تۇخۇمداننىڭ قېرىشىنى تىزلەشتۇرۋىتىدىغان 4 خىل ناچار ئادەت

文摘   2025-02-03 11:01   新疆  


سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن

ئەگەر سىزدە دائىم ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق، روھىي ھالەت قالايمىقانلىشىش، تېرە ئىنتايىن يىرىك بولۇش، سەمىرىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قاتتىق دېققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟

1- كېچىكىپ بالىلىق بولۇش
ئاياللار بەك كېچىكىپ بالىلىق بولسا، تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقاپ كېتىدۇ، ھەمدە بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئېمىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ، تۇخۇمدان ئاسانلا بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ.
2- ناچار تۇرمۇش ئادىتى
ئاياللارنىڭ تۈنەش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تۇرمۇش ئادىتى قانۇنىيەتلىك بولمىسا، تۇخۇمدانغا زىيان يېتىدۇ.
3- زىيادە ئورۇقلاش
ئاياللارنىڭ ھەممىسى، بەدەن شەكلىنىڭ زىلۋا، ئورۇق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئاياللار زىيادە ئورۇقلىغاندا ھەيىزى نورمالسىزلىشىپ، ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇخۇمدانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

4- ئۇزاق ئولتۇرۇش
ئاياللار ئۇزاق ئولتۇرغاندا، داس بوشلۇقىدىكى كۆپىيىش ئەزالىرى تۇخۇمداندىكى قاننىڭ مىكرو ئايلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، تۇخۇمدان توقۇلمىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تۇخۇمداننىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دېققەت: تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىشى يەنە نۇرغۇن، ئىرسىيەت ئامىلى ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك،شۇڭا ئۇ ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.

تۇخۇمداننى قانداق ئاسرايمىز؟
1- روھىي ھالەتنى تەڭشەش
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغاچقا، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، ئىچى پۇشۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ساقلىنالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاياللار روھىي ھالىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئۆزىنى ھەمىشە ئۈمىدسىز كەيپىياتقا پاتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.
2- سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ تازىلىقىنى ئىلمىي قوغداش
ئاياللار پات-پات يۇيۇنۇپ، ئىچ كىيىمىنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ جىنسىي تۇرمۇش تازىلىقى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنى يۇيۇشى، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئەڭ ياخشىسى ئاجىز كىسلاتالىق غىدىقلىمايدىغان بولۇشى ھەمدە سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىشى، جىنسىي ھەرىكەتنى بەك بالدۇر باشلىماسلىقى، جىنسىي ھەمراھىنى كۆپ ئالماشتۇرماسلىقى كېرەك.

3- ساغلام يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئاياللار ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلىشى، بەك كۆپ تۈنىمەسلىكى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章