ناۋاتقا بۇ نەرسىنى قوشۇپ يىسىڭىز كاتتا دورىكەن..

文摘   2025-01-29 11:01   新疆  


ناۋاتقا بۇ نەرسىنى قوشۇپ يىسىڭىز ئۆت ياللۇغىدىن ساقىيالايسىز

 ماتېرىياللار:  يەتتە تال قوي ئۆتى ، ئىككى يۈز گرام ناۋات .


تەييارلاش ئۇسۇلى: يەتتە تال قوي ئۆتىنى سىقىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىمىز. 200 گرام ناۋاتنى ئېزىپ ئۆت سۇيۇقلۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر قىلىپ بوتۇلكىغا قاچىلاپ ، ھەر كۈنى ئىككى ۋاخ بىر قوشۇقتىن ئىستېمال قىلىمىز. 

بۇ بىر قېتىملىقنىڭ مىقدارى يۇقىرىقى مىقداردا ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلسا ، ئۆت ياللۇغى ئاساسەن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .

كېسەللىك چۈشەندۈرۈشى: 

ئاستا خاراكتېرلىك ئۆت ياللۇغى دېگىنىمىز، جىددىي خاراكتېرلىك ئۆت ياللۇغىنىڭ قايتا- قايتا قوزغىلىشى ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆتتىكى تاشنىڭ تەسرىدىن بولىدىغان ئۆت ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. %25 بىماردا مىكروبتىن يۇقۇملىنىش بولىدۇ. بۇنىڭ كېسەللىك مەنبەسى ئۆت نەيچىسىنىڭ توشۇلۇشىدىن بولىدۇ. ئۆتتە تاش بار- يوقلىقىغا ئاساسەن ئۆتتە تاش بار خاراكتېرلىك ۋە ئۆتتە تاش يوق خاراكتېرلىك ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئۆتتە تاش يوق ، خاراكتېرلىك ئۆت ياللۇغى مىكروپتىن ياللۇغلىنىش، ئۆت تۇزى ياكى پانكىرېئاتىن  سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

 ئۆت ياللۇغى بار بىمارلار گۆشلۈك ، مايلىق تاماقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك .

 ئەسكەرتىش: ئۆت سۇيۇقلۇقى چۇقۇم يېڭى بولۇش كېرەك ، بۇزۇلۇپ قالغان ئۆتنى ئىشلىتىشكە قەتىي بولمايدۇ . رېتسىپنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىئارامسىزلىق كۆرۈلسە دەرھال توختىتىش كېرەك .

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章