تىز سۈرئەتتە يۈز ئاقارتىدىغان بۇ ئەپچىل چارىلەرنى ئۆگىنىۋېلىڭ

文摘   2025-01-27 11:01   新疆  


قىز-ئاياللار ئۈچۈن تىز سۈرئەتتە يۈز ئاقارتىدىغان بۇ خىل ئەپچىل چارىلەرنى ئۆگنىۋىلىڭ



«بىر ئاق بولسا ئۈچ نۇقساننى ياپىدۇ» دېگەن ئەنئەنىۋى گۈزەللىك قارىشى بار، ئاسىيا ئاياللىرى ئاقارتىش ئىستىكىنى خۇددى ئىنسانلار يورۇقلۇققا ئىنتىلىش ئىستىكىگە ئوخشاش ھېچقاچان توختىتىپ باقمىغان.  خۇش بۇي ئۇپا -ئەڭلىك ئاساسەن ھەر بىر قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردا زۆرۈر بولغان بۇيۇملار، تېخىمۇ مۇھىمى داغ تۇسۇش مەلھىمى، ئۇپا تەگلىك، ئۇپا قاتارلىق خىلمۇ-خىل پەرداز بويۇملىرى  ئارقىلىق تىرىنى ئاقارتىپ، پەردازلاپ تۇرىدۇ.



ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىدا تىرىنى ئاقارتىش خۇددى كېسەل داۋالاشقا ئوخشايدۇ، پەقەت تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، ئىچكى كۆزىتىش ئىلىپ بارغاندا، ئىچكى تېرە ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئاقلىقىنى نامايان قىلىپ تەبىئىي ئاق نۇر چاچىدۇ.



ئەمدى تۆۋەندە بىرقانچە ئەپچىل چارىلەرنى تونۇشتۇرىمىز:



1.چارە:ئاسپىرىن تابلىتى يۈزچاپلىقى: ئاسپىرىن تابلىتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئۇنى ئىزىپ ئۈستىگە ئازراق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئۇنى ئۇماچ ھالەتكە ئەكىلىمىز، ئاندىن پاختا پالكۈچ بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ يۈزگە تەكشى سۈركەيمىز، بۇنى 20-30 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۇيۋەتسەك بولىدۇ، يۇيۋەتكەندىن كىيىن تىرىڭىزنىڭ تەبىيلا ئاقىرىپ، سىلىق پارقىراق بولۇپ قالغىنىنى ھەم دانىخورەك ئىزىنىڭ سۇسلىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
ئەسكەرتىش: ئىشلىتىشتىن بۇرۇن قولىڭىزنىڭ دۈمبىسىگە ئازىراق چىقىرىپ ھىچقانداق ئەكىس تەسىر كۆرۈلمىگەندىن كىيىن يۈزىڭىزگە سۈرتىشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ.(تېرىسى سەزگۈر قىزلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.)



2.چارە: ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇ چاپلىقى ئىشلىتىش، ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىسسىق سۇ تەييارلاپ يۈزىڭىزنى ئىسسىق سۇنىڭ ھورىغا 3مىنۇت تۇتۇپ تۇرۇڭ، بۇنداق قىلغاندا تىرىگە سۇتولۇقلاپلا قالماي يەنە تىرە ئاستىدىكى ھەرخىل كىرلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، بۇ ئۇسۇلنى چىداپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغاندا تىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ پارقىراق ھەم ئاق بولغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.



3.چارە: ئاغچە شەربىتى (丝瓜汁+面粉面膜)يۈزچاپلىقى
بۇنى تاللىغاندا ئەڭ ئاۋۋال ئەڭ يىڭى ئاغچە تاللاش كىرەك، ئاندىن ئۇنى پاكىز يۇيۇپ ئاقلاپ، مىۋە ئىزىش ماشىنىسىغا سىلىپ ئىزىپ شەربەت چىقىرۋالىمىز، ئاندىن ئۇنى سۈزگۈچتە سۈزۈپ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن ئارلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن يۈزگە سۈركەيمىز، كىيىن پاكىز يۇيۋەتسەك بولىدۇ، ئاغچە نىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن ناھايتى مول بولۇپ، تىرە ئاقارتىش ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بولۇپمۇ، تىرىدىكى داغ ئىزىنى يوقۇتۇپ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ، تىرىنى تىگىدىن پارقىراق، جۇلالىق قىلىدۇ.


4.چارە:تاتلىق ھاراقتا ئاقارتىش
تاتلىق ھاراقتىن قاچىغا مۇۋاپىق قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق گۈرۈچ سالىمىز، ئاندىن گۈرۈچ ھاراقنىڭ ئىچىدە سەمىرىپ ئىزىلگەنگە قەدەر، ئۇ سەمىرىپ ئىزىلگەندىن كىيىن يۈزچاپلىقى قەغىزى ياكى گىرىم پاختىسنى چىلايمىز، ئاندىن ئۇ قاچىدىكىنى تولۇق سۈمۈرگەنگە قەدەر قويىمىز، ئاندىن ئىلىپ يۈزىمىزگە چاپلاپ 8-10 مىنۇتقىچە تۇرغۇزساق بولىدۇ.
يىمەكلىك ئارقىلىق يۈز ئاقارتىش ئۇسۇلى:




1-ئۇسۇل: لىمون سۈيى، ھەركۈنى ئەتتىگەندە بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىپ بەرسە بەدەندىكى كىرەكسىز ئىلمىنىتلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، زەھەر تازلايدۇ، لىمون تەركىبىدە ۋىتامىن c ھەم باشقا ۋىتامىنلارمۇ مول بولۇپ، تىرىنىڭ ئىچكى قەۋىتىدىكى قارا پىگمىنىتلارنى يوقۇتۇپ، داغنى سۇسلاشتۇرىدۇ، تىرىنى تىگىدىن ئاق ھەم پارقىراق قىلىدۇ.



2.ئۇسۇل: قىتىق، قىتىق تەركىبىدە ۋىتامىن ھەم مىكرو ئىلمىنىتلار كۆپ بولۇپ، بەدەندىكى ماينى،زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاشتا ناھايتى چوڭ ياردىمى بار.
زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئايلىنىشىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، تىرە ئاستىدىكى قارا پىگمىنىتلارنى يوقىتىدۇ، تىرىنى تىگىدىن ئاق قىلىدۇ.



3.ئۇسۇل: ئاق مور ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتى 
تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ھۈجەيرىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا تىرىنىڭ ئىلاستكىلىقنى ئاشۇرۇپ تىگىدىن ئاق ھەم يۇمران قىلىدۇ، تىرىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى زەھەرلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، ھەمدە تىرىدىكى سىرىق داغ-سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ.



4.ئۇسۇل:نىلۇپەرئۇرۇقى (薏仁粥)شوۋىگۈرۈچ.
تىرە ئاقارتىش ئۇسۇلى: نىلۇپەر ئۇرۇقىنى پاكىز يۇيۇپ قازانغا سىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇقۇيۇپ2-3 سائەتكىچە كىچىك ئوتتا قاينىتىمىز.
ئۇنى ھەركۈنى بىر قىتىمدىن ئىستىمال قىلسىڭىز تىرىڭىزنى ئاق ھەم پارقىراق قىلىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章