خەيرلىك كەچ | توپتىن چىقىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟

时事   2024-10-05 22:00   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەر بىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




退群,你敢吗?

توپتىن چىقىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟


ღ ღ ღ


小王今年读研二,同寝室里住了5个人,都是安静的美少年。一年下来,大家相处得都很愉快。没想到,今年刚开学,寝室里又分来了一个男生。

شياۋ ۋاڭ بۇ يىل ئاسپىرانتلىقنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، ياتاقتا بەش ئادەم تۇرىدىغان بولۇپ، ھەممىسى جىمجىت ئۆز ئىشىنى قىلىدىغان ياشلار ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان، كۆپچىلىك ناھايىتى خۇشال ئۆتتى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ يىل ئوقۇش باشلانغاندا، ياتاققا يەنە بىر ئوغۇل بالا تەقسىم قىلىندى. 

国庆节时,同寝室的小张突然将小王拉进了一个新群。小王扫了一眼,发现群友全是室友,于是他好奇地问道:“不是已经有寝室群了吗?怎么又拉一个,这个有啥不同?”

دۆلەت بايرىمىدا، بىر ياتاقتىكى شياۋ جاڭ تۇيۇقسىز شياۋ ۋاڭنى بىر يېڭى توپقا ئەكىرىپ قويدى. شياۋ ۋاڭ بىرقۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، توپتىكىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ياتاقداشلار ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزىقىپ: «ياتاق توپى بارغۇ؟ نېمىشقا يەنە بىر توپ قۇردۇڭ؟ بۇنىڭ قانداق پەرقى بار؟» دەپ سورىدى. 

“这个群里没小徐!”小张说,“他太吵了,整天刷屏,烦人,我们以后就用这个群吧,不拉他了!”

شياۋ جاڭ: «بۇ توپتا شياۋ شۈ يوق! ئۇ بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىكەن، كۈن بويى توختىماي بىر نەرسە يوللاپ، ئادەمنى بىزار قىلىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن بىز بۇ توپنى ئىشلىتەيلى، ئۇنى قوشمايلى!» دېدى. 

小徐就是那个新来的室友,他热衷于玩游戏,玩到兴起时,便在寝室里手舞足蹈,一旦过关斩将得了高分,他还会随时在群里分享他的战果。偏偏群里的这几个美男子都是有志青年,对玩游戏毫无兴趣,所以对他的分享也不感冒,还嫌他碍事,于是小张便一时冲动,拉了这个群。

شياۋ شۈ دەل ھېلىقى يېڭى كەلگەن ياتاقدىشى بولۇپ، ئويۇنغا ھېرىسمەن ئىدى، ئويۇن ئەۋجىگە چىققاندا، ئۇ ياتاقتا سەكرەپ-تاقلاپ ئوينايتتى، ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ يۇقىرى نومۇر ئالغاندا، ئۇ يەنە ھەر ۋاقىت توپتا ئۆزىنىڭ جەڭ نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولاتتى. قېرىشقاندەك توپتىكى بۇ بىر نەچچە يىگىتنىڭ ھەممىسى ئىرادىلىك ياشلار بولۇپ، ئويۇن ئويناشقا قىلچە قىزىقمايتتى، شۇڭا ئۇنىڭ يوللىغان مەزمۇنلىرىغىمۇ قىزىقمايتتى، يەنە تېخى ئۇنى پۇتلىكاشاڭ بولدى، دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن شياۋ جاڭ بىر مەھەل ھاياجانلىنىپ، بۇ يېڭى توپنى قۇرغان ئىدى. 

“这样恐怕不好吧,万一小徐知道了,会觉得我们在孤立他,多不好!要不,咱们还是退了吧?”小王是寝室长,也是个爱好和平的人,他不喜欢寝室6个人因为这点小事而闹分裂,所以提出了这个建议。

شياۋ ۋاڭ ياتاق باشلىقى، شۇنداقلا تىنچلىقنى سۆيىدىغان بولغاچقا، ئۇ ياتاقتىكى ئالتەيلەننىڭ بۇنچىلىك كىچىك ئىش ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك قىلىشىنى ياقتۇرمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنداق قىلساق ياخشى بولماسمىكىن، ناۋادا شياۋ شۈ بىلىپ قالسا، بىز ئۇنى قەستەن يالغۇز قالدۇرغاندەك ئويلاپ قالىدۇ، بۇ تازا ياخشى ئەمەس! بولمىسا، بىز يەنىلا چېكىنەيلى.» 

