ئەتىگەندە بۇ3خىل نەرسىنى يىيىشكە بولمايدۇ، چوقۇم دېققەت قىلىڭ

文摘   2025-01-28 11:01   新疆  

خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، ئەتىگەنلىك تاماق بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ۋاق تاماق، ئۇنداقتا ئەتىگەنلىك تاماقتىمۇ دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بارمۇ؟

جاۋابى ئەلۋەتتە بار.

نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر ئەتىگەنلىك تاماقنى ناھايىتى ئاددىي يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېيىش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناشتا قىلماسلىق سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق

ئەمدى كۆپچىلىككە ئەتىگەندە يېيىشكە بولمايدىغان ئۈچ خىل نەرسىنى ۋە ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشتىكى دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

ئەتىگەندە بۇ ئۈچ خىل نەرسىنى يېمەسلىك كېرەك

1. ئەتىگەندە ئاناناسنى ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك

ئاناناسنىڭ تەركىبىدە كۈچلۈك ئېنىزىم بار بولۇپ، ئۇنى ئاچ قورساققا يېسە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى چوقۇم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماقتىن كېيىن ئاناناس يېسە ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

2. ئەتىگەندە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئاشقازان يەنىلا ئاجىز ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەگەر تۇيۇقسىز ۋە كۆپ مىقداردا سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە، بۇ خىل تېمپېراتۇرا پەرقى ئاشقازان-ئۈچەي يولىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، تۇيۇقسىز تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشقازاننى ئويغىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا بىر ئىستاكان تەخمىنەن 200 مىللىلىتىر ئىلمان سۇ، ئەگەر ئەسلىدە ئاشقازىنىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن ئادەم بولسا، بىر ئىستاكان چىلان زەنجىۋىل سۈيى ئىچسە تېخىمۇ ياخشى!

3. ئەتىگەندە باناننى ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك

باناننىڭ تەركىبىدە ئۆچەككە ياردەم بېرىدىغان كالىي بولغاندىن سىرت، يەنە كۆپ مىقداردا ماگنىي ئېلېمېنتى بار، ئەگەر ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىنسا، قاندىكى ماگنىي مىقدارى بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىدۇ، ماگنىي بولسا يۈرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەزگۈر ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەندە باناننى ئاچ قورساققا يېسە، ئاشقازان ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئەتىگەنلىك تاماقتا ساقلىنىشقا تىگىشلىك 4 چوڭ ئىش

1. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ناشتا قىلىش

نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا دەرھال ناشتا قىلىدۇ، بولۇپمۇ سائەت 5 ~ 6 لەردە ئورنىدىن تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر ئورنىدىن تۇرۇپلا ناشتا قىلىدۇ، يەنە بۇنداق قىلغاندا بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا تولۇقلىغىلى بولىدۇ، بۇ بەدەننىڭ قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەتىگەنلىك تاماقنى بەك بالدۇر يېسە سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازان-ئۈچەينى خاتا زەخىملەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېچىدە ئۇخلاش جەريانىدا، بەدەندىكى كۆپ قىسىم ئەزالار ئارام ئالىدىكەن، ئەمما ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كەچلىك يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئادەتتە تاڭ سەھەردە ھەقىقىي ئارام ئېلىش ھالىتىگە كىرىدىكەن. ئەگەر ئەتىگەنلىك تاماقنى بەك بالدۇر يېسە، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يېتىدۇ، بۇ ئۇزاق داۋاملاشسا، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

2. كالا سۈتى ۋە تۇخۇمنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا يىيىش

سۈت بىلەن تۇخۇم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ناشتىلىقىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، لېكىن بۇنداق ناشتىلىقنى ماسلاشتۇرۇش ئىلمىي ئەمەس.

ئەتىگەندە ئادەم بەدىنى تەركىبىدە مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان ناشتىلىققا تايىنىپ قايتىدىن ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ، كالا سۈتى ۋە تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە گەرچە ئاقسىل ۋە ماي مول بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يېتەرلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ، شۇنداقلا بەدەننى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.

