ئەما نازىنىن 64-قىسىم

文摘   2025-01-28 11:01   新疆  


ئەما نازىنىن

بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ  

64- قىسىم

ئون بەش كۈنلۈك تۇلۇنئاي خۇددى ئالتۇن تاۋاقتەك ئاسمان بوشلۇقىدا ئېسىلىپ تۇراتتى.چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار بىرەرسىنى مازاق قىلىۋاتقاندەك مەسخىرىلىك جىمىرلىشىپ تۇراتتى. ئىنسان تۇغۇلىدۇ، ياشايدۇ، ئۆلىدۇ. بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى، رېئال تۇرمۇش خىلمۇ-خىل شەيئى-ھادىسىلەر، شۇنىڭدەك خىلمۇ-خىل ئادەملەر بىلەن تولغان. مانا بۇلار رېئال تۇرمۇشنىڭ بېزىكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيتى، ئۆزگىچە خاراكتېرى بىلەن رېئال تۇرمۇشقا ئۆزگىچە رەڭ، ئۆزگىچە پۇراق بەخش ئېتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن، ھەرقانداق بىر كىشى قەلبىنى ۋىجدان بۇلىقىدا سۇغۇرۇپ، قەلبىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان «ۋىجدان تامچىلىرى» نى قەلبى قاغىجىراپ كەتكەن كىشىلەرگە يامغۇر كەبى بەخش ئېتىشنى ئۇنتۇماسلىقى، شۇنداقلا ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرىشى كېرەك. ۋىجدان - ئۇ ئادىمىيلىكنىڭ قىممىتى. ئۇ ئادەمنى ھەقىقىي ئادىمىيلىكنى تونۇتقۇچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شۇڭا مېھىرلىك ياشاڭ،ئادىمىيلىكىڭىز بىلەن ياشاڭ.
بۇ جاھان ئۆتنە جاھان ھېچكىمنىڭكى ھېچكىمدە قالمايدۇ. بەزىدە باغ ئايلانسا بەزىدە تاغمۇ ئايلىنىدۇ. سىز قىلىۋالدىم، ئېتىۋالدىم، بوزەك قىلىۋالدىم دەپ كۆرەڭلەپ نوچىلىق قىلىپ ئىشتانغا پاتماي قالسىڭىز، ھامان بىركۈنى سىزنىمۇ بوزەك ئېتىدىغان ، قىلمىشلىرىڭىزنى جازاغا تارتىدىغان ئادەم چىقىدۇ.ئەنە شۇ چاغدا پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قالىسىز، چۈنكى پۈتكۈل دۇنيانى كەزسىڭىزمۇ پۇشايمان قاچىسى سېتىلمايدۇ. ھەسەننىڭ تېخىچە پۇشايمان قىلىش ئىددىيسى يوق بولۇپ ئۇ پەقەت تۆلەم تۆلەيدىغان پۇلنىڭ غېمىدە ئىدى. ئۇ گۆھەرنىسانىڭ ،قورباننىڭ ئۈندىدارىنى ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا ئېچىپ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسپاتلىرىنى يوققا چىقارغانلىقىغا ھازىرغىچە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇ گۆھەرنىسانى ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ، ياۋاش، ساددا بىر خوتۇن دەپ چۈشىنەتتى.گەرچە ھەسەننىڭ بانكىدا يەتمىش،سەكسەن مىڭ يۈئەندەك پۇلى بولسىمۇ ،بۇ پۇللارنى ئاللىقاچان سىڭلىسىنىڭ نامىغا يۆتكىۋەتكەن، شۇڭا ئۇ بۇ پۇللاردىن خاتىرجەم، بىراق ھىلىقى تۆلەم پۇلنى قانداقلا قىلسا بېرىشى كېرەك. بۇ پۇللارنى بەرمەكنى تەس كۆرگەن ھەسەن يەنە گۆھەرنىساغا تېلېفون قىلدى.