过了一会,群里没人吭声,于是小王又发了一句:我先退了!然后果断从那个群里退了出来。其他5个室友有没有退,小王不知道。那几天,大家似乎都很沉默,既不发朋友圈,也不互相私聊,这让小王有点不安。

بىردەمدىن كېيىن، توپتا ھېچكىم گەپ قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن شياۋ ۋاڭ يەنە: «مەن ئاۋۋال چېكىنەي!» دېدى. ئاندىن كەسكىن ھالدا ئۇ توپتىن چېكىنىپ چىقتى. باشقا بەش ياتاقداشنىڭ چېكىنگەن-چېكىنمىگەنلىكىنى شياۋ ۋاڭمۇ بىلمىدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، كۆپچىلىك سۈكۈتكە چۆمدى، دوستلار چەمبىرىكىگىمۇ بىر نەرسە چىقارمىدى ھەم ئايرىم پاراڭلاشمىدى، بۇ ئىش شياۋ ۋاڭنى سەل بىئارام قىلدى. 

节后,小王来到学校。中午吃饭时,室友小范坐到他身边对他说:“大家都已经从那个群里退出来了!”

بايرامدىن كېيىن، شياۋ ۋاڭ مەكتەپكە كەلدى. چۈشتە تاماق يەۋاتقاندا، ياتاقدىشى شياۋ فەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇ توپتىن چېكىنىپ چىقتى!» دېدى. 

小王惊讶地问道:“真的吗?”

شياۋ ۋاڭ ھەيرانلىق بىلەن: «راستمۇ؟» دېدى. 

“真的!”小范看着小王说道,“我挺佩服你的,说退群就退群,想必现在大家都打心眼里佩服你,觉得你是真正的室长!”

شياۋ فەن شياۋ ۋاڭغا قاراپ: «راست! مەن ساڭا بەك قايىل، توپتىن چىقىپ كېتىمەن دەپلا چىقىپ كەتتىڭ، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ساڭا چىن كۆڭلىدىن قايىل، سېنى ھەقىقىي ياتاق باشلىقى دەپ قارايدۇ!» دېدى. 

小王苦笑一声,其实他也知道,在这个微信时代,退群是件很艰难的事情。很多群,不是你想退就能退的!是否愿意呆在某个群,就像现实生活中站队一样,你呆在这个群,就表示你愿意跟这伙人站在一起,并同意他们的观点;退群,则表明你不屑和大家为伍,那可是要得罪人的。然而,他也知道,即使是在微信时代,有些原则,该坚持时还是要坚持的!

شياۋ ۋاڭ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ بىلىدۇ، بۇ ئۈندىدار دەۋرىدە توپتىن چېكىنىش بەك تەس ئىش. نۇرغۇن توپلاردىن چېكىنىمەن دەپلا چېكىنگىلى بولمايدۇ، مەلۇم بىر توپتا تۇرۇشنى خالاش-خالىماسلىقىڭىز خۇددى رېئال تۇرمۇشتا مەلۇم سەپتە تۇرغانغا ئوخشاش، سىز بۇ توپتا تۇرسىڭىز، بۇ كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؛ توپتىن چېكىنسىڭىز، سىزنىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق قىلىش باشقىلارنى رەنجىتىپ قويىدۇ. ۋەھالەنكى، شياۋ ۋاڭ ئۈندىدار دەۋرىدىمۇ بەزى پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلەتتى!

他是寝室长,维护室友的安定团结是他的责任,所以他觉得自己必须率先退群。 

ئۇ ياتاق باشلىقى، ياتاقداشلىرىنىڭ تىنچ-ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇڭا ئۇ «چوقۇم ئالدى بىلەن توپتىن چېكىنىشىم كېرەك» دەپ ئويلايتتى. 