شۇڭا بىر نەچچە پارچە بولكا، بىر نەچچە پارچە موما قاتارلىقلارنى قوشۇپ يىگەندە تىخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

3. پىلتە قۇيماق بىلەن پۇرچاق سۈتىنى ئەتىگەنلىك تاماق قىلىش

بىر قەدەر غەربلەشكەن كالا سۈتنى بىلەن تۇخۇمغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقى پىلتە قۇيماق بىلەن پۇرچاق سۈتى يىيىش ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، لېكىن« پىلتە قۇيماق بىلەن پۇرچاق سۈتى ئوخشاشلا سالامەتلىككە پايدىسىز.

پىلتە قۇيماقنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مايدا پىشۇرغاندا، ئوزۇقلۇق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولىدىغان بولۇپ سالامەتلىككە پايدىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا پىلتە قۇيماق باشقا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش ماي تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئەتىگەندە تاماق يېگەندە ئاسان ھەزىم بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرچاق سۈتىمۇ ئوتتۇرا ھال مايلىق يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، بۇ خىل ئەتىگەنلىك تاماق تەركىبىدىكى ياغنىڭ مىقدارى روشەن ھالدا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا بەزىدە بىر ۋاق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

4. ناشتىنى بەك مايلىق قىلىپ يېيىش

نۇرغۇن كىشىلەر ناشتىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، ئەتىگەنلىك تاماق يېمەكلىكىنى تاللىغاندا ئىمكانقەدەر يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، پىشلاق، ھامبۇرگ بولكىسى، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ قانىتى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، بىراق، ھەددىدىن زىيادە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئەتىگەنلىك تاماق ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بەدەنگە زىيانلىق.

سەھەردە ئادەم بەدىنىدىكى تال چارچىغاندا، ئوزۇقلۇق مىقدارى ئىشىپ كەتكەن يېمەك-ئىچمەكنى ئىستىمال قىلغاندا ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كىتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەتىگەندە بىر تال تۇخۇم يېسە ئەڭ ياخشى

ئەتىگەنلىك تاماق شۇنچە مۇھىم ئىكەن، ئۇنداقتا ئەتىگەندە يېيىشكە نىمە ئەڭ ماس كىلىدۇ؟

تۇخۇم!

1. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلايدۇ

ئۇماچ ۋە بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئاقسقل تولۇقلاشقا سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ ئامىنو كىسلاتا تەركىبى ئادەم بەدىنى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئۇماچ ۋە بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.

2. تويۇش سېزىمىنى كۈچەيتىدۇ

تۇخۇم بەدەننى يېتەرلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، تاماقتىن كېيىنكى تويۇش سېزىمىنى كۈچەيتىدۇ.

3. ئورۇقلاشقا پايدىلىق

ناشتىدا تۇخۇم يىگەندە چۈشلۈك تاماق ۋە بىر كۈنلۈك ئىسسىقلىق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

4. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ

تۇخۇمدىكى مول خولىن چوڭ مېڭە نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسى ئاتسېتىلخولىننى سىنتېزلاشتىكى زۆرۈر ماددا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرىدۇ.

شۇڭا، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناشتىدا بىر تۇخۇم يېيىش ئىنتايىن زۆرۈر.

5. سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدۇ

تۇخۇمدا مول بولغان تىروزىن ئادەمنى تېخىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرغۇزىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناشتىدا تۇخۇم يېيىش بىخەتەر ھەيدەشكە پايدىلىق.

6. كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشىلايدۇ

تۇخۇم سېرىقىدىكى كىسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى كۆزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ، يەنە كۆزگە ئاق چۈشۈش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. ئەتىگەندە تۇخۇم يېيىش، كۆزنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىدىغانلارغا ناھايىتى پايدىلىق.

تۇخۇمنىڭ ئەڭ ياخشى يېيىش ئۇسۇلى قانداق؟

بىرىنچى: سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى% 99.7 كە يېتىپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك سۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىلىدىكەن.

ئىككىنچىسى: مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم

بۇ خىل ئۇسۇلدا پۇشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى% 98 بولىدۇ.

ئۈچىنچى: تۇخۇم قورۇمىسى

ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى% 97 بولىدۇ.

تۆتىنچىسى: تۇخۇم دۈملىمىسى

ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى% 92.5.

بەشىنچىسى: خام تۇخۇم

ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش نىسبىتى ئاران% 50-% 30 بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خام تۇخۇم يېيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى خام تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل باكتېرىيەلەر بار بولۇپ، ئەگەر پىشۇرۇلمىسا ئاسانلا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章