى ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار شۇ ماڭغانچە ئايلانما كۆۋرۈككە كىلەي دەپ قالغان ئىدى. تۇرسۇنگۈل تۇرۇشلۇق كەنت بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، سەل چەترەك كەنت بولۇپ، بۇ كەنىتنىڭ يەر شارائىتى ناچار، دۆڭلۈك، ساسلىق كۆپ كەنت ئىدى. بۇ يېزىنىڭ يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاپ ماي ياتقۇزۇپ ئاسفالىتلاشتۇرغان چاغدا، شۇ كەنىتنىڭ ئالدىدىن يېزىنىڭ ئالدىغا بارىدىغان بىرلا چوڭ يول بار بولۇپ، بۇ يولنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر ئۆستەڭ كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ كېيىن بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيى بارا-بارا ئازلاپ، دېھقانلار باشقا يەردىن كىچىكرەك ئېرىق چىپىپ ئۆستەڭنى سۈيىنىڭ بار -يوقى ئازراق سۇنى شۇ ئېرىققا باشلاپ دېھقانچىلىق قىلىپ، ھىلىقى يولنىڭ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنى تىندۇرۇپ كۆۋرۈكنى ئېلىۋەتكەن بولۇپ، ئەمما بۇ ئۆستەڭنىڭ مۇشۇ كېسىشمە يىرى خۇددى ئادەمنىڭ قىشىغا ئوخشاش ئەگرى ئىكەن. بۇرۇن كىشىلەر كۆۋرۈك سالغاندىمۇ، شۇنداق ئەگرى كۆۋرۈك سالغان ئىكەن. يولنى ياساپ ئاسفالىتلاشتۇرۈغاندا، بۇ ئەگرى يولنى تۈزلەپ ياسايمىز دېسە، دېھقانلارنىڭ تىرىلغۇ يىرىنى بۇزۇشقا توغرا كىلىپ قالغاچقا ، بۇ يولنى يەنىلا ئەگرى ھالەتتە ياساپ ئاسفالىتلاشتۇرۈغان ئىدى. كىشىلەر بۇرۇندىن بۇ يەرنى ئايلانما كۆۋرۈك دەپ ئاتايتتى. ماشىنىدا ماڭغان ئادەم بۇ ئايلانما كۆۋرۈككە يىقىنلاشقاندا چوقۇم ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ماڭمىسا بولمايتتى. ھەسەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۋىتىپ، باشقىلار ماشىنا ھەيدىگىنىمنى كۆرمەي قالمىسۇن دەپ، ماي تەپكىسىگە بولۇشىغا دەسسەپ ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ تۇرسۇنگۈل بىلەن يەنىلا گۆھەرنىسانىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ كېتىپ باراتتى. ئۇلار گۆھەرنىسانىڭ گېپىنى قىلغانچە ئاچچىقى نەچچە گەز ئۆرلەپ كۆزلىرىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي قالدى. شۇڭا ھەسەن ئايلانما كۆۋرۈككە كەلگەندە ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي ئۇدۇل كىلىپلا ماشىنىنىڭ رولىنى ئوڭ تەرەپكە بىرلا بۇراپ رولنى تۈزلەي دەپ تۇرىشىغا ئالدى تەرەپتىن بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت كىلىپ قالدى. ھەسەن موتوسىكىلىتنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ،تورمۇزغا دەسسەيمەن دەپ يەنىلا ماي تەپكىسىگە دەسسەپ ماشىنننىڭ رولىنى سولغا بىر بۇرىۋىدى ماشىنا غۇيۇلداپ بېرىپ يولنىڭ يان تەرىپىدە توك سىملىرى تارتىلغان يوغان تۆمۈر مومۇن يەنى سىتولبىغا دەششەت سوقۇلدى.ماشىنىنىڭ سۈرئىتى بەكلا تىز بولغاچقا سىتولبىغا سوقۇلغان ماشىنا، سىتولبىغا سوقۇلۇپلا توختىماي يان تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ھەسەن بىلەن تۇرسۇنگۈل ماشىنا ئىچىگە قاپسىلىپ قالدى. ھىلىقى ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ھەيدەپ كەلگەن ئادەم بىر كىراكەش بولۇپ، تۇرسۇنگۈلنىڭ مەھەللىسدىن بىرسى.
