ئەما نازىنىن 71-قىسىم

文摘   2025-02-04 11:01   新疆  


ئەما نازىنىن

بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ  

71- قىسىم

دېمىسىمۇ ،ھەسەن ماشىنا بىلەن سوقۇلغان سىتولبا سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ،توك ئىلىكتىر ئىستانسىدىكىلەر چىقىپ ئەزھەرگە بۇ سىتولبىغا تۆلەم بېرىشنى ئېيتتى.
ئەنۋەر بولسا،ماشىنىنى ھەيدىگىنى ئۆزىنىڭ قىيىنئاكىسى ۋە خوتۇنى بولغاچقا بۇ سىتولبىنى ئۆزى ئوڭشاش ئۈچۈن ،سىتولبا سېتىۋىلىپ ئادەم ياللاپ جايىغا ئورنىتىپ ،ئۈزۈلگەن توك سىملىرىنى ئۇلىتىپ خىلى كۆپ پۇل چېقىمدار بولغان ئىدى.تۇرسۇنگۈل تېخى بۇلارنى بىلمەيتتى.
-بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ ساق ۋاقتىمدا خوتۇن قىلىپ مانا ئەمدى يىرىم جان بولۇپ قالسام مەيدەمدىن ئىتتىرىپ، خېتىمنى بەرمەكچىما؟ -دېدى تۇرسۇنگۈل ئېرىنىڭ بۇ ئەلپازىدىن قورقتىمۇ سەل ياۋاشلىشىپ سىز دەپ سۆزلەپ.
-مەن مەيدەڭدىن ئىتتىرمىدىم، ئۆزۈڭ بېشەملىكىڭنى، بىلەرمەنلىكىڭنى تاشلىماي شۇنچە چوڭ ئىشنى تېرىپ ، مۇشۇ ھالغا كىلىپ قالغان تۇرۇغلۇق خاتالىقىڭنى تونۇماي يەنە مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ ياقامغا ئېسىلدىڭ. خېتىمنى بەر دەپ نوچىلىق قىلدىڭ، شۇڭا مۇرادىڭغا يەتكۈزۈپ قوياي دېدىم بولماپتىما؟«خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دېسە ئىشەنمەپتىكەنمەن، مانا ئەمدى ئىشەندىم. ھە دېسىلا ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادەم ھامان يالغۇز قالىدۇ، -دېدى ئەنۋەر.
-مە…مەن…شۇ سىزگە ئەركىلەپ شۇنداق…-دەپ دۇدۇقلىدى تۇرسۇنگۈل. ئۇ ئەمدى تۇمشۇقىغا يېگەن ئىدى.
-بۇ ئۆينى ئۆي قىلىپ بالىلىرىمنى ئۆزۈم بېقىپ ئولتۇرىمەن دېسەڭ بولىدۇ. ئۆي سېنىڭ بالىمۇ سېنىڭ، ئەمما بۇرۇنقىدەك بېشەملىك قىلىپ، نېمىنى قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىلىپ، بالىلارغا يامان تەسىر بېرىپ يۈرسەڭ قەتىي بولمايدۇ. بالىلار چوڭ بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلارغا بىز ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك. ئاتا ئىزىنى ئوغۇل، ئانا ئىزىنى قىز باسىدۇ. يەنە بىرگە ئاۋۇ ئاناڭ دېگەن خوتۇن ماۋۇ ئۆيگە ئاز كەلسۇن، قىينئانام ئىكەن دەپ گەپ قىلمىسام، ھە دېسىلا مۇشۇ ئۆيدە ئۇۋىلاپ ساڭا بولمىغۇر ئىشلارنى ئۆگىتىپ، غەيۋەت قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.«چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى» دەپ ، ھەممە ئانىلار شۇنداق ئەمەس، دەل سېنىڭ ئاناڭدەك خوتۇنلارغا ئېيتىلغان سۆز ئىكەن ئۇ. ئۆزىنىڭ ئۆيى بولغاندىكىن قوڭىنى غىت قىسىپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، قېرىغاندا گەپ توشۇپمۇ ھارمىدى. ئەسلى ياشتا بىزدىن چوڭ بولغاندىكىن بىزگە نەسىھەت قىلىپ، ھەربىر قىلغان ئىشىدا بىزگە ئۈلگە بولىشى كېرەك ئىدى. ھىلىقى چاغدا سىلەر ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭغاندىمۇ ئالدىڭلارنى توسۇپ.
