كۆرۈمسىز ئادەم كۆپ ئوقۇشى كېرەك

时事   2024-10-04 22:47   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




美貌只能锦上添花,底气才会光芒万丈

گۈزەللىك گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرىدۇ، ھەقىقىي ئىقتىدارلا چەكسىز نۇر چاچىدۇ



ღ ღ ღ


很多年前我便认识了小小。

شياۋشياۋ بىلەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى تونۇشقانىدىم.

那时,我陪弟弟在人才交流中心求职,刚好碰到她。他们是同学,她给我的第一印象是:。人矮,皮肤黄,国字脸塌鼻梁,一张口说话满嘴的四环素牙,这个学机械的乡下女孩。拿着简历站在那儿一副不知所措的样子,看来又碰了壁。

مەن ئۇنى ئەينى چاغدا ئىنىمغا خىزمەت ئىزدىشىپ بېرىش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە بارغاندا ئۇچرىتىپ قالغانىدىم. ئىنىم ئىككەيلەن ساۋاقداش بولۇپ، ئۇنىڭ مەندە قالدۇرغان تۇنجى تەسىرى «كۆرۈمسىز»لىك ئىدى. چۈنكى، مېخانىكا ئۆگەنگەن بۇ سەھرالىق قىزنىڭ بويى پاكار، تېرىسى تاتىراڭغۇ، يۈزى چاسا، قاڭشىرى يوق، سېرىق چىشلىرى ئاغزىغا لىق كەلگەنىدى، ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تۇتقىنىچە نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەن تۇرقىدىن يەنە بىر قېىتم بۇرنىغا يېگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

后来我再也没见过她,偶尔想起来也只是感慨,一个出身寒微,不美又没有多少才气的女孩,过几年可能会随便找个人嫁掉。

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى قايتا ئۇچراتمىدىم، ئانچە-مۇنچە ئېسىمگە كېلىپ قالسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇرسىنىپ قويىدىغان بولدۇم. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، چىراي دېسە چىرايى، ئىقتىدار دېسە تۈزۈك ئىقتىدارى يوق بۇ قىز ئېھتىمال بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇچرىغان بىرىگە ياتلىق بولۇپ كېتەر.

因为那次被她的落寞打动,我常向弟弟打探小小的近况,知道她一直很努力,专升本了。过两年,听说留校当了辅导员,又听说考上研究生了……

شۇ قېتىمقى چۈشكۈنلۈكى تەسىر قىلدىمىكىن، ئىنىمدىن پات-پاتلا شياۋشياۋنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردۇم ھەمدە ئۇنىڭ ئىزچىل تىرىشىپ، مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. ئاڭلىسام، ئۇ ئىككى يىلدىن كېيىن مەكتەپتە قېلىپ يېتەكچى بوپتۇ، يەنە تېخى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتۈپتۇ....

直到去年,意外在一次活动中见到小小,如果不是她对我自报姓名,我根本认不出来是她,小巧的个子,身材突兀有致,十公分的高跟鞋踩得进退自如,妆容精致,当然,五官还是很普通,但举手投足间光芒四射。

ئۆتكەن يىلىدىكى بىر قېتىملىق پائالىيەتتە شياۋشياۋنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالدىم. ئەگەر ئىسىم-فامىلىسىنى ئۆزى ئېيتمىغان بولسا ئۇنى ئەسلا تونۇيالماسكەنمەن. چۈنكى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇنىڭ بويلىرى چاققان، فىگورىسى قاملاشقان، ئون سانتىمېتىرلىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغدا قەدەم ئېلىشلىرى شۇنداق بىمالال، گىرىملىرى نەپس كۆرۈنەتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بەش ئەزاسى يەنىلا ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدىن ھەممە ياققا نۇر چېچىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى.

我们聊了很久,我掩饰不住对她蜕变的惊奇。她大方地告诉我,最初找工作碰壁,真想找个人嫁了,但当时能接手自己的人并不优秀。

ئۇزۇنغا سوزۇلغان پارىڭىمىز جەريانىدا مەن ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھەيرانلىقىمنى باسالمىدىم. ئۇ سالماقلىق بىلەن دەسلەپتە خىزمەت ئىزدەش ھە دېسىلا ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقتىن، بىرەرىنى تېپىپ تويلا قىلىۋېتىشنىمۇ ئويلىغانلىقىنى، بىراق ئەينى چاغدا ئۆزىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئادەمنىڭ مۇنەۋۋەر ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

咬咬牙,想起那句人丑就要多读书的名言。

شۇنداق قىلىپ، ئۇ چىشلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە «كۆرۈمسىز ئادەم كۆپ ئوقۇشى كېرەك» دېگەن ئەقلىيە سۆزنى ئېسىگە ئاپتۇ.

