سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن
ئادەم ئۆمرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ، بۇ جەرياندا پۇل خەجلىمەيلا خۇشاللىقنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان بىر ئۇسۇل بار، ئۇ بولسىمۇ يالىڭاچ ئۇخلاش.
جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇيقۇسى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە,90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ % 15 تى يالىڭاچ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئەمما يالىڭاچ ئۇخلاش توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشلار ناھايىتى كۆپ، ئۇ زادى ئۇيقىنى ياخشىلاپ ھەم ئورۇقلىتامدۇ ياكى ئاسانلا كېسەللىك پەيدا قىلامدۇ؟ بۈگۈن سىزگە «يالىڭاچ ئۇخلاش» توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرىمىز. 1. يالىڭاچ ئۇخلاش كىيىم كىيىپ ئۇخلاشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئىسسىق بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىنىڭ يالىڭاچ ئۇخلاش ئادىتى بار، ئەگەر سىزگە «يالىڭاچ ئۇخلاش كىيىم كىيىپ ئۇخلاشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئىسسىق» دېسە، سىز ئىشىنەمسىز؟ مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىدە، بىر ئەر بىلەن بىر ئايال، ئايرىم- ئايرىم ھالدا يالىڭاچ ئۇخلاپ تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش چاپلىمىسى ئارقىلىق يوتقاننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىر سائەتنىڭ ئىچە ھەر 20 مىنۇتتا بىر قېتىمدىن ئۆلچىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا بايقىلىشىچە،ئەرلەرنىڭ يوتقىنىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى 31.9 ℃← 35.2 ℃ ← 35.5 ℃ ← 35.6 ℃ بولغان.ئاياللارنىڭ يوتقىنىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى 34 ℃ ← 35.4 ℃ ← 35.2 ℃ ← 35.3 ℃ بولغان.كېيىن، ئۇلار يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كىيىم كىيىپ سىناق قىلغان، ھەمدە تېمپراتۇرا 40 مىنۇتتىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىغان، ئاياللارنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەپ ℃35 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان.كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يالىڭاچ ئۇخلاش ھەقىقەتەن كىيىم كىيىپ ئۇخلاشتىن ئىسسىق.
يوتقان ئەسلىدىنلا سوغۇق بولىدۇ، ئادەم يالىڭاچ ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما، بىردەمدىن كېيىن يوتقان يېتەرلىك ئىسسىقلىققا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنى ئۈزلۈكسىز قىزىپ تۇرغاچقا، يوتقاننىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ تەدرىجىي ئۆرلەپ، ئادەمنى بارغانسېرى ئىسسىتىدۇ.ئەمما كىيىم كىيىپ ئۇخلىسا، ئۇخلاش كىيىمى ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن، يەنە يوتقان تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىدۇ، ئىسسىقلىق كۆپ قېتىم يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بىر قەدەر كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا يالىڭاچ ئۇخلاش ئىللىقلىق جەھەتتە كىيىم كىيىپ ئۇخلاشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 2. يالىڭاچ ئۇخلاشنى سىناپ باقمىسىڭىز بۇ پايدىلىق تەرەپلەرنى قولدىن بېرىپ قويىسىز. يالىڭاچ ئۇخلىسا «ئىنتايىن راھەت».بولۇپلا قالماي بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.تېرىنىڭ ئاساسلىق رولىنىڭ بىرى ئىسسىقلىق تارقىتىش بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ، ئادەم ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ بىئولوگىيىلىك رىتىمىنىڭ تەڭشىشى بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ.ئامستېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدىن بايقىشىچە، بەدەن سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىسە ئادەم تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلايدىكەن، ئەگەر بىرلەشتۈرۈپ ياتاق ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلغىلى بولسا ( 15.6 - 19.4 C ) ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.تېرىدە تۈك خالتىسى، تېرە ياغ بېزى، تەر بېزى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار تېرە يېغى، تەر سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، كىيىم كىيمەي ئۇخلىغاندا، بۇ تېرە ئەزالىرىنىڭ «خىزمەت قىلىشى» غا تېخىمۇ پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ھاۋا تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.ئامېرىكانىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم سالقىن تېمپېراتۇرا ( 19C ) دە تۇرغاندا، مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ( 24C ) دىن تۆۋەن تۇرىدىكەن تۇرىدىكەن. شۇنداقلا قوڭۇر رەڭلىك ماي ئاكتىپلاشتۇرۇش % 10 يۇقىرلايدىكەن. بۇ خىل ياغ ئادەتتىكى ياغ ھۈجەيرىلىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ياغنى پارچىلاشقا مەسئۇل بولۇپ، مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، ماينى شۇنچە ئازايتالايدۇ. بىراق، بۇ پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىكى تەتقىقات، رېئال تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاش ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىمى يېمەك ـ ئىچمەك ۋە ھەرىكەتكە تايىنىش كېرەك.4-ئەر- ئاياللارنىڭ مۇناسىۋېتىنى ياشىلايدۇ
ھەمراھلار ئارا سەمىمىي بولغاندا، ئوكسىتوتسىن قويۇپ بېرىشنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ماددا بېسىمنى پەسەيتىش، ئىككى ئادەمنىڭ يېقىنلىق تۇيغۇسى، ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، شۇڭا، ئوكسىتوتسىن «مۇھەببەت ھورمۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەر - خوتۇنلۇق ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.5-كۆپىيىش ئەزاسىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، يالىڭاچ ئۇخلىسا بەلگىلىك فىزىئولوگىيىلىك پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن، ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسىدا تەر بېزى بىر قەدەر مول بولغاچقا، ئەگەر ئىچ كىيىم، ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ ئۇخلىسا، مۇھىت نىسبەتەن دىمىق، نەم بولۇپ، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپەيتىۋېتىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. يالىڭاچ ئۇخلاش ھاۋا ئۆتۈشۈپ، نەملىكنى تارقىتىدۇ، بۇ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەر يالىڭاچ ئۇخلىغاندا ئىچ كىيىم كىيىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قىسمەن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، چۈنكى ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە يېتىلىشى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئىنتايىن قورقىدۇ. قىسقىسى، يالىڭاچ ئۇخلاشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، قىزىقىدىغان دوستلار سىناپ باقسا بولىدۇ، 3. يالىڭاچ ئۇخلاش گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى خىل كىشىلەر ماس كەلمەيدۇ. يالىڭاچ ئۇخلاش گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بۇ ئىككى خىل سىنىسا بولمايدۇ.1-تېرە كىسىلى بار بىمارلاربۇ خىل بىمارلاردا كۆپ ھاللاردا تېرە قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش، ئاستا خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكىگە ئوخشاش تېرە زەخمىسى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن، تېرە بىلەن ئۇچرىشىدىغان ھەر خىل مۇھىتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. يالىڭاچ ئۇخلاش تېرە بىلەن توزانسىمان سالجا، ھايۋانلارنىڭ تېرە كېپىكى، يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ كىرلىك ۋە يوتقان پاكىز بولمىغاندا، تېرىنى ئاسانلا غىدىقلاپ، كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.2-يۇقرى قان بېسىم ،مىڭە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكى بىمارلىرى
بۇ خىل بىمارلارنىڭ ئۇخلاش مۇھىتقا تەلىپى يۇقىرى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ داۋالغۇشى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولۇپ، جىددىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يالىڭاچ ئۇخلىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرۈلۈش، يوتقاننى تېپىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر سىنىماسلىق كېرەك. ئەگەر يالىڭاچ ئۇخلاشنى سىناپ باقماقچى بولسا، مۇھىت ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق بولۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ. خۇلاسە: ئەگەر سىز تۈن سەيلىسى قىلسىڭىز ياكى يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا تۇرسىڭىز، ئۇنداقتا يالىڭاچ ئۇخلاشنى تەۋسىيە قىلمايمەن، قانداقلا بولمىسۇن يەر تەۋرىسە، كىيىم كىيىشكە ئۈلگۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