-بالىلىرىم سىلەرنىڭ پىراۋاڭلار يوق، پىراۋا يوق ئەھۋال ئاستىدا ماشىنا ھەيدىسەڭلار قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولسىلەر دەپ توسىۋالغان بولسا شۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەيتتى. بۇنى بەكرەك ئەزۋەيلەپ گەپ قىلسام،«بالا كەلسە كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ» دەپ تەقدىرگە ئارتىپ قويىسىلەر، ئەمەلىيەتتە تەقدىر دەيدىغان گەپ مەۋجۇت ئەمەس. بۇ پەقەت ئادەملەرنىڭ كاللىسىدىكى بىر ئۇقۇم،«تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ» دەپ كاللىنى ئوبدان ئىشلىتىپ، قانۇن-تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، بىخەتەر يول يۈرسەك، ھەرقانداق ئىشنى بىخەتەر ھالەتتە قىلىشنى ئۆگەنسەك كۈنلىرىمىز تېخىمۇ خۇشال ئۆتىدۇ. قاراپ باقە ھازىر نېمىمىز كەم، بۇرۇنقىدەك تىزىمىزغىچە توپا كېچىپ ماڭىدىغان يوللار يوق، شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن سائەتلەپ ئېشەك ھارۋىسىدا ماڭمايمىز، تېخى يۇرتىمىز بازار بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى قىززىيدۇ، بۇ بازار ھازىر شەھەرنىڭ بازارلىرىدىن قىلىشمايدۇ. بۇرۇنقىدەك قورسىقىمىز ھىلى ئاچ، ھىلى توق بىر زاغرىنى تىپىۋالساق نەچچىمىز پارچىلاپ يەپ لېۋىمىزنى يالاپ يۈرمەيمىز، ھازىر توققۇزىمىز تەل، نېمە يەيمىز دېسەك ئىشىپ، تىشىپ تۇرۇپتۇ. پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى ئاستىدا مۇشۇنداق باياشات كۈنلەرگە ئۇلاشتۇق. مۇشۇنداق بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلىمەي يەنە نېمە ئاتىكاچىلىق ساڭا، -دېدى ئەنۋەر.
تۇرسۇنگۈل گەپ قىلالماي قالدى. دېمىسىمۇ ئەنۋەرنىڭ دېگىنى توغرا تۇرسا، ئەگەر تۇرسۇنگۈل يەنە بىشەملىك قىلىپ، بۇرۇنقى ئەسكى خۇيىنى تاشلىمايدىغان بولسا، ناۋادا ئەنۋەرنىڭمۇ سەۋر قاچىسى توشۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھەيدىۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ھېچكىم خوتۇنلۇققا ئالمايتتى. ئۇنىڭ ھازىر يۈزى بۇزۇلۇپ كەتكىنىنى ئاز دەپ قاتناش ھادىسىسىدە بېشى قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەچكە پات-پات باش ئاغرىقى قوزغۇلۇپ قالاتتى. ئەڭ مۇھىمى دەل يۈزى ئىدى. بۇ ئۆيدە بولسا نىمىلا دېمىگەن بىلەن ئۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى، ھېچ بولمىسا بالىلىرى ئانام دەپ، ئەنۋەر بالىلىرىمنىڭ ئانىسى دەپ ھۆرمىتنى قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئۆيدىنمۇ ئايرىلىپ قالسا ئۇ ھېچكىمنىڭ نەزەرىگە ئېلىنمايدىغان تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالاتتى. تۇرسۇنگۈل ئۆزىنى بەك بىلەرمەن چاغلاپ، مەھەللىدىمۇ باشقىلارنىڭ ئېغىزىنى غىرىچلاپ، كىم گەپ قىلسا ئېغىزىدىن گەپنى تارتىۋىلىپ سۆزلەپ، خوشنىلار ئارا گەپ توشۇپ ئازارچىلىق تىرىپ يۈرگەچكە مەھەللىدىكى ئاياللارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن خوشى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بىرەر يىقىن دوستىمۇ يوق ئىدى.