ღ ღ ღ


其实,小王也知道,小张并非多讨厌小徐,他不过是比较冲动,喜欢意气用事。在新群里,他们也不大会去说对小徐不利的话。但小王知道,一旦敏感的小徐知道这个新寝室群的存在,他就会感到被伤害,这正是小王不愿意看到的。

ئەمەلىيەتتە، شياۋ جاڭنىڭ شياۋ شۈدىن بىزار ئەمەسلىكىنى شياۋ ۋاڭمۇ بىلەتتى، پەقەتلا شياۋ جاڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. يېڭى توپتا، ئۇلار شياۋ شۈگە پايدىسىز گەپلەرنى قىلمايتتى. لېكىن، شياۋ ۋاڭ شياۋ شۈنىڭ بۇ يېڭى ياتاق توپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگەن ھامان، ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، بۇ دەل شياۋ ۋاڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئىش ئىدى. 

这个时代,微信实在太方便了,方便到很多时候我们感觉不到自己在伤害别人。

بۇ دەۋردە، ئۈندىدار ھەقىقەتەن بەك قولايلىق، قولايلىقلىقىدىن نۇرغۇن ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزنىڭ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەي قالىمىز. 

最近,小王又想到了另外一件事情。 

يېقىندا شياۋ ۋاڭ يەنە بىر ئىشنى ئويلاپ قالدى. 

前段时间,他被一个长辈拉到一个专门的投票群。原来这个长辈的女儿正在参加一个机构举办的少儿绘画大赛,目前正处在海选阶段,需要群众投票选拔出初赛入围者。小王是学美术的,以前曾得过不少绘画比赛大奖,所以这位长辈要求他不仅要每天刷5张票,还要在群里发表专业评论,鼓励其他人投她女儿的票。当然,最好小王还能将这个链接转发到朋友圈,让更多人参与投票。

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، شياۋ ۋاڭنىڭ بىر تۇغقىنى ئۇنى بىر مەخسۇس بېلەت تاشلاش توپىغا تارتىپ كىردى. ئەسلىدە بۇ تۇغقىنىنىڭ قىزى بىر ئورۇن ئۇيۇشتۇرغان ئۆسمۈرلەر رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ھازىر تاللاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا ئامما بېلەت تاشلاپ، دەسلەپكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلارنى تاللاپ چىقىشى كېرەك ئىدى. شياۋ ۋاڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئىلگىرى نۇرغۇن چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، شۇڭا بۇ تۇغقىنى ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى بەش بېلەت تاشلاپلا قالماي، يەنە توپتا كەسپىي ئوبزور ئېلان قىلىپ، باشقىلارنى قىزىغا بېلەت تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە، شياۋ ۋاڭ بۇ ئۇلىنىشنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بېلەت تاشلاشقا قاتناشتۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. 

小王很仔细地看了那个投票链接,他发现这个比赛组织方并无资质,那个长辈的女儿画的画也并不出挑。如果他按照长辈的话去做,不仅会误导长辈的女儿以为自己有绘画天赋,从此将更多精力投入这个领域,也可能会让其他家长错信这家机构,损失钱财和精力。

شياۋ ۋاڭ ھېلىقى بېلەت تاشلاش ئۇلانمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، بۇ مۇسابىقىنى تەشكىللىگۈچى تەرەپنىڭ سالاھىيىتى يوقلۇقىنى، ھېلىقى تۇغقىنىنىڭ قىزى سىزغان رەسىمنىڭمۇ ئۇنچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدى. ئەگەر ئۇ تۇغقىنىنىڭ سۆزى بويىچە ئىش قىلسا، تۇغقىنىنىڭ قىزى ئۆزىنى رەسىم سىزىش تالانتى بار دەپ خاتا چۈشىنىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى بۇ ساھەگە سەرپ قىلاتتى، يەنە باشقا ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ ئاپپاراتقا خاتا ئىشىنىپ، پۇل ۋە زېھنىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن ئىدى. 

