شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

时事   2024-10-08 15:01   北京  

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتۇن مېتال بايلىقىنىڭ مىقدارى 24 توننىدىن ئاشتى

مۇخبىرنىڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى بۇ يىل ئالتۇن كانلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ زاپاسنى ئاشۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلغان، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتۇن مېتال بايلىقىنىڭ مىقدارى 24093.36 كىلوگىرام بولغان.

 بۇ يىلدىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىگە تايىنىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى گېئولوگىيەلىك چارلاش تۈرىدىن 72 نى يولغا قويۇشقا يېتەكلىدى، باسقۇچلۇق خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھازىرغا قەدەر، تارباغاتاي ۋىلايىتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتۇن مېتال رۇدا مىقدارى جەمئىي 8 مىليون 916 مىڭ 500 توننا، ئالتۇن مېتال بايلىقى مىقدارى 24093.36 كىلوگىرام بولۇپ، ئاساسلىقى تولى ناھىيەسى جارۇۋساق ئالتۇن كېنىنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆپەيتكەن ئالتۇن مېتال بايلىق مىقدارى 3527 كىلوگىرام، تولى ناھىيەسى كەپتەر ئۆڭكۈرى ئالتۇن كېنىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتۇن مېتال بايلىقى مىقدارى 12 مىڭ كىلوگىرام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: تارباغاتاي ۋىلايىتى دىققەتنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش رايونى، نۇقتىلىق چارلاش رايونى ۋە مۇھىم كانلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالتۇن، مىس، مولىبدېن، خىروم قاتارلىق ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلار كانى ئىزدەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلار زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مول، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بايقالغان تۈرلۈك قېزىلما 153 خىل، ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى 103 خىل بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 88ى ۋە 63 ىنى ئىگىلەيدۇ، 77 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون مالىيەسى چىقارغان مەبلەغ بۇلتۇرقى 150 مىليون يۈەندىن 500 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، كان ئىزدەشتە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章