ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
بۆرەكنى ياخشىلغانلىق ھاياتىنى قوغداپ قالغانلىق !
جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇماچ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ، بۇ نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن .
ئەۋلىيا تېۋىپ جاڭ جۇڭجىڭ « كېزىك چىگىچ كېسەللىكلىرى توغرىسىدا » دېگەن ئەسىرىدە ، گۈرۈچ بىر خىل دائىم ئىشلىتىلىدىغان « دورا » دېيىلگەن .
بىمار دورا ئىچكەندىن كېيىن يەنە ئىسسىق ئۇماچ ئىچىپ بەرسە ، دورىنىڭ كۈچىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشتا ياخشى رولى بارىكەن . ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئاجىز كىسەللەرنى ئاسراشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . دوراشاھى سۈن سى ماۋ « تاللانغان قىممەتلىك رېتسىپلار » دىمۇ نۇرغۇن شىپالىق شوۋىگۈرۈچلەر توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنى خاتىرلىگەن .
بىر قاچا ئۇماچنىڭ ، يەتتە چوڭ رولى
1. ئاسان ھەزىم بولىدۇ : - گۈرۈچنى قاينىتىپ تېمپېراتۇرىسى 60 سېلسىيە گرادۇسقا چىققاندىلا ئۇماچقا ئايلىنىدۇ ھەم يۇمشاق پىشىدۇ ، ئىچكەندىن كېيىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ ، ئاشقازان - ئۈچەي بىئارام بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ .
2. قۇۋۋەت تولۇقلاش ، ئىشتىھانى ئېچىش : - ئىشتىھانى ئاچىدىغان نەرسىلەر ، مەسىلەن قۇرۇتۇلغان قارا ئۆرۈك ، تاتلىق زەنجىۋىل ، كۆكتات قاتارلىق ، ھەم ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، ھەم ئاجىز بىمارلار نىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى تولۇقلايدۇ .
3. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمىكى ياخشى لېكىن ھەرىكەت كەمچىللىك سەۋەبىدىن ، كۆپ قەۋزىيەت ئالامىتى بار . شوۋىگۈرۈچنىڭ سۇ تەركىبى مول بولۇپ ، ئادەتتە كۆپ ئۇماچ ئىچىكەندە ، بەدەنگە سۇ تولۇقلاشقا ھەمدە ئۈنۈملۈك قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - ھاۋا سوغۇق چاغدا ئەتتىگەندە بىر قاچا ئىچسىڭىز بەدەننى ئىسسىتىپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
5. ئاشقازاننى تەڭشەيدۇ : - ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر ، ئاز - ئازدىن يەپ كۆپ ئۇزۇقلىنىش ، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش ، شۇڭا ئۇماچ بۇنىڭ ئەڭ ياخشى يىمەكلىكى .
قۇۋەتلىك ئۇماچلارنى قانداق ئېتىمىز ؟
1. قارا پۇرچاق ئۇمىچى
ماتېرىياللار : قارا پۇرچاق 100 گرام ، ئالقات بەش گرام ،كۈنجۈت ، ياڭاق ، گۈرۈچ ، قارا شىكەر .
ئۇسۇلى : ھەممىسىنى ئەتتىگەندە سۇغا چىلاپ قۇيۇش .
كەچتە 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۈستىنى يېپىپ دۈملەپ قۇيىمىز .
ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە قارا شىكەر قۇيۇپ ، ئىككى مىنۇت قىزىتساقلا كۇپايە .
بۇنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۈچ ھەپتىدەك ئىچكەندە تىرنىقىمىزدىكى ئاي شەكىللىكلەر بارغانسېرى كۆپەيگىنىنى ھېس قىلىسىز .
ئالقات قارا پۇرچاق ئۇمىچى
ماتىريال : - قارا پۇرچاق ، ئالقات ، چىلان .
ئۇسۇلى : - قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيىمىز . ئاندىن يۇقىرى ئوتتا ئاستا - ئاستادىن ماتىرياللارنى سېلىپ قاينىتىمىز ، ئاندىن ئوتنى نورمال قىلىپ پىشقاندىن كېيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ .
