گۈرۈچنى يەنە بىۋاستە سۇدىلا دۈملەۋاتامسىز؟بۇ ئۈچ نۇقتىنى ئېسىڭىز

文摘   2025-01-28 11:01   新疆  

گۈرۈچ تامىقى ئەتكەندە، گۈرۈچنى يەنە بىۋاستە سۇدىلا دۈملەۋاتامسىز؟ بۇ ئۈچ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتسىڭىز، پىشقان گۈرۈچ مەرۋايىتتەك پارقىراق، دانە-دانە، مەززىلىك بولىدۇ. 

ياخشىمۇسىللەر ئوقۇرمەن دوستلار، بۈگۈن مىنىڭ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان مەزمۇنۇم:« گۈرۈچ ئېشى»

سىز گۈرۈچ تامىقى ئەتكەندە، گۈرۈچنى يەنە بىۋاستە سۇدىلا دۈملەۋاتامسىز؟ بۇ ئۈچ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتسىڭىز، پىشقان گۈرۈچ مەرۋايىتتەك پارقىراق، دانە-دانە، مەززىلىك بولىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئاشخانىدىكى گۈرۈچ تامىقىنىڭ گۈرۈچلىرىنىڭ دانچىلىرىنىڭ ئېنىق، پارقىراق ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ قورۇلغان گۈرۈچ تامىقىنىڭ دانە-دانە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزى پىشۇرغان گۈرۈچ تامىقىنىڭ ناھايىتى يېپىشقاق ئىكەنلىكىنى، ئاشخانىنىڭ گۈرۈچ تامىقى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەززىلىك، يۇمشاق، سۈزۈك، دانلىرى ئېنىق بولغان گۈرۈچ تامىقىنى پىشۇرۇشتا يەنىلا بەزى ماھارەتلەر بولۇشى كېرەك.

بەزىلەر گۈرۈچنىڭ ياخشى پىشىش-پىشماسلىقى گۈرۈچنىڭ تۈرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىيشىدۇ، مىنىڭچە گۈرۈچ دانچىسى بىلەنلا ئەمەس بەلكى، گۈرۈچنى دۈملەش ئۇسۇلى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتە گۈرۈچ دۈملىگەندە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر گۈرۈچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بىۋاسىتە سۇ قۇيۇپلا دۈملەيدۇ، باشقا ھىچقانداق ماھارەت ئىشلەتمەيدۇ.

سىرىتتىكى ئاشخانىلاردا ئىشلەتكەن گۈرۈچمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئەڭ ناچار گۈرۈچ دىيىشكىمۇ بولىدۇ، بىراق ئاشخانىلاردا ھەم يۇمشاق، ھەم مەززىلىك گۈرۈچ تامىقىنى پىشۇرىدۇ، بىز ئۆزىمىز ئىشلىتىۋاتقان گۈرۈچ ئاشخانىدىكى گۈرۈچتىن كۆپ ياخشى، دۈملەپ پىشۇرۇلغان گۈرۈچ تامىقى يېپىشقاق. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟

چۈنكى گۈرۈچنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە گۈرۈچ دۈملىگەندە پەقەت سۇلا قوشساق، دۈملىگەن گۈرۈچ تامىقى يېيىشلىك بولمايدۇ، يا چالا پىشىدۇ، يا يېپىشقاق بولۇپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇسۇلنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ!

بۈگۈن مەن كۆپچىلىك بىلەن گۈرۈچ دۈملەپ پىشۇرۇش تەجرىبىسى ۋە ماھارىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىمەن. ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ھەم مەززىلىك، ھەم يۇمشاق، يەنە تال-تال گۈرۈچ تامىقى تەييارلىغىلى بولىدۇ.

بۇ ئۇسۇل تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى: گۈرۈچنى ئالدىن سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن دۈملەپ پىشۇرۇش

ئۇنداقتا گۈرۈچنى قانچىلىك ۋاقىت سۇغا چىلىپ قويىمىز؟ بۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟  گۈرۈچنى سۇغا چىلاپ قويغان ۋاقىت بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ، پەقەت 15 مىنۇتتىلا  بولسا يىتەرلىك. گۈرۈچ سۇ سۈمۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە پىشىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىككىنچى: گۈرۈچنى قازانغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن، سۇ قۇيغاندىن سىرت، يەنە ئاز مىقداردا يىمەكلىك مېيى، كۈنجۈت مېيى،ئاق ئاچچىقسۇ قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى قوشۇش.

ھەممىسىنى قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىر خىلىنى قوشساقلا بولىدۇ، دۈملىگەن گۈرۈچ تامىقى يىپىشقاق بولمايدۇ،تال-تال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى: گۈرۈچ تامىقى دۈملەپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن دەرھال تۇۋاقنى ئىچىشقا بولمايدۇ.

دۈملەش تەرتىپى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گۈرۈچ تامىقىنى ئىسسىق ھالەتتە 5 ~ 10 مىنۇت« دۈملەپ» ، ئاندىن قاچىغا سېلىپ ئىستېمال قىلسا، گۈرۈچ تامىقى تېخىمۇ مەززىلىك، يۇمشاق بولۇپ، چاپلىشىپ قالمايدۇ.

بۇ ئۈچ نۇقتىدىن باشقا، گۈرۈچ دۈملەشتە يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: گۈرۈچنى كۈچەپ يۇماي، سۇدا ئىككى قېتىم يۇيۇۋەتسەكلا بولىدۇ، بولمىسا ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

گۈرۈچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سۇغا چىلاپ قويۇش كېرەك.

ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويغاندا، دۈملەپ پىشۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپلا قالماستىن، يەنە زور مىقداردىكى ئوزۇقلۇقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، گۈرۈچ تامىقىنىڭ تەمىمۇ ياخشى، يۇمشاق پىشىدۇ.

گۈرۈچ بىلەن سۇنىڭ نىسبىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم، بىر ئىستاكان گۈرۈچكە 1.5 ئىستاكان سۇ قوشساق، سۇ يۈزى گۈرۈچنىڭكىدىن بىر بارماق بوغۇمى يۇقىرى بولسا بولىدۇ.

ئەگەر گۈرۈچ بىلەن يىرىك گۈرۈچ، ئاققوناق گۈرۈچى قاتارلىق قارا ئاشلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ دۈملىگەندە، سۇنىڭ مىقدارى ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ، قارا ئاشلىقنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.

ئەگەر سۇ مىقدارى ئاز بولۇپ قالغان بولسا، گۈرۈچ تامىقىنى تۆكۈۋەتمەي، چوكا بىلەن گۈرۈچ تامقىنى ئاجرىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۇ قۇيۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ يەنە بىر قېتىم دۈملەپ پىشۇرساق بولىدۇ

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章