ئۆيىمىزدە ئىشلىتىۋاتقان ھەر خىل مېغىزلارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

文摘   2025-01-29 11:01   新疆  
بادامنىڭ شىپالىق رولى

 مۇۋاپىق مىقداردىكى بادام مېغىزى بىلەن ناۋاتنى بىرلىكتە سوقۇپ كاپ ئېتىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.
 ئاچچىق بادامنى مۇسەللەس بىلەن ئېزىپ ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
 ئاچچىق بادام مېغىزىنى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ئىستېمال قىلسا، نەپەس سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
 قوغۇن مېغىزىنى بادام مېغىزى ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە تېرىنى ېارقىرىتىپ، يۈزدىكى قارا داغلارنى يوقىتىدۇ.
گازىر مېغىزىنىڭ شىپالىق رولى 
 گازىر مېغىزىنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق. ئىششىق ياندۇرۇش، مېڭە، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرى ئېچىش ۋە تازىلاش، مېڭە، پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن ئاغرىشى ۋە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش؛ ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، باھنى كۈچەيتىش ؛ سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش؛ ئۇششاق تاشلارنى ئېرىتىش رولى بار . 
ئىشلىتىلىشى: ئەمچەك ئىششىقىنى ياندۇرۇش، باھ ئاجىزلاش، قان بېسىم، تاجىسىمان قان تومۇر قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ . 

ئەسكەرتىش: گازىر مېغىزىنى كۆپ يېسە، قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشلەرگە زىيان قىلىدۇ. باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، باش ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ھەسەلنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچسە، ئەكىس تەسىرنى پەسەيتىدۇ . 
ئۆرۈك مېغىزىنىڭ شىپالىق رولى
ئۆرۈك مېغىزى
ئۆرۈك مېغىزى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ۋە تاتلىق ئۆرۈك مېغىزى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئادەتتە دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. ئۇنىڭ ئازراق زەھىرى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنى پارچە-پۇرات يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
ئۆرۈك مېغىزى ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۆرۈك مېغىزىنىڭ مۇئەييەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار بولۇپ، تېرىنىڭ مىكرو قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى قىزىل ھەم سىلىق قىلىدۇ.
ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى يۆتەلنى توختىتىپ، دېمى سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكە كېسىلى، يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ.
تاتلىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئۆرۈك مېغىزى بولۇپمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش، خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ تۇغۇتلۇق ئاياللار، كىچىك بالىلار، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۆرۈك مېغىزى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنى ياغدا قورۇۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئامىگدالىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەكىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاپ، نەپەسلىنىشنىڭ پالەچلىنىشنى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆرۈك مېغىزىنى قورۇۋەتكەندىن كېيىن، زىيانلىق ماددىلار پارلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ ياكى ئېرىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. 
ئۆرۈك مېغىزىدىن ئىچىملىك تەييارلاپ ياكى ئۇنى بىر قانچە قېتىم سۇغا چىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلغاندا، بىخەتەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ.
يەر ياڭىقى (خاسىڭ) نىڭ شىپالىق رولى
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: مېڭە ۋە ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، مەنىي پەيدا قىلىش، ئوزۇقلۇق بولۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: نېرۋا ئاجىزلىقى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ
يەر ياڭىقى قۇۋۋەت تولۇقلاپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا خەلق ئارىسىدا ئۇ يەنە «ئۇزۇن ئۆمۈر مېۋىسى» دېيىلىدۇ ھەمدە دادۇرغا ئوخشاشلا «ئۆسۈملۈكتىن چىقىدىغان گۆش» دەپ تەرىپلىنىدۇ. 
يەر ياڭىقىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشلىقنىڭكىدىن يۇقىرى، تۇخۇم، سۈت، گۆش قاتارلىق ھايۋانات مەنبەلىك بەزى يېمەكلىكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
يەر ياڭىقىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، 100 گرام خاسىڭ يېغى تەركىبىدە تەخمىنەن 42 مىللىگرام ۋىتامىن E بولىدۇ. خاسىڭ تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن K، ۋىتامىن B، ۋىتامىن B2، كالتسىي، فوسفور، سېلېن قاتارلىقلار بار. 
يەر ياڭىقىنىڭ تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، بەلغەم بوشىتىش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، يەلنى نورماللاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئوزۇقلىنىش ناچارلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا مۇئەييەن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. 
يەر ياڭىقىنىڭ قان توختىتىش رولى بار، ئۇنىڭ قىزىل پوستىنىڭ قان توختىتىش رولى مېغىزىنىڭكىدىن 50 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، قاناش خاراكتېرلىك كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا ناھايىتى ياخشى قان توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. خاسىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، تېرىنى نەمدەيدۇ. 
خاسىڭ خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم ۋە تاجسىمان ئاتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. 
خاسىڭ قان پلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى ئازايتىپ، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 
يەر ياڭىقىنىڭ قۇۋۋەتنى تولۇقلاش، تال-ئاشقازاننى ياخشىلاش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، بەلغەم بوشىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، يەلنى نورماللاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى ھەيدەپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش، قان توختىتىپ، سۈت ھاسىل قىلىش، يۇتقۇنچاقنى تازىلاش، بەزگەكنى توختىتىش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كېسەلدىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ساقىيىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار ھەمدە ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار خاسىڭ ئىستېمال قىلىپ بەرسە بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈنۈمى بولىدۇ. 
خاسىڭنى قورۇغان ياكى ياغدا پىشۇرغاندىن كېيىن، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىققا ئۆزگىرىدۇ، بۇنداق خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ قالغانلار، كېكىردەك ياللۇغلىنىپ قالغانلار خاسىڭنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. 
خاسىڭ قاننىڭ ئۇيۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ، شۇڭا قېنىنىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرىلار ياكى قان نۆكچىسى شەكىللەنگەنلەر خاسىڭ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 
خاسىڭ تەركىبىدە ياغ كۆپ، ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى بارلار ياكى تېرىسى مايلىشاڭغۇ، ئاسانلا دانىخورەك چىقىپ قالىدىغانلار خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

خاسىڭنى ھەزىم قىلىشتا ئۆت سۇيۇقلۇقى كۆپ سەرپ بولىدۇ، شۇڭا ئۆت كېسىلى بارلار خاسىڭ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 
بەدىنىدە ئۇرۇلغان ئىششىق ياكى يىرىڭلىق جاراھەت بارلار خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 
خاسىڭنى قىزىل پوستى بىلەن چىلانغا ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ھەم بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، ھەم قاننى توختىتىدۇ، بۇ تېنى زەئىپ، قاناش كېسىلى بارلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 
خاسىڭ كۆكىرىپ قالغاندىن كېيىن كۆپ مىقداردا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا-ئافلاتوكسىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا كۆكىرىپ قالغان خاسىڭنى ھەرگىز يېمەسلىك كېرەك. 
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章