دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم-تولۇقلىما پۇلى ئۆلچىمى، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سوممىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «مىقدارنى ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى سىستېمىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئۆرلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشى، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش»قا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم-تولۇقلىما پۇل ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە سىياسەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلارغا بېرىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى
نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ
مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى
جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى
ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك