ئىشلار ئۇتتۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى تەن بېرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ

时事   2024-10-11 23:30   北京  



输不是结局,认输才是

ئىشلار ئۇتتۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى تەن بېرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ


ღ ღ ღ


刚参加工作时,我就被安排参加公司一年一度的演讲比赛。我再三表示自己没这个能力,但因为部门里确实没有合适人选,我只有硬着头皮去试一试。


ئەمدىلا خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندا، مەن شىركەتنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق ئىقتىدارىم يوقلۇقىنى قايتا-قايتا ئېيتتىم، لېكىن بۆلۈمدە ھەقىقەتەن مۇۋاپىق نامزات يوق بولغاچقا، مەن ئامالسىز جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ، سىناپ باقىدىغان بولدۇم.

尽管我精心准备,比赛当天还是出了错。


گەرچە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلغان بولساممۇ، مۇسابىقە كۈنى يەنىلا خاتالىق كۆرۈلدى.

站在演讲台上,我大脑一片空白,额头冒着虚汗,手和腿不受控制地发抖。主持人的鼓励和同事们的掌声对唤醒我的记忆没有丝毫作用,我人生中的第一次演讲以惨败收场。


نۇتۇق سەھنىسىدە تۇرغۇنۇمدا كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ، پېشانەمدىن تەر چىقىپ، قولۇم ۋە پۇتۇم كونتروللىقىنى يوقىتىپ، تىترەپ تۇراتتى. رىياسەتچىنىڭ ئىلھامى ۋە خىزمەتداشلارنىڭ ئالقىش سادالىرىنىڭ خاتىرەمنى ئويغىتىشتا قىلچە رولى بولمىدى، ھاياتىمدىكى تۇنجى نۇتقۇم ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

这个结果对我打击很大,我很怕给别人留下不好的印象。内心一边是无法平复的挫败感,一边是深深的不甘。


بۇ نەتىجە ماڭا قاتتىق زەربە بولدى، باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويۇشتىن قورقاتتىم. كۆڭلۈمدە بىر تەرەپتىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى، يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر تەن بەرمەسلىك تۇيغۇسى بار ئىدى.

是自己天生不会演讲吗?其实并不是。即使天赋异禀的人,想在某方面出类拔萃,也必须经过千锤百炼。而我是个演讲小白,第一次上台就想赢,无异于痴人说梦。


ئۆزۈم تۇغما نۇتۇق سۆزلىيەلمەمدىم؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس. تۇغما تالانت ئىگىسى بولغاندىمۇ، مەلۇم جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم قايتا-قايتا تاۋلىنىشى كېرەك. لېكىن مەن نۇتۇق سۆزلەشتە پۈتۈنلەي يېڭىياچى ئىدىم، تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىپلا يېڭىشنى ئويلىغىنىم ئۇخلىماي چۈش كۆرگەندەك ئىش بولمامدۇ؟

于是我开始好好学习演讲技巧,平日里找到机会就多加练习。在第二次演讲中,准备充分的我获得了二等奖。第三次,我以领先第二名0.03分的成绩,成为了第一名。


شۇنىڭ بىلەن مەن نۇتۇق سۆزلەش ماھارىتىنى ياخشى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ئادەتتە پۇرسەت تاپساملا كۆپرەك مەشىق قىلدىم. ئىككىنچى قېتىملىق نۇتۇقتا تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. ئۈچىنچى قېتىم مەن ئىككىنچى بولغان كىشىدىن 0.03 نومۇر يۇقىرى نەتىجە بىلەن بىرىنچى بولدۇم.

从这次起,我成了公司演讲比赛的一匹黑马,连续三年夺冠。凭借演讲积累的经验,我开始成为公司演讲赛、周年庆和其他各种活动的主持人。


بۇ قېتىمدىن باشلاپ، مەن شىركەتنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ يىل چېمپىيون بولدۇم. نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق توپلىغان تەجرىبەمگە ئاساسەن، شىركەتنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، يىللىق تەبرىكلەش ۋە باشقا پائالىيەتلەرنىڭ رىياسەتچىسى بولۇشقا باشلىدىم.

从第一次上台的语无伦次,到后来的游刃有余,连我自己都不敢相信会有这么大的改变。世界上很少有做一次就完美的事情。失败一次就认输,那就将永远停留在遗憾里。把失败当成新的起点,人生才有无限可能。


تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا تاققا-تۇققا گەپ قىلىشتىن، كېيىن ناھايىتى ئۇستا بولۇپ كەتكىنىمگىچە، ھەتتا ئۆزۈممۇ بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. دۇنيادا بىر قېتىمدىلا مۇكەممەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ناھايىتى ئاز. بىر قېتىم مەغلۇب بولۇپلا تەن بەرسە، ئۇنداقتا مەڭگۈ ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە توختاپ قالىدۇ. مەغلۇبىيەتنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغاندا، كىشىلىك ھاياتنىڭ چەكسىز مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ.