ئۈنۈمى : - قارا پۇرچاق تەركىبىدە ناھايىتى مول ئاقسىل ، كاروتېن ، ۋىتامىن B 1 ، ۋېتامېن B 2 ، نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، بەدەننى جانلاندۇرىدۇ ، قاننى ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، زەھەر ياندۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار .
ئۇماچ ئىچكەندىكى ئۈچ پەرھىز
1. ھەممە ئادەم بىر خىل ئۇماچ ئىچىشكە بولمايدۇ
بەدەن ھالىتىمىزگە ماس قىلىشىمىز كېرەك ، ھەزىم قىلىش ياخشى ئەمەس بولسا پۇرچاق ئۇمىچىنى ئاز يېيىشى كېرەك . تېنى ئاجىز ۋە ھەزىم قىلىشى ناچار كىشىلەر ئىچسە ئاسانلا ئاشقازان توسۇلۇپ ، كۆپۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا سېرىق پۇرچاق ، دادۇر ، ماش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەزىم بولىشى بىر قەدەر جاپالىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا يەل قىلىدۇ .
ئەگەر ئىچ سۈرۈش ياكى چوڭ تەرەت سۇيۇق كېلىش ئەھۋالى بولسا ، ئۈچەي يولىنى غىدىقلاش ئىنتايىن كىچىك بولغان نومى گۈرۈچى ، تېرىق ، سۆك، تېرىق ، پىچەكگۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكنى يېيىش .
ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن 8 سائەت بۇرۇن يۇقىرى بولغان سۇغا ئوبدان چىلاپ يۇمشىتىش ، قايناتقاندىن كېيىن تېخىمۇ يۇمشاق ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ .
2. شېكەر ، ماي يۇقىرى بولغانلار
دىئابېت كېسىلى بار كىشىلەر ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ قارا پۇرچاق ئۇمىچى ئىچىشى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . قان شېكىرىنى قاتتىق تىزگىنلەش ئۈچۈن ، يېرىمدىن كۆپرەك پۇرچاق خام ماتېرىيال ئىشلىتىش كېرەك ، مەسىلەن : كۆك ماش ، سەي پۇرچاق ، باقىلە ، باقىلە ، نوقۇت ، كىچىك ياپىلاق پۇرچاق قاتارلىقلار ، چۈنكى ئوخشاش تەركىبىدە كراخمال مىقدارى بويىچە سېلىشتۇرغاندا ، ئۇلارنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى رېئاكسىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن ، كۆپىنچە 30 دىن تۆۋەن بولىدۇ .
يەر ياڭىقى ، كۈنجۈت ، نېلۇپەر ئۇرۇقى ، گۈلسامساق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىك . گۈرۈچ ، تېرىق ، سۆك ، يېپىشقاق سۆك بۇ خىل قان شېكىرى رېئاكسىيىسىنى بەك يۇقىرى قىلىدىغان يېمەكلىكلەر ، بىر ئاز چىلان ، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقنى قوشسىڭىز بولىدۇ ، لېكىن ھەرگىز شىكەر قوشماڭ .
3. ئۈچتە يۇقىرى كىشىلەر توپى ئۇماچنى بەك يۇمشىتىپ ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ .
بۇلار ئازراق چايناپ بېرىشى كېرەك ، بۇنىڭ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار ، پۇرچاق چىلاش ۋاقتى قىسقىراق بولسا ، ياكى سۇغا چىلىمايلا قاينىتىپ كۆپرەل چايناپ يۇمشىتىپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .
بىر نەچچە يۈەنلىك نەرسە بۆرەك قۇۋەتلەپ قاننى ياخشىلايدۇ ، ئەتىدىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىپ سىناپ باقسىڭىز ، ئۆزىڭىزدىكى ئۆزگىرىشنى ھېس قىلالايسىز . باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىلىۋالسۇن ، تارقىتىپ قۇيۇڭ .
مەنبە : جوڭگو ساغلاملىق تورى سالونىمىز تەرجىمىسى
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