之前,小王碍于面子,一直没好意思退出这个群,虽然没有按照长辈的意思写推荐语,也没转发,但他一直一声不吭地留在群里。但现在,小王决定退群了!因为他已经明白,有时候,沉默也是一种无声的伤害。

ئىلگىرى، شياۋ ۋاڭ يۈز-خاتىر سەۋەبىدىن، بۇ توپتىن چېكىنىپ چىقىشقا ئىزچىل خىجىل بولغان ئىدى، گەرچە تۇغقىنىنىڭ مەقسىتى بويىچە تونۇشتۇرۇش سۆزى يازمىغان، چەمبىرەككە تارقاتمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىزچىل ئۈن-تىنسىز ھالدا توپتا قالغان ئىدى. لېكىن ھازىر، شياۋ ۋاڭ توپتىن چېكىنىشنى قارار قىلدى! چۈنكى، ئۇ بەزىدە سۈكۈتنىڭمۇ بىر خىل ئۈن-تىنسىز زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدى. 

就像在新的寝室群里,即使他不说话,小范也会认为他在孤立自己,至少是同意孤立自己。在这个群中,他不发言,就代表他不反对这个不合法的大赛。没有反对,参与者就不会有任何顾忌和疑虑。当这个机构最终的骗财目的达到时,他们便都是共犯。

خۇددى، ئەگەر ئۇ يېڭى ياتاق توپىدىن چېكىنمىگەن بولسا، ئۇ توپتا گەپ قىلمىغان تەقدىردىمۇ، شياۋ فەن ئۇنى ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇۋاتىدۇ دەپ قاراپ قالاتتى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇشقا قوشۇلدى، دەپ ئويلاپ قالاتتى. ئوخشاشلا، ئەگەر تۇغقىنىنىڭ بۇ توپىدا ئۇ سۆز قىلمىسا، ئۇنىڭ بۇ قانۇنسىز مۇسابىقىگە قارشى تۇرمىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. قارشى تۇرمىسا، قاتناشقۇچىلاردا ھېچقانداق ئەندىشە ۋە گۇمان بولمايتتى. بۇ ئورگان ئەڭ ئاخىرقى ئالدامچىلىق مەقسىتىگە يەتكەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق جىنايەتچى بولۇپ قالاتتى. 

想到这里,小王果断退出了那个群!

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، شياۋ ۋاڭ كەسكىن ھالدا ئۇ توپتىن چېكىنىپ چىقتى!

几天后,那个长辈找到小王,生气地说道:“你这个孩子,真是不懂事!就算不想评论转发,至少留在群里帮我聚聚人气嘛,你退群干嘛?你看,现在好了吧,自从你退群后,跟我关系不太铁的那些人就都退了,真是气死我了!”

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ھېلىقى تۇغقىنى شياۋ ۋاڭنى تېپىپ، ئاچچىقلانغان ھالدا: «ھەقىقەتەن ئىش ئۇقمايدىغان بالىكەنسىز! باھا بېرىپ، تارقىتىپ قويمىسىڭىزمۇ مەيلى، ھېچ بولمىغاندا توپتا تۇرۇپ  ماڭا ياردەم قىلىپ، ئادەم سانى كۆپەيتىپ بەرسىڭىزمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ، توپتىن چېكىنىپ نېمە قىلىسىز؟ قاراڭ، ھازىر ياخشى بولدىمۇ؟ سىز توپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، مەن بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە يېقىن بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى توپتىن چېكىنىپ كەتتى، بەك ئاچچىقىم كەلدى!» دېدى. 

小王听着这些数落,嘴角不禁露出了笑容,他现在终于可以进一步确信:有时候,退群就是一种力量!只要你敢于坚持,很多人都会被这种力量感染!  

