سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن
يېقىنقى، بىر خەۋەر سانسىزلىغان كىشىلەرنى چۆچۈتكەن.يەنى 29 ياشلىق شەرقىي شىماللىق قىز جيۇجيۇ ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) غا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇ راكقا قارشى تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھېسابات نومۇرى تەسىس قىلىپ، بىر قىسىم خۇشال كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى خاتىرلىگەن.بۇلتۇر 9 - ئايدا، جيۇجيۇ ئۆپكە راكى بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن كۈرەش قىلغاندىن كېيىن، بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن.تورداشلار ئۇنىڭ ئۆلۈمگە مۇشۇنداق ئۈمىدۋار، تەمكىن يۈزلەنگەنلىكىدىن تەسىرلەنگەن، ۋە يەنە مۇشۇنداق ياشنىڭ كېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، كۆڭلى يېرىم بولغان.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر راك كېسىلى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتىدۇ، ۋە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر راك كېسىلى سەۋەبىدىن بىساتىدىن ئايرىلىپ، ئەپسۇسلىنىپ ئالەمدىن ئۆتىۋاتىدۇ.تۇرمۇشتا قارىماققا ئىشچان كۆرۈنىدىغان بۇ ئۈچ ياخشى ئادەت راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.1- چوكىنى كۈچەپ ئۇۋلاپ يۇيۇش
چوكىلارنى تېخىمۇ پاكىز يۇيۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋارىچىلىقتىن قورقماي، كۈچەپ ئۇۋلاپ يۇيىدۇ. ئەمما قارىماققا ئىشچان كۆرۈنىدىغان بۇ خىل ياخشى ئادەتكە راك پەيدا قىلىش خەۋپى يوشۇرۇنغان.چۈنكى چوكىنى سىقىمداپ يۇيغاندا، بولۇپمۇ بەك كۈچەپ ئۇۋۇلىغاندا، چوكىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى قوغداش قەۋىتى بۇزۇلۇپ، چوكا ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، ئېرىقچە پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا قالدۇق قېلىپ، مىكرو ئورگانىزملار پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر چوكا يۇيغاندىن كېيىن بىۋاستە چوكىدانغا قويۇپ قويىدۇ، بىراق بۇ نەم مۇھىت كېسەللىك باكتېرىيەسىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، بۇنداق قىلغاندا يەنە جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيە ئافلاتوكسىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن.يۇقىرىدا ئېيتىلغان چوكا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ چوكا ياكى بامبۇك چوكىنى كۆرسىتىدۇ.راكقا قارشى كىچىك تەكلىپلەر:چوكىنى ئۇۋۇلاپ يۇيماي، ئەڭ ياخشىسى بىر تال - بىر تالدىن يۇيۇش، چوكا يۇيغاندا بەك كۈچىمەسلىك، قاچا يۇيۇش لاتىسىنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ يېنىك سۈرتۈش، چوكىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن قۇرۇتۇپ ئاندىن چوكىدانغا سېلىش، چوكىداننى قۇرۇق، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇش، بامبۇك چوكا ياكى ياغاچ چوكىنى ئەڭ ياخشىسى 3 ~ 6 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش، ئەگەر يېرىق پەيدا بولسا ياكى شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە، بالدۇرراق ئالماشتۇرۇش كېرەك.2- قورۇما قورۇپ بولغاندىن كېيىن تبۇس تارقۇنى دەرھال ئېتىۋېتىش سىز قورۇما قورۇپ بولغاندىن كېيىن،بۇس تارتقۇنى دەرھال ئېتىۋېتەمسىز ياكى سەل تۇرۇپ ئېتىۋېتەمسىز؟كۆپىنچە ئىشچان ئادەملەر چوقۇم ئەلۋەتتە دەرھاللا ئىتىۋېتىمەن، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «ھۇرۇن» لار بولسا، بەلكىم ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كىيىن، ھەتتا قورساقنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بۇس تارتقۇنى تېخى ئەتمىگىنىنى ئېسىگە ئالىدۇ.سىزنىڭچە مەن ھۇرۇن ئادەمنى تەنقىد قىلامدىم؟دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، مەن كۆپچىلىكنىڭ «ھۇرۇن» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!چۈنكى بۇس تارتقۇنىڭ بۇسلارنى سۈمۈرۈپ بولىشىغا بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ، ناۋادا قورۇما قورۇپ بولغاندىن كېيىن بۇس تارتقۇنى دەرھال ئېتىۋەتسە، سۈمۈرۈلۈپ بولالمىغان بەزى ئىسلار قېلىپ قېلىپ، بۇ ئىسلار نەپەس يولى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىپ كېتىدۇ.ئاشخانىدىكى بۇسقا سەل قارىماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ.تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قورۇما قورۇغاندا قېلىپ قالغان بۇستىن چىققان زەھەرلىك بۇس مىقدارى بىر تال تاماكىنىڭ 1000 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، دىمەك بۇ بىر سائەت ئىچىدە ئىككى قاپ تاماكا چەككەندىنمۇ زىيانلىق ئىكەن.2016ـ يىللىق تېببىي سانلىق مەلۇماتلارمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇس جۇڭگودىكى تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۋەتكەن.ئەگەر ئاندا-ساندا بىر نەچچە قېتىم بۇنداق بولۇپ قالسا ھېچقىسى يوق، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بولسا، بەدىنىڭىز ئىنتايىن كۆپ زەھەرلىك ئىسنى سۈمۈرگەن بولىدۇ. شۇڭا، قورۇمىنى قورۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى بەش مىنۇت ئەتراپىدا ساقلاپ ئاندىن بۇس تارتقۇنى ئېتىۋېتىش كېرەك.3- زىيادە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنۇرغۇن كىشىلەر «قۇۋۋەت تولۇقلاش» دېگەن بۇ ئىشقا ناھايىتى جاھىللىق قىلىدۇ، ئادەتتە جاپادىن باش تارتماي، ھەر خىل كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ.ئالدى بىلەن، بەك ياخشى يېيىشمۇ سالامەتلىككە پايدىسىز. گۆش گەرچە ئادەم بەدىنىنى زۆرۈر بولغان ئاقسىل بىلەن تەمىنلىسىمۇ، لېكىن زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئارتۇقچە ئوزۇقلۇق ماددىلار باكتېرىيەلەرنىڭ پارنىكىغا ئايلىنىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق. ھالبۇكى، ئۈچەي شىللىق پەردىسى بۇ زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت «غىدىقلىشى» بىلەن يامان سۈپەتلىك بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇنلىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ساغلاملىقنى ۋەيران قىلىش خەۋپى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئانىلىق ھورمون بار بەزى دورا ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى قالايمىقان ئىشلەتسە، بەدەندىكى ھورمون سەۋىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپى:مۇۋاپىق مىقداردا گۆش ئىستېمال قىلىش كېرەك: «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى» دە ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنى چارۋا، ئۆي قۇشلىرى گۆشىدىن 50 ~ 75 گىرام، بېلىق، راك تۈرىدىكىلەردىن 50 ~ 100 گىرام ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنغان.ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىق: مىجەزىڭىز بولمىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىڭ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭ.ئاخىرىدا كۆپچىلىككە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قانچە ئەپچىل چارىنى تونۇشتۇرىمىز. بۇ تۆت چوڭ ياخشى ئادىتىڭىز بولسا، راك كېسىلى سىزدىن ئايلىنىپ ماڭىدۇ.قانداق يېسە راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟يېمەك - ئىچمەك سۇيۇق - سەلەڭ بولۇشى، يېمەك - ئىچمەكتىكى تۇز ھەر كۈنى ئالتە گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، كۆكتات، مېۋە - چىۋە، دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يېيىشى، ھەر كۈنى ئەڭ ياخشىسى بەش خىلدىن ئارتۇق يېيىشى، شۇنداقلا ھەر كۈنى يەيدىغان گۆش 90 گرامدىن ئاز بولىشى بپلىشى كېرەك.ئامال بار ھاراق ئىچمەسلىك، ئەگەر چوقۇم ئىچىش كېرەك بولسا، چوقۇم مىقدارىغا دېققەت قېلىشى نورمىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك. 2- ھەركەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر ھەپتىدە ئەڭ ياخشىسى 3 ~ 5 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 ~ 45 مىنۇت ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.3- ئۇيقۇنىڭ يىتەرلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قېلىش
يېتەرلىك ئۇخلاش بەدەننى تولۇق ئارام ئالدۇرۇپ، نورمال قارشىلىق كۈچىنى ساقلاپ، راك گېنىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ھەر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلايدۇ.4- قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈشقەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش ھەمدە دوختۇرنى تەكلىپ قىلىپ مۇۋاپىق بولغان راك كېسىلىنى تەكشۈرۈش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