كارۋاتتا بۇنداق ئۇخلىغاندا سالامەتلىكتىن ئاسانلا چاتاق چىقىدۇ!!!

文摘   2025-01-31 11:00   新疆  

ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ. بىز ھەر كۈنى ئۇخلايمىز، كەچتە، چۈشتە ئۇخلايمىز، بىراق سىز ئۇيقۇ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ باققانمۇ؟ مەسىلەن، بەزىلەر ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىش، خورەك تارتىش ياكى بىرەر نەرسىنى قۇچاقلاپ ئۇخلاش، دۈم يېتىپ ئۇخلاش قاتارلىق ئۇخلاش مەسىلىلىرى ئەمەلىيەتتە ساغلاملىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

01

بۇ ئۇيقۇ ھالىتى سالامەتلىك ئەھۋالىدىن بېشارەت بېرىدۇ

1. ئۇخلىغاندا خورەك تارتىش

يىنىڭىزدا بىرسى قۇلاقنى يارغۇدەك خورەك تارتىپ ئۇخلىسا سىزدە بىزار بولۇش تۇيغۇسى بولامدۇ؟

ئۇخلىغاندا خورەك تارتىش ئاساسلىقى « جىگەر ئاساسىي تومۇرلىرى» مەسىلىسىگە تەۋە.

بۇنداق بولغاندا ئۇزاق مەزگىل يەنىلا تال، بۆرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاشقازاندا سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىپ، تالنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك

2. دۈم يېتىپ ئۇخلاش، نەرسىلەرنى قۇچاقلاپ ئۇخلاش.

ھەمىشە نۇرغۇن كىشىلەر دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر قونچاق دېگەندەك ئويۇنچۇقلارنى قۇچاقلاپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىز بىلمەيسىز، ئەمەلىيەتتە بۇ سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنىڭ مۇسبەتلىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئېغىر بولغاندا، يەنە كۆكرەك سىقىلىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن

قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ئادەتتە روھىي قۇۋۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ئادەتتە ئەمەن بىلەن ئىچكى گۈەنشۆ پەللىسىنى داغلىغاندا ياكى دارچىن شېخىنى، دورىلىق چۈچۈكبۇيىنى چىلاپ چاي دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.

3. پۇت-قوللار تۈگۈپ ئۇخلاش

نېمىشقا پۇت-قوللىرىڭىز دائىم مۇزلاپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا ئىسسىمايدۇ؟ يەنە نىمىشقا كارىۋاتتا پۇت-قوللار تۈگۈلۈپ ياتىدۇ؟ بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، يەنىلا تال ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، يۈرەكنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك بولماسلىق، خىلىتلار پۇت-قوللارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىنى قۇۋۋەتلەندۈرەلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ زەنجىۋىل چىلان قىزىل شېكەر سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، مۇزەككەر قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتىدۇ.

4. جۆيلۈش، چىشنى غۇچۇرلىتىش

جۆيلۈش، چىشنى غۇچۇرلىتىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، يۈرەك تومۇرىدا ئىسسىقلىق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇخلىغاندا جۆيلۈش، چىشنى غۇچۇرلىتىش، ھەتتا بەزىدە تۈن سەيلىسى قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

يۈرەك تومۇرىدا ئىسسىق بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ئادەتتە يۈرەك ئۇزاق مەزگىل خىلىتنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىغا ئېرىشەلمەي، قۇرۇق ئىسسىق پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە ئىچى تىتىلداش، كىچىك تەرىتى سېرىق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

5. ئاسان ئويغىنىش، كېچىدە تەرەتكە كۆپ چىقىش

ئەگەر دائىم كەچ سائەت 1-3 لەردە ئويغىنىپ كەتسە، ياكى ئورنىدىن تۇرۇپ ھاجەتكە كۆپ چىقسا، ئۆزىنىڭ جىگەر، ئۆت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر 3-5 لەردە دائىم ئويغىنىپ كەتسە، ياكى ھاجەتخانىغا بارسا، ئۆزىنىڭ ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