只有不怕输,才有机会赢。


پەقەت ئۇتتۇرۇشتىن قورقمىغاندىلا، ئاندىن يېڭىش پۇرسىتى بولىدۇ.


ღ ღ ღ


23岁那年,我开始接手单位的文书工作。各种上传下达的文件、合作单位的公文、每年的年终总结,还有大型活动的讲话稿、会议流程、酒会致辞,全是我的任务。我不怕写,但我怕修改。那种一次又一次被否定的无力感,让我的“玻璃心”碎了一地。


23 ياشقا كىرگەن يىلى، مەن ئىدارىنىڭ كاتىپلىق خىزمىتىنى قولۇمغا ئېلىشقا باشلىدىم. يۇقىرىغا يوللانغان، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك ھۆججەتلەر، ھەمكارلاشقان ئورۇنلارنىڭ ھۆججەتلىرى، ھەر يىللىق يىل ئاخىرىدىكى خۇلاسىلەر، يەنە چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ نۇتۇق ئارگىنالى، يىغىن تەرتىپى، ھاراق زىياپىتىدە سۆز قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ۋەزىپەم ئىدى. مەن يېزىقچىلىقتىن قورقمايمەن، لېكىن ئۆزگەرتىشتىن قورقىمەن. ئارقا-ئارقىدىن ئىنكار قىلىنغاندىكى ئاجىزلىق تۇيغۇسى نازۇك قەلبىمنى پارە-پارە قىلىۋېتەتتى.

有一次,一份年终总结改了十几遍,还是达不到领导的要求。那些日子,我一天三四趟地跑领导办公室,看他大笔一挥,划掉我绞尽脑汁写出来的句子;我耐心地听他挑错、说问题,在笔记本上写下重点;别人都下班了,我一个人在空荡荡的办公室改稿子……我满腹怨气,还常常想:我干脆不干了!


بىر قېتىمدىكى يىللىق خۇلاسە ئون نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، رەھبەرلىكنىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى. ئاشۇ كۈنلەردە، مەن كۈندە ئۈچ-تۆت قېتىم رەھبەرنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قەلىمىنى بىر ئوينىتىپلا، مەن باش قاتۇرۇپ يازغان جۈملىلەرنى سىزىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم؛ مەن ئۇنىڭ خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، سوئال سوراپ، خاتىرەمگە مۇھىم نۇقتىلارنى يازدىم؛ باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئىشتىن چۈشتى، يالغۇز مەنلا قۇپقۇرۇق ئىشخانىدا ماقالە ئۆزگەرتىۋاتاتتىم... مەن ئىچىمدە تازا قاخشاپ: بولدىلا، ئىشلىمەپتىمەن، دەپ ئويلىدىم.

可当领导说我改到几点他等到几点的时候,我的脑子突然清醒了,有一种声音从内心升起:


بىراق، رەھبەرنىڭ: سەن سائەت قانچىگىچە ئۆزگەرتسەڭ، مەن شۇ چاغقىچە ساقلايمەن، دېگەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، كاللام تۇيۇقسىز سەگەكلىشىپ، قەلبىمدە مۇنداق بىر خىل سادا ياڭرىدى.

如果真不干了,我永远都是领导心里写不出好稿子的员工,也永远走不出害怕改稿的阴影。没错,放弃是很简单,但如果我能越过这道坎,以后就会有勇气越过更多的坎。当我换了种心态去面对时,反而发现稿子改起来顺利多了。


ئەگەر راستىنلا ئىشلىمىسەم، مەن رەھبەرلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياخشى ماقالە يازالمايدىغان خىزمەتچى بولۇپ قالىمەن، شۇنداقلا ماقالە ئۆزگەرتىشتىن قورقۇشنىڭ سايىسىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمەن. ھەقىقەتەن شۇنداق، ۋاز كېچىش ناھايىتى ئاددىي، لېكىن ئەگەر مەن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسەم، كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالايمەن. مەن باشقىچە روھىي ھالەت بىلەن يۈزلەنگىنىمدە، ئەكسىچە ماقالىنى ئۆزگەرتىشنىڭ كۆپ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى بايقىدىم.

解开了心结,我在那个岗位上工作了将近10年,也一步步锻炼出了写稿改稿的能力。我成了单位的笔杆子,那些经我的手变成铅字的文字让我自豪。看到这些成绩,我庆幸自己当初没有真的“不干了”。


كۆڭلۈمدىكى تۈگۈن يېشىلدى، مەن ئۇ خىزمەت ئورنىدا ئون يىلغا يېقىن خىزمەت قىلدىم، يەنە ماقالە يېزىش، تۈزىتىش ئىقتىدارىنى قەدەممۇ قەدەم چېنىقتۇردۇم. مەن ئىدارىنىڭ قەلەمدارىغا ئايلاندىم، قولۇمدىن ئۆتۈپ بېسىپ چىقىرىلغان خەتلەر مېنى پەخىرلەندۈردى. بۇ نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا راستىنلا ئىشلىمەسلىكنى تاللىمىغانلىقىمدىن خۇش بولدۇم.

