بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك.
جىددىي خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى:
1. ئاق خۇننىڭ كۆپىيىشى ھەم يېپىشقاق بولۇشى، رەڭگى سېرىق ياكى يىرىڭلىق ئاق خۇن، سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ قىززىشى ياكى قىچىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلى بولمىسىمۇ، قاناش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
2. دائىم بەل ياكى توققۇز كۆز تېلىپ ئاغرىش، قورساقنىڭ ئاستى ئېسىلىپ ئاغرىش بىلەن بىرگە سۈيدۈك قىستاش، كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش، كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ بولۇش، كىچىك تەرەت قىلغاندا ئېچىشىپ ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار.
3. ئەسۋاب ئارقىلىق بالىياتقۇ بوينىنى تەكشۈرگەندە، بالىياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسىنىڭ سىرتقا ئۆرۈلۈپ قېلىشى، ئېغىر دەرىجىدە قان تولۇش، چۈرۈكلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ؛ بىر قەدەر ئېغىرراق بولغاندا بالىياتقۇ بوينىدىن يىرىڭلىق ياكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ ياكى بالىياتقۇ بوينى ۋە بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى ئورۇنلاردا چۆكمىلىنىپ يىغىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەيرىي پۇرايدۇ.
جىددىي خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ئىسسىقلىق ۋە ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان، مىكرو ئېلېمېنتلىق يېمەكلىكلەر ئاساس قىلىنىدۇ، مەسىلەن، بېلىق، ئورۇق گۆش شورپىسى، كالا گۆشى ۋە توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش بولىدۇ، بۇ خىل يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتىدىغان بىمارلار بولسا ۋېناغا ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ۋە سۇ تولۇقلىشى كېرەك.
ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى:
ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ھەرخىل بولىدۇ، مەسىلەن، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالىياتقۇ بوينى مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى، بالىياتقۇ بوينى قېلىنلاش قاتارلىقلار، باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى جىددىي خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، لېكىن بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولغانلىقتىن ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، ئورۇق گۆش، ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشى، كالا سۈتى، پۇرچاق قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك.
بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:
1. توي قىلغان ئاياللار قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى، كېسەللىكنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىتىشى لازىم.
2. ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن سىرت مۇناسىۋەت ۋە ھەيز مەزگىلىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنى قەتئىي چەكلەش.
3. بالىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىش قېتىم سانىنى ئىلاجنىڭ بېرىچە ئازايتىش.
4. جىنسىي ئەزانىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش، تۇغۇتتىن كېيىن ياكى بالا چۈشۈرگەندىن كېيىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت بولۇشىدىن ساقلىنىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
5. ھەيزنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى كۆزىتىش، ھەيز مەزگىلى بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولسىمۇ ۋاقتىدا داۋالىنىپ، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش.
6. ئىلاجنىڭ يوقلىقىدىن بالا چۈشۈرگەندە چوقۇم لاياقەتلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىتىش.
7. بالا تۇغقاندا چوقۇم لاياقەتلىك ۋە كەسپىي دوختۇرخانىلارغا بېرىش.
يۈرەك سۆزىڭىزنى ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇپ قۇيۇڭ