مەركىزىي بانكا، مالىيە مىنىستىرلىقى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى

时事   2024-10-10 16:01   北京  

مەركىزىي بانكا، مالىيە مىنىستىرلىقى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى!

مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ «پۇل سىياسىتى قورال ساندۇقىنى بېيىتىپ، مەركىزىي بانكىنىڭ ئاشكارا بازار مەشغۇلاتىدا زايوم سودىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى ھەم يېقىندا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەسمىي يىغىنىنى ئاچتى.

يىغىندا ئالدىنقى مەزگىلدە ئىككى تەرەپنىڭ مەركىزىي بانكىنىڭ زايومىنى ئېلىپ-سېتىش جەھەتتىكى زىچ ھەمكارلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمى ئورنىتىلدى ھەم زايوم بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى قاتارلىق قارالمىلارغا قارىتا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ بىردەك مەركىزىي بانكىنىڭ زايوم سودىسى پۇل سىياسىتىنى بېيىتىدىغان قورال ساندۇقى، كۆچمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە دەپ قارىدى. كېيىنكى قەدەمدە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش داۋامىدا زايوم بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغداپ، مەركىزىي بانكىنىڭ زايوم ئېلىپ-سېتىش مەشغۇلاتىنى مۇۋاپىق بازار مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章