جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى

时事   2024-10-11 09:03   北京  

جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى: تەسىر كۈچى بار چوڭ دۆلەتلەر ئىجابىي رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 9-چېسلا قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئىراندىن زور ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللىنىدىغانلىقىنى پىلانلىغان بولۇپ، ئىران چېگراسى ئىچىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، يادرو ئەسلىھەلىرى ھەمدە باشقا ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارنى نىشانلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىران تەرەپ ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ھەرقانداق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

 ماۋ نىڭ: جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇشتىن بەكلا ئەندىشە قىلىدۇ، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش، توقۇنۇشنى كېڭەيتىۋېتىشكە قارشى تۇرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتنى سوغۇققان، ئەقلىي، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ تەسىر كۈچى بار چوڭ دۆلەتلەر ئىجابىي رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ داۋالغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章