02

بىر قانچە خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەلگە ماس كىلىدىغان ئۇخلاش ھالىتى

مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇخلاش قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر. بىر قىسىم قوغداش خاراكتېرلىك ئۇخلاش قىياپىتىنى ئۆز ئالدىغا قوللىنىش كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق. شۇنى بىلىش كېرەككى، نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئۇخلاش قىياپىتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن پەيدا بولىدۇ ياكى ئېغىرلىشىدۇ. تۆۋەندە بىز دائىم كۆرۈلىدىغان بىر قانچە خىل مۇۋاپىق ئۇخلاش قىياپىتىنى كونكرېت تونۇشتۇرىمىز.

ئۆپكە تۇبېر كۇليۇز كېسەللىكى:

ئىككى تەرەپ ئۆپكىسىدە كېسەللىك بار كىشىلەر، ئەڭ ياخشىسى ئوڭدىسىغا ئۇخلاش كېرەك. ئەگەر سول ئۆپكىدە كېسەل بولسا، سول تەرەپنى بىسىپ ئۇخلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ ئوڭ ئۆپكىدە كېسەل بولسا، ئوڭ تەرەپنى بىسىپ ئۇخلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، زىققە، يۈرەك زەئىپلىشىش:

يېرىم يېتىپ ئۇخلاش ھالىتىنى قوللىنىپ، ئۆپكىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئۆپكىدە قان ئۇيۇپ قېلىشنى ئازايتىپ، ئوكسىگېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىش ۋە ئارام ئېلىشقا پايدىلىق.

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى:

ئادەتتە يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق كېسەللەنگەن تەرەپتىكى قۇلاق يولىغا تولۇپ كېتىدۇ، يىرىڭلىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن يانتۇ يىتىپ يىرىڭنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئاشقازان يارىسى:

ئاشقازان يارىسى بىمارلىرىغا سول يېنىچە يېتىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئوڭ تەرەپكە قاراپ ياتسا، ئاشقازاندىن قىزىلئۆڭگەچكە قاراپ ئاققان كىسلاتالىق سۇيۇقلۇقنىڭ قايتما ئېقىم مىقدارى نورمال ئەھۋالدىن زور دەرىجىدە كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈكسىز داۋاملاشسا، ئاشقازان كۆيۈشۈپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك كېسىلى:

يۈرەكنىڭ كومپېنساتسىيە ئىقتىدارى ياخشى بولغانلار ئوڭ تەرەپكە قاراپ ياتسا بولىدۇ. ئەگەر يۈرەك زەئىپلىشىپ كەتكەن بولسا، يېرىم يېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نەپەس قىيىنلىشىشنى يېنىكلىتىش، سول يېنىچە ياكى دۈم يېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

يۇقىرى قان بېسىم:

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى، بولۇپمۇ ياشانغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى، ئۇخلاش قىياپىتى يېرىم يېتىش ياكى يانچە يېتىش كېرەك، 15 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ياستۇقنى ئىشلەتسە بولىدۇ، بەك ئېگىز ياكى بەك تۆۋەن بولغاندا بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.

ئۆت خالتىسى ياللۇغى:

ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش كېرەك، بۇ ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، تاش چۈشۈش، توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

بەل ۋە دۈمبە ئاغرىش:

يانچە يېتىپ ئۇخلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا مۇسكۇللارنى پۈتۈنلەي بوشاشتۇرۇپ، مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشىدىن ۋە جىددىيلىشىشىدىن، نېرۋىلارنى غىدىقلىشىدىن ياكى بېسىۋېلىشىدىن ساقلىنىپ، بەل ۋە دۈمبە ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى:

ئۇخلىغاندا ياستۇقنى بويۇننىڭ ئاستىغا قويۇش، بويۇننى ئېسىپ قويماسلىق، شۇنداقلا تۇيۇقسىز قاتتىق ئۆرۈۋەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر بويۇن ئومۇرتقىسى ساقلىقنى ساقلاش ياستۇقى ئىشلەتسە تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章