-كەچۈرۈڭ، مەن…مەن…خاتا قىپتىمەن، -دېدى تۇرسۇنگۈل ئاخىرى باش ئېگىپ. مانا توي قىلغاندىن بىرى بۈگۈن بىر خاتالىقىنى تونۇغان تۇرسۇنگۈل سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك ياۋاشلىشىپ قالدى. ئەنۋەر باشقا گەپ قىلمايلا نىنىنى يەپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى. تۇرسۇنگۈل ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ بۇرۇنقى بىشەم، ھازازۇل ، ئۆزۈمنىڭلا راست دەپ ئۆينى ئوڭچە ئالىقىنىدا ئوينىتىپ،نېمە يەيمەن دېسە شۇنى يەپ، خوشياقسا ئىش قىلىپ،بولمىسا يېتىپ ئۇخلاپ،نەگە بارىمەن دېسە بېرىپ، ئەركىن يۈرىيدىغان غەيۋەتخور مىجەزى نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتتى. مانا ھازىر بۇ ئۆيدە ئەنۋەر ھەقىقىي ئەركەكلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ ھەممە ئىشنى ئۆزى باشقۇرۇپ ماڭدى. تۇرسۇنگۈل بۇرۇن قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ، ھىلى ئۆي، ھىلى ئېتىز دەپ يۈگرەپ يۈرىيدىغان بولدى. بۇرۇنقىدەك ھە دېسىلا ئانىسنىڭ ئۆيىگە چېپىپ،ياكى ئانىسىنى ئۆيىگە ئەكىلىۋالمايدىغان بولدى.
ھەسەن بالنىستىن چىققاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى قاراپ چىقىش سوتىنى ئېچىپ،بۇرۇنقى تەرتىپ بويىچە،ئۈمىدجاننى ھەسەن باقىدىغان،ئەمما گۆھەرنىسا بالىنى قاچان كۆرىمەن دېسە،شۇ چاغدا كۆرسە بولىدىغان،گۆھەرنىسانىڭ بالنىستا يېتىپ داۋالانغان 40مىڭ يۈئەن پۇلنى ھەسەن چوقۇم بېرىدىغان، بىراقلا بېرىپ بولالمىسا يىلىغا 10مىڭ يۈئەندىن بۆلۈپ بېرىدىغان. ئاندىن ھەسەننىڭ ئۆيىدىكى 12قوينىڭ ئالتسىنى گۆھەرنىساغا، قالغان ئالتىسىنى ھەسەنگە بۇيرۇپ، ئاخىرىدا كالا قالغان چاغدا بۇ بىر كالىنى قانداق بۇيرۇشنى بىلەلمەي، كالىنى پۇل ھېساپلاپ پۇلنى ئوتتۇرىدىن بۆلىدىغان، كىم شۇ پۇلنىڭ يىرىمىنى بەرسە كالا شۇنىڭغا قالىدىغان قىلىپ بۆلۈش ئۈچۈن كالىنى باھالىماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتە ھەسەننىڭ بۇ بۇقىسىنى بازارغا ئېلىپ چىقسا 10مىڭ يۈئەندىن ئاشمايتتى. ئەمما سوتتا ھەسەن تەتۈرلۈك قىلىپ ،
-ئۇ دېگەن ئالاھىدە نەسىللىك بۇقا، شۇڭا 20مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق ساتقىلى بولىدۇ دەپ تۇرۋىلىپ، ئاخىرى 20مىڭ يۈئەن باھالاپ، ھەسەننىڭ بۇ يىلغا تەۋە گۆھەرنىساغا بۇيرىغان تۆلەم پۇلى 10مىڭ يۈئەننى بەرگۈدەك پۇلى بولمىغاچقا كالىنى بىراقلا گۆھەرنىساغا بۇيرۇپ ھىلىقى 40مىڭ يۈئەندىن، 30مىڭ يۈئەن قالغان ھېساپلاپ سوتتىلا ھۆججەتلىشىپ ئاجرىشىش خېتىگە قول قويۇشتى. مانا شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاخىرى