ئەما نازىنىن 69-قىسىم

文摘   2025-02-02 11:02   新疆  


ئەما نازىنىن

بۇزۆھرەگۈل يۈسۈپ  

69- قىسىم

قاتناش ساقچىلىرى نەخ مەيداننى تەكشۈرۈپ، ھىلىقى ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ ئىگىسى بىلەن پاراڭلىشىپ بارلىق مەسئۇلىيەت ماشىنىنى ھەيدىگەن شوپۇردا ئىكەن دەپ، تۇرىشىغا ھىلىقى كەنت كادىرى تۇنساخاننى ئېلىپ نەخ مەيدانغا يېتىپ كەلدى.
-ماشىنىنى ھەيدىگەن سىلىنىڭ ئوغۇللىرىما؟ -دېدى قاتناش ساقچىسى.
-شۇ…شۇنداق، -دېدى تۇنساخان كېكەچلەپ يىغلاپ تۇرۇپ.
-ھەسەننىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق تۇرسا، نېمىشقا ماشىنا ھەيدەيدۇ،ئۇنىڭ ماشىنىسى يوق، بۇ ماشىنا كىمنىڭ؟ -دېدى بازارلىق ساقچىخانىدىكى بىر ساقچى.
-ئۇ…ئۇ…ماشىنا ئەنۋەرجان بالامنىڭ ئىنىسى ئەزھەرجاننىڭ ماشىنىسى ئىكەن، شۇ بازارنىڭ ئالدىغا بېرىپلاپ كىلىمىز دېگەن ئىدى بالىلار،-دېدى تۇنساخان ئىسەدەپ تۇرۇپ.
-ئۇنداق بولسا بۇ قاتناش ۋەقەسى مۇشۇ يەردىلا تۈگىگۈدەك، كىم پىراۋىسى يوق ماشىنا ھەيدىسۇن دەپتۇ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ،مانا مۇشۇنداق ۋەقە كىلىپ چىقىپتۇ. ماشىنىنىڭ ئىگىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ، پىراۋىسى يوق ئادەمگە ماشىنىنى تۇتقۇزۇپ قويغان نەدە بار، -دېدى قاتناش ساقچىلىرى، ۋە ماشنىسىغا چىقىپ كېتىپ قىلىشتى.
بازارلىق ساقچىخانىدىكىلەرمۇ ئىشلىرى كۆپ بولغاچقا ئۆز ئىشلىرىغا مىڭىشتى. تۇنساخان ھەسەن بىلەن تۇرسۇنگۈلنى قايسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى، شۇلارنى ئۇقۇپ ، ھىلىقى ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلىتنىڭ ئىگىسىگە ئۆزىنى بازارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. بايىقى قاتناش ۋەقەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن بۇ ئادەم، تېخىچە لاغىلداپ تىترەپ تۇرسىمۇ تۇنساخاننىڭ يىغلاپ تۇرغان ئەپتىگە قاراپ ماقۇل بولۇپ تۇنساخاننى بازارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويدى. تۇنساخان شۇ يەردىلا ماشىنا كىرا قىلىپ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ماڭدى. ھىلىقى كەنت كادىرى ئەنۋەرگە قايتا-قايتا تېلېفون ئۇرۇپ تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن، بايا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىنىڭ جەريانىنى ئېيتتى. ئەنۋەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ دەرھال ئىنىسى ئەزھەرنى ئېلىپ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا چاپتى. دوختۇرلار جىددى قۇتقۇزۇپ تۇرسۇنگۈل بىلەن ھەسەننى قۇتقۇزىۋالدى. ئەمما ئۇلار خىلى ئېغىر يارىلانغاچقا بالنىستا ئۇزاقراق يېتىشقا توغرا كەلدى. كىشىنىڭ كىشىدە قالمايدۇ دېگەندەك ئۇلار گۆھەرنىساغا قىلمىغان ئەسكىلى قالمىغان، مانا ئەمدى ئۇلارمۇ گۆھەرنىسادەك مىيىپ بولۇش ئالدىدا ئىدى. ماشىنا سوقۇلغاندا تۇرسۇنگۈل ماشىنىنىڭ ئەينىكى بار تەرەپكە بېشى تىگىپ قىسىلىپ قالغان بولغاچقا،سۇنغا ئەينەك پارچىلىرى تۇرسۇنگۈلنىڭ بىر يۈزىنى تىلىپ تىتما كاتىڭىنى چىقىرۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر ئىككى يۈزۈلۈك ئادەم بولۇپ قىلىش ئالدىدا ئىدى. ھەسەننىڭ بولسا ئوڭ پۇتى نەچچە يەردىن سۇنۇپ بېشى يېرىلىپ، خىلى قاتتىق يارىلانغان ئىدى. تۇنساخان بىلەن ئەنۋەر ئارقىمۇ-ئارقا دوختۇرخانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇلار بۇ ئىككىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرغان ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قىلىشتى. تۇنساخان بىردەم شۇنداق تۇرغاندىن كېيىن خۇددى ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندەك دوختۇرخانىنى بېشىغا كىيىپ ھازا ئېچىپ يىغلاپ كەتتى.