-گۆھەرنىسا سوتقىمۇ چىقىپ بولدۇق. قىلىدىغاننى قىلىپ بولدىڭىز، ئاجراشساقمۇ بەرىبىر سىزمۇ ئەرگە تىگىسىز،مەنمۇخوتۇن ئالىمەن. ئارىمىزدا بىر بالا بار ئىكەن،بالىنى يېتىم قىلماي يارىشىپ قالساق قانداق؟-دېدى ھەسەن سەل ياۋاشلاپ،ئەزەلدىن سەن دەيدىغان گۆھەرنىسانى سىز دەپ سۆزلەپ.
-يارىشىپ قالامدۇق، بولىدۇ يارىشىپ قالايلى. سىز ئاۋال ھىلىقى گۈلمىرە دېگەن خوتۇندىن ئايرىلىپ كېتىسىز. يەنە بۇرۇنقى ھە دېسىلا ئاچچىقلىنىپ ئادەمنى ئۇرۇپ، تىللايدىغان خۇيلىرىڭىزنى تاشلايسىز، ئۆينىڭ كەم-كۈتە نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ ئېلىپ بېرىسىز،كېيىنچە ئۆيدە ئۇن،ماي گۈرۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى كەم قىلماي ئېلىپ بېرىسىز، بالىلارغا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى بېرىسىز. بىزنى مۇشۇنداق تاشلىۋەتكىلى بەش، ئالتە ئايدەك بولۇپ قالدى. شۇ جەرياندا يا سىز، ياكى ئانىڭىز بىزنى يوقلاپ كىلىپ باقمىدى. بۇنىڭغىمۇ مەيلى ئەمما 10مىڭ يۈئەن پۇل ئېلىپ كىلىپ ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراپ.
-مېنى كەچۈرۈڭلار، مەن خاتا قىپتىمەن،بالىمىزنى يېتىم قىلماي بىللە بېقىپ قالايلى، دەپ پۇلنى قويىسىز،ماڭا بىر قۇر كىيىم -كېچەك ئېلىپ بېرىسىز ئاندىن بىز يارىشىپ قالىمىز،-دېدى گۆھەرنىسا.
گۆھەرنىسانىڭ ئەسلا يارىشىپ قىلىش خىيالى بولمىسىمۇ، بالىسى ئۈمىدجاندىن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمايتتى. سوتچىلار بالىنى ھەسەنگە بۇيرۇپ بېرىمىز دېگەندىلا گۆھەرنىسانىڭ يۈرىكىگە ئاغرىق كىرگەن ئىدى. مانا ھازىرغىچە يۈرىكى ئاغرىشتىن توختاپ باقمىدى.ئەگەر ھەسەن ئازراقمۇ بولسا ئۆزگىرىدىغاننىڭ ئىشى بولسا گۆھەرنىسا بالىسى ئۈچۈن يەنە جاپا تارتىشنى خالايتتى. چوڭ ئوغلى ئىليارنىڭ كېسىلى سەل ئوڭشالغاندەك قىلغىنى بىلەن تېخى تولۇق ساقىيىپ بولالمىغان ئىدى. ھىلىمۇ ياخشى ئايگۈل خانىم يول مېڭىپ يۈرۈپ ئىليارنى ئون چوڭ كېسەللىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويغاچقا ئىليار ھەربىر بالنىستا ياتسا جىقمق پۇل كەتمەيتتى. تۆۋەن تۇرمۇش ئائىلىسى ھەم ئون چوڭ كېسەلنىڭ بېرى بولغاچقا بارلىق چېقىمنى ئاتچوت قىلىپ دۆلەت مالىيەسىدىن كۆتۈرەتتى. ھەتتا ئايگۈل خانىم ئىليار بىلەن ئۈمىدجانغا قۇۋۋەت تولۇقلاش ئاقسىلى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ،بالىلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىغا ياردەم قىلغان ئىدى.گۆھەرنىسا پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداق ئېسىل خىزمەتچىلىرى بولغاچقا مەن شۇنداق كۆپ ياردەمگە ئېرىشتىم دەپ بەك مەمنۇن بولاتتى. ھەربىر تېنىقىدا ئۇ پارتىيە-ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتاتتى. ئەگەر ھازىر ھەسەن خاتالىقىنى تونۇپ كەچۈرۈم سورىسا، گۆھەرنىسا بارلىق ئىشلارنى كەينىگە تاشلاپ بالىسى ئۈچۈن يارىشىپ قىلىشنى تاللايتتى.