ئاجراشتى. گۆھەرنىسا سوت مەھكىمىسىدىن چىقىپلا ئىنىسى ئەسئەت بىلەن ئۇدۇل ھەسەننىڭ ئۆيىگە چىقىپ، ئۆزىگە تەۋە ھىلىقى بۇقىنى، ئالتە قوينى، ئاندىن گۆھەرنىسانىڭ پارچە -پۇرات نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە كەتتى. گۆھەرنىسا كالا-قويلارنى ۋاقتىدا ئېلىپ كەتمىسە، يەنە ھەسەننىڭ شۇملۇق ئىشلىتىپ بۇلارنىمۇ بەرمەي گۆھەرنىسانى ئوڭدا قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ھەسەن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ ياتقاندىن بېرى گۈلمىرە ئۇنى يوقلاپ كىلىپمۇ قويمىدى. ھەسەننى سوت زالىغا ئانىسى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئەكىرگەن بولۇپ، ھەسەننىڭ پۇتى تېخى ساقايمىغان ئىدى. ھەسەن ئاجرىشىپ ئۆيگە چىقىپ، گۆھەرنىسا نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ بۇ ئۆيدىن تولۇق كەتكەندىن كېيىن تېلېفونىنى ئېلىپ گۇلمىرەگە تېلېفون قىلدى.
-ۋەي…گۈلمىرەنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ جېنىم، مېنى ئەجەپ ئۇنتۇپلا كەتتىڭىزغۇ، نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭىز؟ -دېدى ھەسەن.
-ۋاييەي نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولاتتىم، يەنىلا شۇ بالىلارنى بىقىشنىڭ غېمىدە يۈرمەمدىم، سىزنى يوقلاپ كېرەي دېگەن دوختۇرخانىغا، ئاندىن شۇ ئىۋۇ قارىغۇ خوتۇنىڭىز يېنىڭىزدا بولۇپ قالسا سەتلىشىپ يۈرمەي دەپ كىرمىگەن ئىدىم شۇ، -دېدى گۈلمىرە قۇرۇق باھانە كۆرسىتىپ.
-ۋاي خاتىرجەم بولۇڭە، بۈگۈن ئاجرىشىپ بىكار بولدۇم ئۇ قارىغۇ بىلەن، ئەمدى مەن بويتاق ئادەم، ئىككىمىز خاتىرجەم توي قىلساق بولىدۇ، -دېدى ھەسەن پوچى ھالدا.
-ھە مۇنداق دەڭ، پۇتىڭىزچۇ ساقايدىمۇ؟ بانكىدىكى پۇللىرىڭىزنى ئاشۇ قارىغۇ خوتۇنىڭىزغا بەرمىگەنسىز؟-دېدى گۈلمىرە، گەپنى قىسىپ ئولتۇرماي.
-مە…مەن…بانكىدا بىر موچەن پۇل قالمىدى، ھەممىسى دوختۇرخانىغا كەتتى. پۇتۇم ئەمدى ساقىيىدۇ، دوختۇر باشقا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا بىرە ئىككى ئايدىن كېيىن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ماڭالايسىز دېگەن ئىدى. پۇل بولمىسا نېمىنى بېرىمەن ئۇ قارىغۇغا، پەقەت شۇ تۆلەم پۇلىنى يىلىغا بۆلۈپ بېرىسەن دەپ بۇيرۇپ قويدى سوتتىن. پۇل يوق دەپ تۇرىۋالسام، -دېدى ھەسەن.
گۈلمىرە ھەسەننىڭ بانكىدا بىر موچەن قالمىدى دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچقان بولۇپ ھەسەننىڭ گېپى تۈگىگىچە ئاران چىداپ گەپ تۈگىشى بىلەن بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلماي تېلېفوننى ئۈزىۋەتتى.ھەسەن نېمە قىلارىنى بىلمەي ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدى.  




نادىر ئەسەرلەر


دىللارغا سەنەم

بەخە قولدىن كەتكەندە

چار داستىخان

كېلىنچەك

زامانىۋى سىزىك

تويلۇق



BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章