-ئاچا ھوي، تېخى ئۇلار ئۆلمىدى، بۇ دېگەن دوختۇرخانا، بىمارلار ئارام ئىلىشقا، جىمجىتلىققا مۇھتاج، نېمە ئۇ تورۇسنى تىشىۋەتكۈدەك ۋاقىراپ يىغلاپ، باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزىسىز، بۇنداق قىلسىڭىز باشقا بىمارلار قورقۇپ كېتىدۇ. شۇنچىلىك قائىدىنىمۇ چۈشەنمىگەن، -دېدى بىر سېستىرا. تۇنساخان ئەنە شۇ چاغدا يىغىدىن توختاپ يىلى چېقىپ كەتكەن توپتەك تۇرغان ئورنىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئەنۋەر بولسا نېمە قىلىشىنى، نېمە دېيىشىنى بىلمەي بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن ئىنىسى ئەزھەرگە قاراپ.
-سەنمۇ نېمە قىلىسەن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى يەڭگەڭگە بېرىپ، ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسەن، -دېدى.
-مەن نەدە يەڭگەمگە ئاچقۇچ بېرىپتىمەن. ئاچقۇچ يانچۇقۇمدا تۇرسا، -دەپ يانچۇقىنى ئاختۇرغان ئىدى، ئەزھەرنىڭ قولىغا ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس، ئۆينىڭ ئاچقۇچى چىقتى.
-ئاپلا ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى ئەتتىگەن سەن بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ساپانىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قاپتۇ. كېيىن ئالدىراپ باغقا مىڭىپتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئاچقۇچ ساپانىڭ ئۈستىدە ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ، -دېدى ئەزھەر. ئەنۋەر ئەمدى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ كەتتى.
شۇ ئارىدا دوختۇرلار كىرىپ ھەسەن بىلەن تۇرسۇنگۈلگە داۋالىنىش ھەققىنى تاپشۇرۋىتىشنى ئېيتتى. ئەنۋەر يېنىدىكى بار- يوقى ئونمىڭ يۈئەن پۇلنى دوختۇرخانىغا تاپشۇردى. ئەنۋەر پۇلنى تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئىنىسى ئەزھەرنى ئېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ خوتۇنىنىڭ قوڭىنى قىسماي بىكاردىن ماشىنىنى ئاكىسى بىلەن ھەيدەپ مۇشۇنداق ۋەقەگە ئۇچرىغىنىغا ئاچچىقى كەلگەن ئىدى. بۇرۇنمۇ بۇ ئەر-خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، تۇرسۇنگۈل تولا جاۋىلداپ ،يالغان سۆزلەپ بېشەملىك قىلىپ ئەنۋەرنى بىزار قىلاتتى.ئەنۋەر پەقەت بالىلىرى ئۈچۈن خوتۇنىنىڭ بېشەم مىجەزىگە چىداپ كەلگەن ئىدى.تۇنساخان دوختۇرخانىدا يالغۇز قالغاندىن كېيىن ھىلى تۇرسۇنگۈل ياتقان كېسەلخانىغا، ھىلى ھەسەن ياتقان كېسەلخانىغا قاتراپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالماي، دوختۇرلارغا ھال ئېيتىپ، ھەسەننىمۇ تۇرسۇنگۈل ياتقان كېسەلخانىغا يۆتكىدى. ھەسەن چوڭ -كىچىك تەرىتىگە ھاجاتخانىغا چىقالمىغاچقا،تۇنساخان ئامالسىز ئوغلىنىڭ ئايىغىغا قاچا تۇتتى. ئۇ مانا ئەمدى گۆھەرنىسانىڭ قەدرىگە يېتىۋاتاتتى. تۇرسۇنگۈل بىلەن ھەسەننىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، ئەنۋەر تۈزۈك يوقلىمايدىغان بولۇپ قالدى. تۇنساخان تۇرسۇنگۈلنىڭ بانكا كارتىسىنى ئېلىپ ھىلىقى چاغدا ھەسەن ئۆزىنىڭ نامىدىكى پۇلنى تۇرسۇنگۈلنىڭ كارتىسىغا يۆتكىۋەتكەن پۇلنى