-نېمە كەچۈرۈم سورامدىم تېخى،نېمە دەپ كەچۈرۈم سورىغۇدەكمەن. گۈلمىرەدىن ئايرىلىپ كەت دېسەڭ بۇنىڭغا ماقۇل، ئايرىلىپ كەتسەم بولىدۇ.ئۆيگە ئالىدىغان نەرسىلەرنى كەم قىلمايمەن بۇنىڭغىمۇ ماقۇل. ئاچچىقىمنى كەلتۈرمىسەڭ قولۇم قىچىشمىسا سېنى ئۇرمايمەن. ئەمما ئاتا-ئاناڭدىن نېمە بولغانغا كەچۈرۈم سورايدىكەنمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ كەچۈرۈم سورايدىغانغا چۈشۈپ قالغان ھەسەن يوق، مېنى ھۆل خىشقا دەسسەتمەكچىما، سەن ياتقىلى ئۇستا بولغاندىكىن ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆيىدە يات، شۇ ياتقىنىڭچە سېسىپ كېتەرسەن،-دېدى ھەسەن بىردەمدىلا بايىقى ياۋاش مىجەزى يوق، يەنىلا شۇ ياۋۇز مىجەزىگە قايتىپ.ئۇنى دەل مۇشۇنداق چېچاڭشىتىپ مىجەزىنى بىردەمدە ئۆزگەرتىۋەتكىنى 10 يۈئەن پۇلنىڭ گېپى ئىدى.گۆھەرنىسا پۇلنىڭ گېپىنى دېيىشى بىلەنلا ئۇنىڭ مىجەزى قوداڭشىپ كەتكەن ئىدى.
-ماقۇل ئۇنداق بولسا ئاجرىشايلى. مەن بىلەن توي قىلىدىغان چاغدا ئەجەپ قىزلىرىنى ماڭا بەرسىلە دەپ كىلەلەيسىزيۇ، ھازىر نېمە دەپ كەچۈرۈم سورايمەن،كەچۈرۈم سورايدىغانغا چۈشۈپ قالغان ھەسەن يوق دەيسىزغۇ؟ ئەجەبا مەن سىزگە چۈشۈپ قىلىپ ئۆزۈم ئۆيىڭىزگە بېرىپ تىگىپتىكەنمەنما. شۇ چاغدا كىلەلىگەن پۇتىڭىز ئەمدى كىلەلمەمدىكەن.ئاتا-ئانام مېنى شۇنچە يىل جاپا تارتىپ باقتى. يەنە تېخى سىز مېنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلاپ قويسىڭىز ئۇلار مېنى دوختۇرخانىدا داۋالىتىپ باقتى.ئېرى ئۇرغاندىكىن شۇ داۋالاتسۇن دېمىدى.مېنى سىڭلىڭىز بىلەن قارىلاپ ساقچىخانىغا سولىتىۋەتسەڭلار. قايتۇرۇپ ئەرز قىلاي دېسەم دەل ئۇلار قويمىدى. بەرىبىر ئۇ سېنىڭ قىيىنسىڭلىڭ بولدى قىل دەپ. ئەنە شۇ قورسىقى كەڭ ئاتا-ئانام كەچۈرۈم سوراشقا لايىق ئەمەسمىكەن.
مەنمۇ سىزگە خۇشتار ئەمەس، راستىمنى دېسەم ئۆيىڭىزگە بارماقتا يوق، شۇ ئۆينى ئويلاشقىمۇ رايىم يوق، بالامنى يېتىم بولمىسۇن دېمىگەن بولسام، ئۇ ئۆيدە ئۆزۈم تۈگۈل پۇچۇق كەشىممۇ قالمايتتى. سىز پۇلغا ئامراق بولغاندىكىن پۇلدا قوچاق ياساپ خوتۇن قىلىپ ئولتۇرۇڭ. ئاۋۇ گۈلمىرە دېگەن ناينىقىڭىز يېنىڭىزدا پۇل باكەن،شۇڭا ۋاي دەيدۇ، پۇلىڭىزنى خەجلەش ئۈچۈن. يېنىڭىزدا پۇل قالمىغان كۈنى سىزنى بەيبەي دەپ يولغا سىلىپ قويۇپ،يەنە بىر ئەرنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ.قاراپ تۇرۇڭ ماڭا قىلغىنىڭىز ھامان ئۆزىڭىزگە يانىدۇ. سىز قاق سەنەم بولغاندا يەنە شۇ گۈلمىرەيىڭىزنىڭ سىزگە قارىغىنىنى بىر كۆرەي. مەن كۆرگەن كۈننى چوقۇم سىزمۇ كۆرىسىز،-دېدى گۆھەرنىسا.