她不吭声,慢慢坚持,忍受寂寞,看到很多同龄人因为年轻美丽享受着青春,而自已却夜夜一书一灯,很痛苦却也咬牙默默忍受,知道自己选择了一条最笨拙却最踏实的路。

ئۇ ئۈن چىقارماي ئاستا-ئاستا داۋاملاشتۇرۇپ، زېرىكىشكە بەرداشلىق بېرىپتۇ، قۇرداشلىرى ياشلىق ۋە گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان بولسا، ئۆزى كېچە-كېچىلەپ كىتاب ئوقۇپتۇ، بۇ يول گەرچە ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، يەنىلا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپتۇ، ئېگىز-پەس بولسىمۇ، مەزمۇت قەدەم ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىچىدە بىلىپتۇ.

研究生毕业后,她留在大学任教,28岁那年嫁给了大她一岁的同校老师。

ئۇ ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىپتۇ ھەمدە 28 ياشقا كىرگەن يىلى ئۆزىدىن بىر ياش چوڭ خىزمەتدىشىغا ياتلىق بوپتۇ.

比起那些天生丽质的女孩,她几乎一无所有,没有背景、学历、颜值,只有不曾停下的脚步。

تەبىئىي چىرايلىق قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ھېچنېمىسى يوق دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئارقا تىرىكى يوق، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى ئەمەس، چىرايى ئادەتتىكىچە، ئۇنىڭ پەقەتلا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قەدىمى بار.

在这个看脸的社会,她通过努力改变了命运。

تەق-تۇرققا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بۇ جەمئىيەتتە ئۇ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.


ღ ღ ღ


最近很多人的印象停留在《朗诵者》第三期里那个温暖感性的徐静蕾身上。我却更喜欢《圆桌会》里,她的不徐不迎,独立自信的模样。

يېقىندا، «دىكلاماتسىيە قىلغۇچى»نىڭ 3-سانىدىكى يېقىملىق ۋە ھېسسىياتقا باي شۈ جىڭلېي نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىراق، مەن ئۇنىڭ «يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى»دىكى سالماق، مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تۇرقىنى بەكرەك ياقتۇرىمەن.

许多美艳的女明星除了绯闻和保养,基本没什么可说的,而徐静蕾却因为才气一直活得招摇又淡定。

گۈزەل ئايال چولپانلارنىڭ نۇرغۇنى توغرىسىدا ئۆسەك سۆز ۋە ئۆزىنى كۈتۈشتىن باشقا خەۋەرلەرنى ئاساسەن ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. بىراق، شۈ جىڭلېي ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا ھەم سالماق ياشىماقتا.

除了一手拎得出的好字,她主编过《开啦》电子杂志,当过博客女王,戏演够了又做了导演。每一样都做到极致,半生在很多角色中自如转换。虽然活得越来越透彻的她,并不在乎那所谓的名气。

ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئوبراز تىكلىگەندىن باشقا، يەنە «ئېچىلدى» ئېلېكترونلۇق ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلدى، مىكرو بىلوگچىلار «ئايال پادىشاھى» بولدى، ئالغان روللىرى يېتەرلىك بولغاندا، يەنە رېژىسسورلۇقمۇ قىلدى. ئۇ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋايىغا يەتكۈزگەچكە، ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى نۇرغۇن روللارنى تەبىئىي ئېلىش ئىچىدە ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاياتى بارغانسېرى مۇكەممەللىككە يۈزلىنىۋاتقان ئۇ ئاتالمىش نام-ئابرۇيلارغا پىسەنت قىلمىدى.

38岁以前,她很拼。

38 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئۇ بەكلا تىرىشتى.

38岁以后,离开娱乐圈,给自己放了两年假,去纽约读书充电。迈入40岁以后,她更加不急不忙——吹玻璃杯做陶艺,手工裁缝做包做衣,抽空还完成了新作品的拍摄。

38 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، تاماشا چەمبىرىكىدىن ئايرىلىپ ئىككى يىل نيۇيوركقا بېرىپ ئوقۇپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇردى. 40 ياشقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ تۇتۇۋېلىپ، ئەينەك ئىستاكان ياسىدى، ساپالچىلىق قىلدى، قولدا سومكا، كىيىم-كېچەك تىكتى، يەنە تېخى ۋاقىت چىقىرىپ يېڭى ئەسىرىنى سۈرەتكە تارتىشنى تاماملىدى.

她活得炫目。自由,随性,看起来积极向上,又从容豁达。

ئۇ ئەركىن، ئىختىيارىي، ھەم يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان، ئاكتىپ كۆرۈنىدىغان، ھەم ئەركىن، بىمالال ھالەتتە كىشىنىڭ كۆزىنى چاقناتقۇدەك ياشىدى.