ئاداش ئانام ئاغرىپ قالغان ئىدى،موتوسىكىلىتىڭنى ئېلىپ كىلىپ ئانامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىپ بەرگىنە؟-دەپ تېلېفون قىلغاچقا، شۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە كېتىۋاتقان ئىدى. بۇ كىراكەش ئايلانما كۆۋرۈككە كىلىشى بىلەن موتوسىكىلىتنى ئاستا ھەيدىگەچكە ، ئالدىدىن چىققان ماشىنىنى كۆرۈپلا دەرھال موتوسىكىلىتنى تورمۇزلاپ موتوسىكىلىتتىن چۈشۈپ ئۆزىنى ئورمان بەلۋىغىغا ئاتقان ئىدى. چۈنكى ئۇ موتوسىكىلىت نېمە بولسا مەيلى مەن ساق قالاي دەپ ئۆز ھاياتىنى ئويلاشقان ئىدى. ناۋادا شۇ چاغدا ھەسەن رولنى سولغا بۇرىمىغان بولسا ئۇدۇل بېرىپ شۇ موتوسىكىلىتنى سوققان بولاتتى. بۇ كىراكەش ئادەم ئورمان بەلۋىغىدىن چىقىپ ئالدىدا تۇرغان دەششەت مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۈستى-بېشىدىكى توپىلارنى قېقىۋىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ بازارلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدى. ساقچىخانىدىكىلەر ماشىنىدا بۇيەرگە كىلىۋىتىپ تۇرسۇنگۈل تۇرۇشلۇق كەنت كادىرلىرىغا تېلېفون قىلدى. ساقچىلار بىلەن كەنت كادىرلىرى تەڭلا بۇ نەخ مەيدانغا، يېتىپ كەلدى. ئۇلار ناھايتى تەستە ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىپ ئىشىكلىرىنى ئاجرىتىپ تۇرۇپ تۇرسۇنگۈل بىلەن ھەسەننى ماشىنىنىڭ ئىچىدىن ئالدى. ھەسەننىڭ يۈز-كۆزلىرى قانغا بويۇلۇپ كەتكەچكە ھېچكىم تونۇمىدى. تۇرسۇنگۈلنى كەنتىدىكى كادىرلار تونۇدى. بىراق بۇلارنىڭ ئازراقلا تېنىقى قالغان بولۇپ ھۇشىنى بىلمەي ياتاتتى. ئىنىڭغىچە قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكىلەرمۇ يېتىپ كەلدى.ھىلىمۇ ياخشى بۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا، ماشىنىنى ئۇزاق ھەيدىمىگەن ،ماشىنىنىڭ موتۇرى ھەددىدىن زىيادە قىززىمىغان بولغاچقا، ماشىنا سوقۇلغان چاغدا ئوت كەتمەپتۇ. ناۋادا ماشىنا موتۇرى بەكرەك قىزىپ كەتكەن بولسا ماشىنا بۇنداق سوقۇلغاندا چوقۇم ئوت كەتكەن بولاتتى. بۇ چاغدا ساقچىلار كىلىپ بولغىچە ھەسەن بىلەن تۇرسۇنگۈل ئوتتا كۆيۈپ كاۋاپ بولۇپ، ھەتتا سۆڭەكلىرىمۇ قالماس بولغىيتى. ساقچىلار ئۇلارنى يول ياقىسىدا ياتقۇزۇپ تۇرىشىغا جىددى قۇتقۇزۇش ماشنىسى يېتىپ كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىزىغا ئوكسىگىن نەيچىسى سېلىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ كېتىشتى. قاتناش ساقچىلىرى نەخ مەيداننى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ھەسەن بىلەن تۇرسۇنگۈل ساق قالامدۇ، ياكى ئۆلەمدۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى.




نادىر ئەسەرلەر


دىللارغا سەنەم

بەخە قولدىن كەتكەندە

چار داستىخان

كېلىنچەك

زامانىۋى سىزىك

تويلۇق



BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章