-مېنى قارغاۋاتامسەن، ئاڭلاپ تۇر« ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەيدۇ» سەن خۇشتار بولمىساڭ مەنمۇ سەندەك قارىغۇغا خۇشتار ئەمەس.سېنىڭ بۈگۈن خېتىڭنى بەرسەم ئەتىسىلا گۈلمىرە بىلەن توي قىلىپ قارىغۇ كۆزۈڭدىن ئوت چېقىرۋەتمەيدىغان بولسام، قاراپ تۇر ھە. مەن بەك ياخشى ياشايمەن. سەندەك قارىغۇغا ئوخشاش ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرەلمەي، پۇلنىڭ ۋە جاننىڭ راھىتىنى سۈرەلمەي ياشىمايمەن. ھاياتلا بولساڭ ياخشى ياشىغىنىمنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن،-دېدى ھەسەن بۈرگىدەك سەكرەپ تۇرۇپ.
-ماقۇل قېنى كۆرەرمىز، سېنىڭ ماڭا ئوخشاش قان-ياش يىغلىغىنىڭنى كۆرمەي تۇرۇپ مەن ھەرگىز ئۆلۈپ كەتمەيمەن، خاتىرجەم بولۇپ، ئويۇنۇڭنى ئويناۋەر، «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق» دېگەن شۇ، ۋىجدانىنى ئىتقا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزىنى ئەركەك چاغلايدىغان سىزدەك ئادەمگە ئاپىرىن. تىزراق يىغىنىڭ تەمىنى تېتىپ بىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن، -دېدى گۆھەرنىسا ھەسەننى مەسخىرە قىلغاندەك. ئۇ ئەمدى بالىسىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. مەيلى ئەمەسمۇ، بالا چوڭ بولدى مېنى كۆرگىسى كەلسە كىلىدىغان يوللار جىق بولغاندىكىن دادىسىنىڭ خەۋرى يوق كىلىپ مېنى يوقلاپ كېتەر. بالامنى دەپ يەنە ئوت دېڭىزىغا كىرىپ ئۆزۈمنى نابۇت قىلەۋەتمەي .دەپ ئويلىدى گۆھەرنىسا. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ھازىر يەنە دەرد تارتقۇدەك ماغدۇرى يوق ئىدى.
ھەسەن گۆھەرنىسانىڭ مىختەك-زىختەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ مىجەزى تېخىمۇ قوداڭشىپ ئاچچىقىدا بىر تىللاي دەپ تۇرىشىغا گۆھەرنىسا بېلىپ قالغاندەك تېلېفوننى ئۈزىۋەتتى. ھەسەن تۇرغان ئورنىدا نەچچىنى چۆرگىلەپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن. قۇيرىقىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىسپاتلىرىنى يوق قىلغان قۇرباننى ئىزدەپ بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ قۇرباننىڭ مەھەللىسىگە ماڭدى.



نادىر ئەسەرلەر


دىللارغا سەنەم

بەخە قولدىن كەتكەندە

چار داستىخان

كېلىنچەك

زامانىۋى سىزىك

تويلۇق



BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章