شياۋ ۋاڭ بۇ گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز كۈلگۈسى كەلدى، شۇنداقلا، بەزىدە توپتىن چېكىنىشنىڭ بىر خىل كۈچ ئىكەنلىكىگە، پەقەت سىز بەرداشلىق بەرسىڭىزلا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كۈچتىن تەسىرلىنىدىغانلىقىغا يەنىمۇ ئىشەندى. 


ღ ღ ღ


在这个微信时代,我们每天都会被不同的人拉到不同的群,虽然现在微信已经开启了拉群需当事人同意功能,但面对好友的邀请,不同意就跟退群一样,也不是一件容易的事情!

بۇ ئۈندىدار دەۋرىدە، ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر بىزنى ئوخشاش بولمىغان توپقا تارتىپ كىرىدۇ، گەرچە ھازىر ئۈندىداردا توپقا تارتىشتىن بۇرۇن ماقۇللۇقىنى ئېلىش ئىقتىدارى بار بولسىمۇ، لېكىن دوستىڭىزنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمىغانلىقتىن خۇددى توپتىن چېكىنگەنگە ئوخشاش، ئاسان ئىش ئەمەس!

当你进入一个新群时,你是否考虑过这个群的建立是否会伤害到别人?是否考虑过这个群所要完成的任务是否合法合规?是否考虑过这个群的存在是否有价值?

سىز بىر يېڭى توپقا كىرگەندە، بۇ توپنىڭ قۇرۇلۇشى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلامدۇ-يوق، دېگەننى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ توپتا تاماملانماقچى بولغان ۋەزىپىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ توپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتى بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟

ھېچقانداق بىر توپ سەۋەبسىز پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، بەزى توپلار ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، بەزى توپلار بايلىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، بەزى توپلار مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ توپلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز بۇرچى بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى ئىگىلەيدۇ، كەيپىياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا زادى توپتا قېلىش كېرەكمۇ ياكى توپتىن چېكىنىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلە سىزنىڭ قىممەت يۆنىلىشىڭىزنى سىناپلا قالماي، يەنە سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىي كۈچىڭىزنى باشقۇرۇش سەۋىيەڭىزنى سىنايدۇ. 

دوستۇم شياۋ تاڭ يېقىندا ماڭا بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 5-سەپتىكى بىر كىچىك شەھەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىكەن، ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقا جايدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ھەم باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تېخىمۇ ئاز ئىكەن. بۇلتۇر چاغاندا ئۆيىگە قايتقاندا، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر نەچچە ساۋاقدىشىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ، ساۋاقداشلىرىمۇ ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئۇنى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار توپىغا ئەكىرىپ قويۇپتۇ. 

ئۇ ئەمدىلا توپقا كىرىشىگە، دەرھال قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپتۇ، نۇرغۇن ساۋاقداشلار بەس-بەستە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپتۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن بۇ نەچچە ئون يىللىق كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىنى سوراپتۇ. ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى ئاساسەن شۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇش-بىلىشلەر بولۇپ، بىر-بىرىدىن سورىغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوق ئىكەن، پەقەت ئۇلا دائىم كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولىدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىكمۇ تەبىئىيلا ئۇنىڭغا بەك قىزىقىپ قاپتۇ. 

شياۋ تاڭ: «بۇ بىر نەچچە كۈندە بەك ئوڭايسىزلاندىم!» دېدى. كۆپچىلىكنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىسە، باشقىلارنىڭ ئۇنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، دېيىشىدىن ئەنسىرەيتتى. جاۋاب بېرەي دېسە، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى سۆزلەش يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقاندىنمۇ بەك ئوڭايسىزلاندۇراتتى، چۈنكى كۆپچىلىك سورىغان سوئاللار ھەقىقەتەن بەك كونكرېت ئىدى. مەسىلەن، قەيەردە خىزمەت قىلىسەن، بىر ئايدا قانچە پۇل تاپىسەن، ئايالىڭ قەيەرلىك، ئۆيدە قايسىڭلار تاماق ئېتىسىلەر، دېگەندەك.

