بۇ خىل تۆلەش رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىپ ئۈچ يىل ئۇزارتىلىدۇ

时事   2024-10-08 15:01   北京  

نۇرغۇن بانكىلار: بۇ خىل تۆلەش رەسمىيەت ھەققى ئېتىبار قىلىنىدۇ، كەچۈرۈمقىلىنىدۇ، يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىلىدۇ!

يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىلىدۇ! كۆپلىگەن بانكا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر تۆلەيدىغان رەسمىيەت ھەققىدە ئېتىبار بېرىش، كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى داۋاملىق يولغا قويدى

 جۇڭگو چىقىم ھېسابات ئېنىقلاش جەمئىيىتى، جۇڭگو بانكا كەسپى جەمئىيىتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تەشەببۇس چىقىرىپ، چىقىم قىلىش ساھەسىدىكى سۇبيېكتلارنىڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر تۆلەيدىغان رەسمىيەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، قىسمەن ھەقنى تۆۋەنلىتىش تۈر ئۆلچىمىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

 مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاساسلىق سودا بانكىلىرى، بانكىدىن باشقا چىقىم ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى قاتارلىق ھېسابات ئېنىقلاش ئاپپاراتلىرى بەس-بەستە تەشەببۇسنىڭ مەزمۇنىغا ئاۋاز قوشۇپ، داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان. تۆت چوڭ بانكىنىڭ ھەممىسى 2021-يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، 2024-يىل 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇددىتى توشىدىغان قىسمەن رەسمىيەت ھەققىدە ئېتىبار بېرىش، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنىڭ ئۈچ يىل ئۇزارتىلىپ، 2027-يىل 9 ـ ئايغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章