شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

时事   2024-10-11 17:40   北京  

دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى: شەخسىي ئۇچۇرغا چېتىلىدىغان ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنى سەزگۈرسىزلەشتۈرۈپ ۋە نامسىز قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

بۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلانمىغان دەسلەپكى ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىۋاسىتە بازارغا كىرىشىنى قاتتىق باشقۇرۇپ تىزگىنلەيدۇ، تىجارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا سانلىق مەلۇماتلارنى دائىرىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىدۇ.

 دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تىجارەت ئاپپاراتلىرى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شەخسىي ئۇچۇرغا چېتىلىدىغان ئاممىۋى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا، «شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەزگۈرلۈكنى يوقىتىپ ۋە نامسىز بىر تەرەپ قىلىپ، شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات مودېلى، سانلىق مەلۇمات تەكشۈرۈش، باھالاش كۆرسەتكۈچى قاتارلىق شەكىلدىكى سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، «ئەسلىي سانلىق مەلۇمات دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىك، سانلىق مەلۇماتنى كۆرگىلى بولماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

 دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات بايلىقى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جاڭ ۋاڭ مۇنداق دېدى: بىز سانلىق مەلۇماتلارنى شىفىرلاشتۇرۇش، ئىشەنچلىك ئوبوروت قىلىش، بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى قوللاپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىش داۋامىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

نىڭشيادا بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章