因为,她有炫目的资本。

چۈنكى، ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ كۆزىنى چاقناتقۇدەك دەسمايە بار.

就像她说的:每个人都有选择生活的权利,但我还是建议先积累,让自已达到那个可自由的度。

خۇددى ئۇنىڭ ئۆزى ئېيتقىنىدەك: «ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز تۇرمۇشنى تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ، بىراق، مەن يەنىلا ئاۋۋال ئەركىن بولالىغۇدەك چەككە يەتكۈدەك دەسمايە توپلىۋېلىش تەكلىپى بېرىمەن.»

而她所谓的积累,就是我们所说的努力。

ئۇ ئېيتقان «جۇغلانما» دەل بىز دەيدىغان تىرىشىشتۇر.

谁都想在未来活成她的样子,却不知除了运气,她的底气都来自于努力。

ھەممە ئادەم كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق، ئۇنىڭ غەيرىتىنىڭ تەلەيدىن باشقا، يەنە تىرىشچانلىقتىن كەلگىنىنى بىلمەيدۇ.


ღ ღ ღ


蜕变,往往是要以时间作为交换。

ئۆزگىرىش ھەمىشە مەلۇم ۋاقىت ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.

这句话用在小谷身上也很合适。

بۇ جۈملىنى شياۋگۇغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

两年前她怀揣一张三流院校的毕业证求职无门,小城绝望了,跑到省城,最后为了不挨饿留在一家酒店做前台。

ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ ئۈچىنچى قاتاردىكى مەكتەپنىڭ دىپلومى بىلەن خىزمەت تاپالمىغاندىن كېيىن، كىچىك شەھەردىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆلكە مەركىزىگە بارىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئاچ قالماسلىق ئۈچۈن بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدى سۇپىسىدا خىزمەت قىلىدۇ.

和几个好看的女孩每天站在那儿对着客人笑啊笑。

ئۇ خىزمەت ئورنىدا بىر نەچچە چىرايلىق قىز بىلەن بىرلىكتە مېھمانلارغا قاراپ ھارماي كۈلۈمسىرەيدۇ.

有一天客人对她揩油,忽然笑不出来了,她想结束那有点混蛋的人生,这个想法让她斗志昂扬。

بىر كۈنى بىر مېھمان ئۇنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى ئېلىۋالماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئاچچىقى كېلىدۇ ھەمدە قاملاشمىغان بۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ خىيال ئۇنى يۈكسەك جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلىدۇ.

晚上在出租屋整理在校时发表过的东东,内心有了底气。

كەچتە، ئىجارە ئالغان ئۆيىدە ئولتۇرۇپ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا ئېلان قىلغان ئەسەر-ماقالىلىرىنى رەتلەۋېتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ.

她辞了职,每天在地下室,用电饭锅将白饭和菜混在一起,这是一天的饭。然后戴着耳塞打开那台淘来的二手电脑,敲啊敲。

شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىۋېتىپ، ھەر كۈنى يەر ئاستى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ توك قازىنىدا ئەتكەن گاڭپەن بىلەن كۆكتاتنى ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بىر كۈنلۈك ئاچلىقىنى باسىدۇ. ئاندىن، قۇلىقىغا تىڭشىغۇچنى سېلىۋېلىپ باشقىلاردىن سوراپ كەلگەن نىمكەش كومپيوتېرىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى تاراقلىتىشقا باشلايدۇ.

虽然退稿退到想吐,仍是涎着脸向编辑索要栏目要求,细细研究。

گەرچە، ئەسەرلىرى قايتۇرۇلۇۋېرىپ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغۇدەك دەرىجىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا يۈزىنى قېلىنلىق قىلىپ مۇھەررىردىن سىتوننىڭ تەلىپىنى سورىۋالغاندىن كېيىن، ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ.

在写了无数废稿后,有一篇终于变成铅字。那天她理直气壮地请自己吃了一盘小龙虾,因为天天白饭混菜已吃到反胃。

سانسىزلىغان كېرەكسىز ئارگىناللارنى يازغاندىن كېيىن، ئاخىرى بىر پارچىسى ژۇرنالغا بېسىلىدۇ. ھەر كۈنى گاڭپەننى كۆكتاتقا ئارىلاشتۇرۇپ يەپ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتكەن ئۇ شۇ كۈنى مەردانىلىك بىلەن بىر تەخسە راك قورۇمىسىنى يەۋېتىدۇ.

上帝只要打开一扇窗,就不会再关上了。

ھايات سىزگە ياشاشنىڭ بىر دېرىزىسىنى ئېچىۋەتسە، مەڭگۈ يېپىۋەتمەيدۇ.

