ئاياللارنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنىڭ 7 چوڭ بىشارىتى، سىزدە قايسى بار؟

文摘   2025-01-31 11:00   新疆  

بىر ئادەم كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، بەدەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەمما بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ ياكى ئۆزلۈكىدىن دورا دۇكانلىرىغا بېرىپ دورا سېتىۋالىدۇ.

بۇنداق بولغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار بەدىنىدىكى بىنۇرمال ئەھۋاللارغا سەل قارىماي ۋاقتىدا مۇناسىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئاياللارنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنىڭ 7 چوڭ بىشارىتى

01

ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن كۆز چانىقى سەل ئىششىپ قىلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز ئەتراپى قارىداش

ئەگەر بىز ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتسەك، ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن كۆز چانىقىمىزنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ سەل ئىششىپ قالغانلىقىنى ھەمدە كۆز ئەتراپىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قارىداپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز، ئەگەر بۇنىڭغا سۇلۇق ئىششىق ئەگىشىپ كەلسە، بۆرەكتىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش ياكى بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا، ئاياللار چوقۇم قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشى، ئۇزۇن ۋاقىت كېچىچە ئۇخلىماي تۈنىمەسلىكى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا نېلۇپەر يوپۇرمىقى چېيىنى مۇۋاپىق ئىچىپ بېرىشى كېرەك، نېلۇپەر يوپۇرمىقى چېيى بەدەندىكى ھۆللۈكنى چىقىرىپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

02

ئاسان ئاچچىقلىنىش

بىز دائىم ئەتراپىمىدىكىلەرنىڭ ”ئىلگىرىك روھىي ھالىتىم شۇنداق ياخشى ئىدى، لېكىن يېقىندىن بۇيان ھەمىشە بەزى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن تۇرۇپلا كەيپىياتىم ناچارلىشىپ كىتىدىغان، تېز ئاچچقلىندىىغان بولۇپ قالدىم” دىگەنلىرىنى ئاڭلايمىز.

ئەگەر بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە بىز قالقانسىمان بەزنىڭ نورمالسىزلىقىدىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ بۇزۇلۇشىغا نىسبەتەن ئەڭ سەزگۈر، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا قالقانسىمان بەز كۈچىيىپ كېتىش ياكى تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

03

بەل ئاغرىش

ئەگەر بىز جىمجىت ھالەتتە تۇرغاندا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بەل ئاغرىقى كېلىپ چىقسا، دوۋساق ياللۇغىدىن ھوشيار بولۇشىمىز، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان ۋە سۈيدۈكنى قائىدىلىك تەكشۈرۈتۈشىمىز كېرەك.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بىز پەقەت يېتەرلىك مىقداردا سۇ قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاچچىق ۋە تەركىبىدە خۇش پۇراق ماددىلار بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلانساقلا بولىدۇ.

04

دائىم باش قېيىش

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەر بىر ياش باسقۇچىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ 35 ~ 40 ياشتا تۆۋەن قان بېسىمى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

بۇ خىل سەۋەبى ئېنىق بولمىغان باش قېيىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش كۆرۈلگەندە، قان بېسىمىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؛

مەسىلەن، يوگا، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش، ئۇنىڭدىن سىرىت ھەرگىز تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ئورۇقلىماسلىق، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.

05

دائىم ئۇسسىغاندەك ھېس قىلىش ھەمدە پات-پات كىچىك تەرەت قىلىش

ئەگەر سىزدە كۆپ ئۇسساش، كۆپ يېيىش، كىچىك تەرەت قىتىم سانى كۆپىيىش ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دىئابېت كېسىلى پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىدىن ھوشيار بولۇشىڭىز كېرەك.

بۇ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ، تاتلىق ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى كونترول قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاكتىپ كونترول قىلىش، زىيادە سەمرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

06

كەچتە پۇت ئىششىش

ئەگەر كەچتە پۇتى ئىششىغان ھەمدە سېزىمى بولمىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭ ئاستا زەئىپلەشكەن ياكى زەئىپلەشمىگەنلىكىدىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك.

بۇ خىل ئەھۋالدا ئادەتتە كۆكتات، تەركىبىدە تاماق تالاسى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى تاماق تالاسى ۋېنا دىۋارىنى چىڭىتالايدۇ.

يەنە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇت قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇلۇق ئىششىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

07

چاچ چۈشۈش

خانىم-قىزلارنىڭ چاچ چۈشۈشى كۆپىنچە پىسخىكا ئامىلى، ناچار يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى ۋە تېرە ماي بېزى ئاجرالمىلىرىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەگەر يۇقارقى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ۋاختىدا ھەل قىلىنمىسا، يەنە دائىرلىك چاچ چۈشۈش مەسلىشى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

شۇڭا تۇغما ياكى ناتۇغما كېسەللىكلەردىن ھوشيار بولۇش كېرەك. مەسىلەن: يۈرەك كېسىلى، قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى كۈچىيىپ كېتىش، بۆرەك ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش قاتارلىقلار.

ئەگەر ئاياللاردا يۇقىرىقى يەتتە خىل بېشارەت پەيدا بولغان بولسا، چوقۇم ھوشيار بولۇشى، ئۆز ۋاقتىدا ماس ھالدىكى تەكشۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى بېكىتىپ دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك.

يەنە بىز ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ۋە ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. 

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章