ئېلىپ دوختۇرخانىغا تۆلىدى. ئۇلار ئىككى قېتىم ئوپراسىيەگە چۈشۈپ ئىككى ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۆيگە ئاران چىقتى. تۇنساخان ۋە ھەسەننىڭ ئۆمۈر بويى تاپقان-تەرگەن بارلىق پۇللىرى دوختۇرخانىغا كەتتى. تۇرسۇنگۈل ساقايغان بولسىمۇ، ئوڭ يۈزى ساقلا تارتۇق ساقىيىپ كۆرگەنكى ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرىدىغان ساقىيىپ قالدى. ئۇ ئەينەكتىكى بۇ ئەپتىگە قاراپ ئۆزىمۇ قورقۇپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە تامغا نەچچىنى ئۈسىۋەتتى. جان تاتلىق بولغاچقا بېشى ئاغرىپ يەنە توختاپ قالدى. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ يۈزىگە ماينى ھەددىدىن زىيادە كۆپ سۈركەپ يۈزىدىكى تارتۇقنى يىپىش ئۈچۈن تىرىشتى. ھەسەن بولسا تېخىچە چاقلىق ئورۇندۇقتا بولۇپ ماڭغۇدەك بولمىغان ئىدى. ھەسەن تۇرۇشلۇق كەنىتنىڭ كادىرلىرى ھەسەننىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغىنىنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا كۆرگىلى كىردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئايگۈل خانىممۇ بار بولۇپ، ئۇ ھەسەننىڭ خىلى ئېغىر يارىلانغىنىنى كۆرۈپ باشتا.
-خوپ بوپتۇ، گۆھەرنىساغا سالغان زۇلۇمى ئاز ئەمەس، ھە دېسە ئۇرۇپ تىللاپ، قارىغۇدىن، قارىغۇغا سىلىپ خورلىغان ئىدى.«ئالدىرماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي» دەپ مانا مۇشۇنداق تارتقۇلىقى بار جاھان بۇ، -دەپ ئويلىغان بولسا ئىچىدە. كېيىن سەل ئىچى ئاغرىپ قالدى. ئايگۈل خانىم دوختۇرخانىدىن چىقىپ گۆھەرنىساغا تېلېفون قىلىپ ھەسەننىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ خىلى ئېغىر يارىلانغىنىنى ئېيتتى.
-ئاڭلىدىم خانىم، قايسى كۈنى ئىنىم شۇنداق دەپ كىرىپتىكەن، -دېدى گۆھەرنىسا.
-نىمىلا بولمىسۇن بالىڭىزنىڭ دادىسى، بىرەر قېتىم ئۈمىدجاننى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ يوقلاپ چىقمامسىز؟ يەنە بىر ئىش ھەسەنجان مۇشۇنداق ئىشلارغا ئۇچرىغاندىكىن بەلكىم بۇرۇن قىلغانلىرىغا ئويلىنىپ پۇشايمانمۇ قىلغاندۇ؟ شۇڭا يارىشىپ قالامسىلەر يا، ئاجراشماي، -دېدى ئايگۈل خانىم.
-كەچۈرۈڭ خانىم، مەن سىزنىڭ ھەرقانداق گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن، سىز ۋە كەنىتتىكى كادىرلار ماڭا كۆپ غەمخورلۇق قىلدىڭلار، پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى يەتكۈزدۈڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياكى پارتىيە -ھۆكۈمەت ئۈچۈن قانداقلا ئىش بولسا جېنىم پىدا، ھېچنىمەمنى ئايىمايمەن، ئەمما ئاشۇ ھەسەن دېگەن ئىپلاسنى ئەمدى كۆزۈم كۆرمىسۇن، ئۇ ئۆيدە تارتقۇلۇقۇم ئازمىدى مېنىڭ، مېنى شۇ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، ئۆيگە ياغ، ئۇن ، گۈرۈچ ئېلىپ بەرمەي بىزنى ئاچ قويۇپ قىينىدى. ئاشنىسىنى ئۆيگە ئەكىلىپ يېنىمدا ياتقۇزۇپ بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ مېنى ھاقارەتلىدى. مەن ئۇ ئۆيدە يېمىگەن تاياقنى يەپ، ئاڭلىمىغان تىللارنى ئاڭلاپ، يەتكۈچە ھاقارەتلىنىپ ئاخىرى سەۋر قاچام توشتى. ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى خەخكە سولاپ بېرىش ئۈچۈن خەخكە ئۈستەك بەرگەن ئۇنداق نامەردنى ئىككىنچى كۆرگۈم يوق.
ھازىر ھەسەننىڭ ئۆيىگە بارماقتا يوق، ئۇ تۇرۇشلۇق كەنت تەرەپكىمۇ قارىغۇم كەلمەيدۇ.ئۇنىڭ ناھايتى ئوبدان ئاشنىسى بار ئىدىغۇ،ئەمدى شۇ ئاشنىسى باقسۇن،
ئۈمىدجاننىڭ دادىسىنى كۆرۈپ چىققۇسى بولسا، مەكتەپتىن دەمئىلىش قويۇپ بەرگەن چاغدا ئىنىم ئۇنى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويسا ئۆزى كۆرۈپ چىقار، ناۋادا كىرگۈسى بولمىسا مەنمۇ بالىنى زورلاپ يۈرمەيمەن -دېدى گۆھەرنىسا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.





نادىر ئەسەرلەر


دىللارغا سەنەم

بەخە قولدىن كەتكەندە

چار داستىخان

كېلىنچەك

زامانىۋى سىزىك

تويلۇق



BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章