她的稿子越发越多,又超有耐心,有时版面缺稿找她,临时抓她写一夜也乐意。渐渐笼络了很多编辑,他们都知道有个小姑娘文笔好,脾气耐,要的稿子从不拖欠,不怕改。

شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ماقالىلىرى بارغانسېرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنىدۇ، ئۆزى تېخىمۇ سەۋرچان بولۇپ كېتىدۇ، بەزىدە بەت يۈزىگە ماقالە كەملەپ قالسىمۇ ئۇنى ئىزدىشىدۇ، ئادەم تاپالمىغاندا، كېچىلەپ يېزىپ بەرسىمۇ خۇش بولۇشىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ نۇرغۇن مۇھەررىرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ھەممەيلەن يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ياخشى، سەۋرچان، كېرەكلىك ماقالىنى ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغان، ئۆزگەرتىشتىن قورقمايدىغان بىر قىز بارلىقىنى بىلىپ كېتىدۇ.

慢慢来了约稿,开了专栏,有了养活自己的底气。

شۇنداق قىلىپ، بارا-بارا ئارگىنال كېلىشكە باشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس سىتون تەسىس قىلىنىپ، جېنىنى بېقىش ئىشەنچى تۇرغۇزۇلىدۇ.

后来有出版社找来。

كېيىن، ئۇنى نەشرىياتتىكىلەر ئىزدەپ كېلىدۇ.

新书发布会上,她说,站在台上的自己感觉像个发光体。

يېڭى كىتابىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ سەھنىدە تۇرغان ئۆزىنىڭ پارقىراق جىسىمغا ئوخشاپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

谁都渴望有光芒加身的时刻啊!

ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ پارلاپ نۇر چېچىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ!

只是钻石发光以前全是原石,要经过切割、起瓣、抛光,磨啊磨才能成型,其实磨的过程就已距万众瞩目的时刻不远了!

پەقەت بىرىليانتلا نۇر چېچىشتىن ئىلگىرى ئىپتىدائىي تاش بولىدۇ، كېسىش، گۈل چىقىرىش، سىلىقلاشلاردىن ئۆتكەندە، توختىماي سۈركەۋەرگەندە ئاندىن شەكىلگە كىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۈركىلىش جەريانىدىلا ئۇنىڭ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پەيتلىرىگە ئاز قالغان بولىدۇ!


ღ ღ ღ


很多美女们自恃天生丽质,放弃努力与梦想,一生甘于让美貌随着时光流逝。也有些因为相貌平庸一切居于劣势的女人,每天灌输自己:提升了自已又怎样?还不是被男人挑来选去?赶紧找个男人嫁了,不管好坏,从此有人接盘了。

نۇرغۇن ساھىبجامال ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىدىن مەغرۇرلىنىپ، تىرىشىش ۋە غايىسىدىن ۋاز كېچىپ، گۈزەل چىرايىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئايرىلىپ قېلىشقا چىداپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا، چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە، شارائىتى ناچار يەنە بىر قىسىم ئاياللارمۇ ھەر كۈنى ئۆزىگە مۇنداق ئىدىيەنى سىڭدۈرىدۇ: «ئۆزۈمنى تاكامۇللاشتۇرسام قانداق بولماقچى ئىدى؟ يەنە شۇ ئەرلەرنىڭ تاللاش-ئىلغىشىدىن قۇتۇلالمايمىز. شۇڭا، بالدۇرراق ياتلىق بولغان تۈزۈك، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنى باقىدىغان ئادەم بار بولىدۇ.»

聪明的女人,却知道才华与能力才能确保一生无虞。

ئەقىللىق ئاياللار تالانت بىلەن ئىقتىدارنىڭلا ئادەمنى ئۆمۈرلۈك غەمدىن خالاس قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

她们随着眼界与情商的提升,每天防晒补水,睡前倒立半小时瘦腿,努力提高颜值。然后全身心投进学业或工作,风雨无阻,年华无欺,活生生地为自己杀出一条血路。

ئۇلار نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ھېسسىيات بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ھەر كۈنى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرىدۇ، يۈزىگە سۇ تولۇقلايدۇ، ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى  پۇتىنى تامغا تىرەپ يېتىپ پاچىقىنى ئورۇقلىتىدۇ، تېخىمۇ گۈزەل بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئاندىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇش ياكى خىزمەتكە كىرىشىپ، بوران-چاپقۇندىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشىدىن قورقماي، تىرىشچانلىقى بەدىلىگە ئۆزى ئۈچۈن پارلاق بىر يول بەرپا قىلىدۇ.

因为她们知道,美丽或许能锦上添花,底气才能让美持久、炫目,且光芒万丈。

چۈنكى، ئۇلار گۈزەللىكنىڭ گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما ھەقىقىي ئىقتىدارنىڭلا ئادەمنى مەڭگۈلۈك گۈزەللىككە، دىققەت ئېتىبارغا، شۇنداقلا چەكسىز نۇر چېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章