بەدەندىكى ماينى ئەڭ تىز سىرىيدىغان ئىككى خىل يىمەكلىك، بىلۋېلىڭ

文摘   2025-01-30 12:07   新疆  


سىز قانچە يېسە سەمرىمەيدىغان ئادەملەرگە ھەۋەس قىلىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ يوغان قورسىقىغا پەرىشان ھالدا قاراپ باققانمۇ؟

ئەمەلىيەتتە، قورساقتىكى گۆشنى ئازايتىش ئانچە تەس ئەمەس، ئىككى خىل تەبىئىي “ماي قىرغۇچ يېمەكلىك” نى دائىم يەپ بەرسە، يېگەنسېرى ئورۇقلايدۇ، بەدەندىكى ماينى سىرىپلا قالماي يەنە بەدەنگىمۇ ناھايىتى پايدىلىق.

تۆۋەندى بىز ”تەبىئىي ماي قىرغۇچ” دەپ ئاتالغان ئىككى خىل مەزمۇننى كۆرۈپ باقايلى؛

01

لامنارىيە

ئۇ ساپ ماي قىرغۇچ بولۇپ، تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار لامنارىيە بىلەن گۆشنى بىللە پىشۇرغاندا لامنارىيە گۆش تەركىبىدىكى ماي سۈمۈرۈپ تخىمۇ يېيىشلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

لامنارىيە ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ ماي سۈمۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قورسىقىنى كىچىكلىتىشىگە، سېمىز گۆشلەرنى يوقىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. لامىنارىيەنىڭ قىممىتىنى تىخمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن لامىنارىيە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى شورپىسى قىلىپ ئىچىشكە بولىدۇ.

لامىنارىيە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى شورپىسى ئاقسىل تولۇقلاپ بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، يەنە بەدەندىكى ماينى ئىنتايىن ساغلام ھالدا ئازايتىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، ياپونىيە سېمىز كىشلەر ناھايىتى ئاز دۆلەت، ئۇلار تاماق يېگەندە لامىنارىيە شورپىسى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لامىنارىيە (خەيدەي) دىن يەنە سوغۇق سەي تەييارلىغىلى بولىدۇ، كۈنجۈت مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرسا، سوغۇق سەينىڭ مەززىلىك تەمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سەيدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئاز بولغاچقا، يېمەكلىكلەرنىڭ مايسىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قورساقنىڭ تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ياغنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورساقتىكى ئارتۇق مايلارنىڭ يۇقىشىغا پايدىلىق، ئەمما، ئەڭ ياخشىسى مۇچ سېلىپ تەمىنى تەڭشىمەسلىك كېرەك.

ئاچچىقسۇنى كۆپرەك قويۇپ بەرسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ. چۈنكى مۇچ ئىسسىق بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ياغنىڭ پارچىلىنىشىغا پايدىسىز بولۇپ، توكسىننى ھەيدەپ چىقىرىدۇ.

02

چېچەكسەي

قانچە يېگەنسېرى ئورۇقلاي دەيدىكەنسىز، چىچىەكسەيدىن دائىم كۆرۈلىدىغان تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ تاماق ئەتمەڭ، قۇرغاق قورۇماڭ، مايدا قورۇش، گۆش بىلەن بىللە پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەڭ.

چېچەكسەينىڭ ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى توغرا بولغاندىلا ئاندىن ئىسمى جىسمىغا لايىق “تەبىئىي ماي قىرغۇچ” بولىدۇ. خاتا ئىستېمال قىلىنسا ماي سىرىش ئۈنىمى ياخشى بولمايدۇ.

بەدەندىكى ماينى يۇقۇتۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە قايناقسۇغا بېسىپ، چېچەكسەينى پارچىلاپ، سەۋزە، تۇخۇم، موگۇ قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئازراق زەيتۇن مېيى بىلەن قورۇپ ئىستېمال قىلساق، تۇز ۋە دورا-دەرمەكلەرنى ئامال بار ئاز سالساق بولىدۇ. بۇنداق قىلىش گۆشسىز تاماق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قورساق تويغاندەك ھېس قىلىدۇ، تالا ماددىسى بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدۇ.

يەنە ياغ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي يوللىرىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، بەدەندىكى ماينى يوقىتىش سۈرئىتىنى تېزلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقا كۆكتاتلارنى قورۇپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق تەركىبى تېخىمۇ موللىشىدۇ، بۇنداق يېگەندە تاماق تاللاشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

گەرچە بۇ ئىككى خىل ”تەبىئىي ماي قىرغۇچ” نى كۆپرەك يېيىش تەكلىپى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، يېمەك-ئىچمەكتە يەنىلا باشقا يېمەكلىكلەرنى قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەدەندىكى ماي مىقدارىنىڭ تىز ئىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەكنى نورمال يېيىش كېرەك، پەقەت تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىش، ماي ۋە تۇزنى ئاز سېلىش، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئامال بار يېمەسلىك، يېگەن يېمەكلىكلەر ئامال بار مايسىزراق بولۇش، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك، بۇنىڭ مېتابولىزمغا پايدىسى بار.

يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، دائىم بۇ ئىككى خىل يىمەكلىكنى بەدەندىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. پەقەت بەدەندىكى ماينىڭ ئازىيىش سۈرئىتى تېز بولمايدۇ، بۇنداق قىلىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.



بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章