ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى زادى قانچە ياش بولسا نۇرمال؟

文摘   2025-01-29 11:01   新疆  

مانا بۇ ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى، بەك بالدۇر، بەك كېيىن بولۇپ كەتسىمۇ ماس كەلمەيدۇ،ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشىدا تۇغۇلغان بالىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدۇ. 

تۇرمۇشتا، بىز ئىزچىل تۈردە: ئاياللار توي قىلسا، بالىلىق بولسا، تۇغۇت يېشىغا يېتىشى كېرەك، بولمىسا، خەۋپ-خەتەر نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ»دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىدە ئېيتىلشىچە: ئاياللارنىڭ ئالتۇن تۇغۇت يېشى 24 ~ 29 ياش.

ئەمما 24 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە نەچچە ياش پەرق بار، زادى 24 ياشتا بالا تۇغسا ياخشىمۇ ياكى كېيىنرەك 29 ياشتا بالا تۇغسا ياخشىمۇ؟ ياكى يەنىلا ئوتتۇرىسىدىكى ياش ئەڭ ياخشىمۇ؟

تۇرمۇشتا، بىز پەقەت كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈشنىڭ زىيىنىنىلا بىلىمىز، ئەمما ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشىدىكى بالا تۇغۇشنىڭ قانداق پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز، ئۇنداقتا نۇرغۇن ئاياللار نېمە ئۈچۈن ياشلىق باھارىدىن ۋاز كېچىپ ھامىلدار بولۇشنى تاللايدۇ؟

بالدۇر ھامىلدار بولسا ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ، لېكىن نەتىجە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن.

قارىماققا تۇغۇت يېشىغا توشقاندەك خەۋپ-خەتەر يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە مەسىلە كۆرۈلۈش ئەھۋالىدىن ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بالدۇر تۇغۇشتىمۇ نۇقسان مەۋجۇت.

ئاياللارنىڭ بالدۇر تۇغۇشىنىڭ بىر قەدەر چوڭ زىيىنى بار.

(1) ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 ئادەتتە 12 ~ 14 ياشتا نورمال ھەيىز دەۋرى شەكىللىنىدۇ، 16 ~ 18 ياشتا تۇخۇمدان تەدرىجىي يېتىلىپ، 20 ياش ئەتراپىدا يېتىلىپ بولىدۇ.

ئەگەر بەك بالدۇر ھامىلدار بولۇپ قالسا، تۇخۇمداننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ناھايىتى ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىپ، نورمال كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالدۇر تۇغۇش، بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

(2) ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بالدۇر پەرزەنتلىك بولغان ئاياللارنىڭ تېنى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، ھامىلىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ، بولۇپمۇ كالتسىي، ئاقسىل ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلار ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

ئەزا، سىستېمىنىڭ يېتىلىشى بىنورمال بولۇش، بەدەن ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئاستا يېتىلىشى، ھەتتا ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3) زۆرۈر بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي تەييارلىقلار كەمچىل بولۇش.

ئاياللار 20 ياشتىن بۇرۇنلا پەرزەنتلىك بولغاندا، ئۆزىنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ۋە ئىدىيەۋى پەزىلىتى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن، پەرزەنت كۆرۈشكە بولغان تونۇشىمۇ خېلىلا كەمچىل.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ باسقۇچتىكى ئاياللار ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى خىراجەتنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىشى ناھايىتى تەس.

ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى 24 ياش ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بالا تۇغۇش ئۈچۈن، ئالتۇن تۇغۇت باسقۇچىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى 24 ياش ئەمەس، شۇنداقلا 29ياشقا سوزۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 27 ياش.

ئىلگىرى بىر تۈرلۈك تەجرىبىدە ئېسپاتلىنىشچە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئاياللار تۇغقان بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرگەن، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار 27 ياشقا كىرگەندە تۇغقان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى باشقا ياشتىكىلەرگە قارىغاندا يۇقىرىراق بولىدىكەن.

چۈنكى، يېشى بەك بالدۇر بولغان ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدىنىنى ئاسراشنى بىلمەيدۇ. 24 ياش ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلاپ باقساق بولىدۇ.

بەلكىم تۈن بويى كىرپىك قاقماي ئويۇن ئويناش، ناخشا ئېيتىش، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك بولسا سىرتتىن تاماق بۇيرۇتىدىغان تېز تاماق بولۇشى مۇمكىن، تۇرمۇش رىتىمى ھەقىقەتەن بەك قالايمىقان؛

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ياش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئاياللارنىڭ تۇرمۇشقا، ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يەنىلا يېرىم-يارتا بىلىش ھالىتىدە بولۇپ، كېيىنكى تۇرمۇش بېسىمىنى چوڭقۇر ھېس قىلالمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى ئاي نۇرى ئائىلىسى، ھەتتا« قەرزدار بىر ئائىلە» گە ئايلىنىپ قالىدۇ.

شۇڭا بۇ ياشتىكى ئاياللار بەدەن ساپاسى سەۋەبىدىن بالىلىق بولۇشقا ئانچە ماس كەلمەيدۇ.

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كۆپ ساندىكى ياشلار دائىم 26 ياشتىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا كۈتۈنۈش ئۇقۇمىغا ئىگە بولىدىكەن.

ئاياللار 27 ياشقا كىرگەندە، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر قوپۇشنى، ھەرىكەت قىلىشنى بىلىشى ھەمدە ئامال بار ئۆزى تاماق ئېتىپ، تۇرمۇش ئادىتى قانۇنىيەتلىك بولۇپ، تەبىئىي بەدەن ساپاسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا ئاياللار تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ، شۇڭا بۇ بىر قانچە جەھەتتىن ئېيتقاندا، 27 ياشلىق ئاياللار مەيلى بالا تۇغۇش ياكى بېقىشتا بولسۇن، ھەممىسىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ.

تۇغۇت ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، روشەن ۋاقىتچانلىققا ئىگە فىزىيولوگىيەلىك جەريان، بەك بالدۇر ياكى بەك كېيىن تۇغۇش ئانا تېنى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاياللار تۇغۇت يېشىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشى كېرەك.

 

قوللاپ ھارمىسىڭىزلا يوللاپ ھارمايمىز


BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章