كۆپچىلىك بىلەن بىر پەس قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن، شياۋ تاڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ بارغانسېرى ئازايغانلىقىنى، سېغىنىشنىڭ بەلكىم كۈنبويى ئۈندىداردا كۆرۈشكەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بىر خىل بىللە ئۆتۈش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئۈندىدار مانا مۇشۇنداق غەلىتە، ئۇ سىزگە نۇرغۇن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە بەزىدە قولايلىق بولۇشنىڭمۇ ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن. 

شياۋ تاڭ ئاستا-ئاستا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار توپىدا گەپ قىلمىدى. ئاخىرىدا، ئۇ يان تېلېفون نومۇرىنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭى ئۈندىدار نومۇرى ئالغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ياخشى ئۆتۈدىغان بىر قانچە ساۋاقداشنى دوستلۇققا قوشتى، بىراق ھېلىقى توپقا قايتا كىرمىدى. ئۇ ساۋاقداشلىرىغا رەھىمسىز ئەمەس، پەقەتلا ئۆزى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئۇنچە كۆپ ۋاقتى يوق ئىدى. 


ღ ღ ღ


我们何其有幸,生在这个微信时代,只要愿意,你跟谁都可以没有距离,无论天南还是海北,都可以一键直达,立刻见面;认识的不认识的人,只需一个群,立刻可以成为“一家人”。然而,大家不要忘了,微信虽然颠覆了人和人之间的相处模式,但还未强大到颠覆人和人之间的关系,所以有些规则,最好还是不要因为方便就随便逾越,比如伤害他人,比如支持不合法的事情,比如随便浪费自己的精力。

بىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك، ئۈندىدار دەۋرىدە تۇغۇلغاچقا، پەقەت خالىساقلا خالىغان ئادەم بىلەن ئارىلىقسىز ئالاقىلىشالايمىز، مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە بولايلى، بىر كۇنۇپكا بىلەن دەرھال بىۋاسىتە كۆرۈشەلەيمىز؛ تونۇيدىغان ياكى ناتونۇش ئادەم بولسۇن، پەقەت بىر توپقا كىرسىلا، دەرھال «بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، كۆپچىلىك شۇكى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى، ئۈندىدار گەرچە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تېخى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالىغۇدەك كۈچلۈك ئەمەس، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بەزى قائىدىلەردىن قولايلىق دەپلا خالىغانچە ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك. مەسىلەن، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلارنى قوللاش، ئۆزىنىڭ زېھنىنى خالىغانچە ئىسراپ قىلىش دېگەندەك ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. 

说到底,微信不过是个工具,强大如人类,怎可随意被它左右!

تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۈندىدار پەقەت بىر قورال، ئىنسانلار شۇنچە قۇدرەتلىك تۇرسا، ئۈندىدارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟!




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر، تۇرغۇن ئابلىز

         مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

         مەنبە: خەلق تورى




خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ | يولدىن ئېزىپ قېلىشتىن قورقسىڭىز، يول تاپالمايسىز

◇ خەيرلىك كەچ | مېنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت

◇ خەيرلىك كەچ | قانداق بولغاندا ياخشى جورا ھېسابلىنىدۇ؟

◇ يېڭىلىشكىمۇ يۈزلىنەلىسىڭىز ئاندىن يېڭەلەيسىز

◇ پىلانىڭىزنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشقا ئالدىرىماڭ

◇ خەيرلىك كەچ | ھەقىقىي تۇرمۇش دوستلار چەمبىرىكىدە ئەمەس

◇ ياقتۇرىدىغان ئىشىڭىزنى نېمىشقا ياخشى قىلالمايسىز؟

 قانداق قىلغاندا ئاندىن كۆڭۈلدىكىدەك ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ؟

 ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟

 قانداق قىلغاندا ھاياتتا پۇشايمان قالمايدۇ؟

 ئالدى بىلەن بىر كىچىك نىشان تۈزۈشنىڭ ئۆزى پاراسەتتۇر

 ئىشىڭىز بولسا گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دەڭ

 پۇل خەجلەشنى بىلىدىغان ئادەم بىلەن دوست بولۇڭ



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章