遇到困难就投降,那结局永远都是输。


قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا تەسلىم بولسا، ئۇنداقتا ئاقىۋىتى مەڭگۈ يېڭىلىشتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.


ღ ღ ღ


许多人都羡慕别人光鲜亮丽的人生,但其实每个人都曾拥有一样多的机会。只不过,面对失败,有些人望而却步,有些人越战越勇。


نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنىڭ گۈزەل ھاياتىغا ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەم ئىلگىرى ئوخشاش پۇرسەتكە ئېرىشكەن. پەقەت مەغلۇبىيەت ئالدىدا بەزىلەر ئارقىغا داجىيدۇ، بەزىلەر جەڭ قىلغانسېرى باتۇرلىشىپ كېتىدۇ.

前者只是在脑子里幻想成功,哪怕路上遇到一个小坡,都不敢把脚抬高一点,为了避免再次跌倒,他们选择了不再前行;而后者,不会错过生命里任何一次崛起的可能,终于成为了生活的赢家。


ئارقىغا داجىيدىغانلار پەقەت كاللىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى خىيال قىلىدۇ، ئەمما يولدا بىرەر كىچىك دۆڭگە ئۇچراپ قالسىمۇ، پۇتىنى ئازراق كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، يەنە بىر قېتىم يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلار قايتا ئالغا ئىلگىرىلىمەسلىكنى تاللايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ھاياتلىقتىكى ھەرقانداق بىر قېتىملىق باش كۆتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى قولدىن بېرىپ قويماي، ئاخىر تۇرمۇشنىڭ يەڭگۈچىسىگە ئايلىنىدۇ.

想去远处看风景,就不能被脚下的荆棘挡住路;想考上心仪的大学,再苦再难都要去学;想把产品推销出去,被拒绝再多次也不能气馁;想写出好的文章,改多少遍都不能失去耐心……


يىراقلارغا بېرىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئايىغىڭىزدىكى تىكەن يولىڭىزنى توسۇۋالسا بولمايدۇ؛ كۆڭلۈڭىزدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتمەكچى بولسىڭىز، ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ ئۆگىنىشىڭىز كېرەك؛ مەھسۇلاتڭىزنى سېتىپ چىقىرىشنى ئويلىسىڭىز، قانچە قېتىم رەت قىلىنسىڭىزمۇ، بوشىشىپ قالسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ؛ ياخشى ماقالە يازماقچى بولسىڭىز، قانچە قېتىم ئۆزگەرتسىڭىزمۇ، سەۋرچانلىقىڭىزنى يوقاتسىڭىز بولمايدۇ...

看过这样一句话:“有些路很远,走下去会很累,可是,不走又会后悔。”别让后悔成为一件事的结局,还是尽力而为去试一试,选择权在自己手里。


مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى كۆرگەن ئىدىم: بەزى يوللار بەك يىراق، مېڭىۋەرسىڭىز بەك ھېرىپ كېتىسىز، لېكىن، ماڭمىسىڭىز يەنە پۇشايمان قىلىسىز.» پۇشايماننى بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى قىلىۋالماڭ، يەنىلا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن سىناپ بېقىڭ، تاللاش ھوقۇقى ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا.

其实,所谓失败,不是你没有做成功,而是你心里不再愿意重新开始。谁都跌倒过,却不是谁都能爬起来。但只有爬起来,才有反败为胜的机会。


ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش مەغلۇب بولغىنىڭىز ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغىنىڭىز ئەمەس، بەلكى كۆڭلىڭىزدە قايتىدىن باشلاشنى خالىمىغانلىقىڭىزدۇر. ھەممە ئادەم يىقىلىپ باققان، لېكىن كىملا بولسا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەلىگەن ئەمەس. لېكىن پەقەت ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىلا، مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىڭىز بولىدۇ.

输不是结局,认输才是。


ئىشلار ئۇتتۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى تەن بېرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.



تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: تاماقنى ئوبدان يەيدىغانلار ئاددىي ئادەم ئەمەس

 خەيرلىك كەچ: بەك كۆپ ئويلىماڭ، قىلىپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ

 خەيرلىك كەچ: ئالىي دەرىجىلىك ساپا بۇ تۆت تەپسىلات ئىچىدە

 خەيرلىك كەچ: ياخشى ئۇخلاپ، ئويغانغاندا مەردانە ئالغا ئىلگىرىلەڭ

 خەيرلىك كەچ: «ئۆزىگە تايىنىش» دېيىلىدىغان بىر خىل كۈچلىنىش بار





خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
uyghur.people.com.cn

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章