توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئاچچىقنى مۇۋاپىق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، دائىم ئاچچىق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
«ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى خارۋارد داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇچ يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى تېخىمۇ ئاسانكەن.
نېمە ئۈچۈن مۇچ راكنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟
مۇچنىڭ راكقا قارشى تۇرالىشىدىكى سەۋەب، مۇچتىن بىر خىل ئالاھىدە تەركىب — قىزىلمۇچ ماددىسىنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى مىقداردىكى قىزىلمۇچ ماددىسى مەزى بېزى راكى ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىلمۇچ ماددىسى ئەتراپتىكى نېرۋا ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك قان تومۇرلارنى قوغداش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، تاش چۈشۈشكە قارشى تۇرۇش، ھەتتا ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنى قوغداش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئاشقازان ئاستى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاشقازان يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى ئۇنى پەسەيتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق تەتقىقاتلاردا، قىزىلمۇچ ماددىسى ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىشقا ياردەملىشىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى بايقالغان.
ئامېرىكا داشۆسىنىڭ 23 يىللىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم قىزىل مۇچ يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى مۇچ يېمەيدىغانلارغا قارىغاندا %13 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدىكەن، ئۆسمە كېسىلى، قان يېتىشمەسلىك يۈرەك كېسىلى ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.
دائىم ئاچچىق يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئالدى بىلەن مۇچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە قاراپ باقايلى:
قىزىلمۇچ تەركىبىدە مول قىزىلمۇچ قىزىل ماددىسى، كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C، كاروتىن، سېلېن ئېلېمېنتى، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىن، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى، تالا ماددىسى كۆپ، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت كالىي، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىقلار بار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىلمۇچنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 100 گىرام قىزىلمۇچنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 144 مىللىگىرامغا بولۇپ، پەمىدۇرنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇچ تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىمۇ باشقا كۆكتاتلارنىڭ 2 ~ 4 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردا« ئاچچىق يېيىش»نىڭ 5 ياخشى تەرىپى:
1.كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ
ھەر 100 گىرام مۇچ تەركىبىدە 150 مىللىگىرامغا يېقىن ۋىتامىن C بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە كاروتىن، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
2.ئورۇقلاش
مۇچنىڭ ئورۇقلاشتىكى رولى ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، بىرى، ئىشتىھانى غىدىقلىغاندا، دەرھال مېڭىگە «بولدى بەس» دېگەن سىگنالنى بېرىپ، ئىشتىھانىڭ ئېچىلىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ؛ يەنە بىرى، بەدەندىكى ئىسسىقلىق سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ.
3.يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
مۇچ قان ئايلىنىشقا پايدىلىق بولۇپ، قان تومۇر قېتىشىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ.
4.سوغۇقنى ھەيدەپ ئاشقازاننى ئىللىتىش
ئاسان توڭلايدىغان كىشىلەر مۇچنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك، بۇ خىل كىشىلەردە يەل ۋە قاننىڭ ئايلىنىشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ، ئادەتتە ئاسانلا پۇت-قولى مۇزلاش، بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، مۇچ قاتارلىق ئاچچىق، مۆتىدىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
5.ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
مۇچ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە خولېستېرىننى ئۆت كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۆتكە تاش چۈشكەن كىشىلەر تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان كۆكمۇچنى كۆپ يەپ بەرسە، كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
مۇچنى زىيادە كۆپ يەۋەتسە، بەدەنگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
مۇچنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان يارىسى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مېكسىكا ئالىملىرىنىڭ 1994-يىلىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىشىچە، كۆپ مىقداردا قىزىل مۇچ يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.
ئاياللار ئاچچىقنى زىيادە كۆپ يېسە، ئۈچ چوڭ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. ھەيز قالايمىقانلىشىش
2. تۇخۇم نەيچىسىنى توسۇلۇش
3. ئاياللار كېسەللىكلىرىدىكى ئۆسمە
ئاچچىقنى قانچىلىك يېسە ئەڭ مۇۋاپىق؟
تۇرمۇشتا ئاچچىق يەيدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاچچىق يېگەن ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش كېرەك، بولمىسا زەخىملىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ بەدىنى بولىدۇ.
1.بەدەن سۈپىتى ۋە پەسىلگە قاراپ يېيىش.
2.ئىستېمال مىقدارىنى كونترول قىلىش.
3.ئاچچىقلىق دەرىجىسىنى كونترول قىلىش.
دىققەت، ئەگەر مۇچ يېگەندە قورساق قىسمى بىئارام بولۇش، چوڭ تەرەت ئوتتەك قىزىش، ئىچى سۈرۈش، ھەتتا گېموروي ئېغىرلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇچ ئىستېمال قىلىش مىقدارىنىڭ بەرداشلىق بېرىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
بۇ بەش خىل كىشىلەر ئاچچىق يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ
1.بوۋاسىر كېسىلى بارلار.
2.ئاشقازان، ئۆت خالتىسى ياللۇغى بارلار.
3.بۆرەك كېسىلى بارلار.
4.ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بارلار.
5.بالىلار، ياشانغانلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنى بىرقەدەر سەزگۈر بولغاچقا، ئاچچىق نەرسىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