پېنسىيەگە چىقىش كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۈتۈنۈش پۇلى كۆپىيەمدۇ؟
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي ئۇزارتىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش كېلەر يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۇنداقتا پېنسىيەگە چىقىش كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۈتۈنۈش پۇلى كۆپىيەمدۇ؟
جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، جېجياڭ داشۆسى دۆلەت تۈزۈمى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن ۋېيگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتقاندىن كېيىن، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىغا ئىككى جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن −
ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىنى ئۇزارتىشتا، ھازىرقى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسى بويىچە، ھەربىر تاپشۇرىدىغان ھەق بىر يىل ئۇزارتىلسا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنى ھېسابلاپ تارقىتىش %1 ئاشۇرۇلىدۇ ياكى تەمىناتنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ھېساباتىدىكى مەبلەغ كۆپەيسە، كەلگۈسىدە شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش تەمىنات سەۋىيەسىمۇ مۇناسىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا كۈتۈنۈش پۇلى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ھېسابلاش فورمۇلاسى تۆۋەندىكىچە :
ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى توغرىسىدا
سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە قايسى مەسىلىلەر بار؟
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
نىڭشيادا بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى
نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ
مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى
جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى
ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك
كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»