ئۇخلىيالمايدىغان سىزگە تەقدىم

时事   2024-10-13 22:30   北京  


写给睡不着的你

ئۇخلىيالمايدىغان سىزگە تەقدىم


ღ ღ ღ


有人说,睡个好觉似乎成了一件奢侈的事,不是不想睡,是有太多的“放不下”;不是不累,是有太多的“心累”。如果你也时常在夜里失眠,那么这些话送给你,愿你今晚好梦。


بەزىلەر شۇنداق دېيىشىدۇكى، ئوبدان بىر ئۇخلىۋېلىشمۇ ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئۇخلىغۇسى يوق ئەمەس، بەلكى «ۋاز كېچەلمەيۋاتقان» نۇرغۇن نەرسىلىرى بار؛ ھارمايدۇ ئەمەس، بەلكى «قەلبىنى چارچىتىدىغان» ئىشلىرى بەك كۆپ. ناۋادا سىزمۇ دائىم ئۇخلىيالمىسىڭىز، بۇ سۆزلەرنى سىزگە تەقدىم قىلايكى، بۇنىڭ بىلەن سىز بۈ كېچە ياخشى چۈش كۆرگەيسىز.


ღ ღ ღ


总有人因为感情难以入睡。也许是初识时对方一句暧昧不明的话,就让你一整夜思绪万千;也许是分开后对这段感情的不甘心,让你辗转反侧难以入眠。所谓“爱意随风起,风止意难平”,大抵就是如此了。


شۇنداق كىشىلەر ھامان مەۋجۇتكى، ئۇنداقلار ھېسسىيات مەسىلىسى سەۋەبلىك تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىيالمايدۇ. بەلكىم دەسلەپ تونۇشقاندا، قارشى تەرەپنىڭ بىر ئېغىز نائېنىق سۆزى ئۇنداقلارنى پۈتۈن كېچە ھەرخىل خىياللارغا سېلىشى مۇمكىن؛ ئايرىلغاندىن كېيىن، بۇ مەزگىلدىكى ھېسسىياتقا چىدىمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماسلىقى مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ ئادەتتە «مۇھەببەت خالىغاندا پەيدا بولىدۇ، بىراق، توختىشىنى بىلگىلى بولمايدۇ.» دېگىنى ئېھتىمال مۇشۇ بولسا كېرەك.

可人生很多时候就是由遗憾和不完美组成的。有些事,不是你想做就能做到;有些人,不是你想留就能留住。


بىراق، ھايات كۆپ ۋاقىتلاردا ئەپسۇسلۇقلار ۋە مۇكەممەلسىزلىكلەردىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. بەزى ئىشلارنى قىلغۇڭىز بولسىلا قىلالمايسىز؛ بەزىلەرنى تۇتۇپ قالىمەن دەپلا تۇتۇپ قالالمايسىز. 

有人说,时间是治愈一切的良药。其实,时间不是“药”,但“药”却藏在时间里。也许某天早晨当你醒来,那颗固执的心终于决定朝前走了,此时回望你会发现,曾经那些或温暖或痛苦的日子,都成了生命里的一块跳板,帮你成为了更强大的自己。


بەزىلەر ۋاقىت ھەممىنى داۋالايدىغان ياخشى دورا، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ۋاقىت «دورا» ئەمەس، ئەمما «دورا» ۋاقىتقا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئېھتىمال سىز مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگىنى ئويغانغىنىڭىزدا، ئۇ جاھىل يۈرىكىڭىز ئاخىرى ئالدىغا قاراپ مېڭىشنى قارار قىلىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا ئارقىڭىزغا قارىسىڭىز، ئىلگىرىكى كۆڭۈللۈك ياكى كۆڭۈلسىز ئازابلىق كۈنلەرنىڭ ھاياتىڭىزدىكى سەكرەش تاختىسى بولغانلىقىنى، سىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشىڭىزگە ياردەم قىلغانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. 

对往事说一声“无怨无悔”,对错过的人说一声“不负遇见”。放开执念,才是最好的成全。


ئۆتكەن ئىشلارغا «مەن ئاغرىنمايمەن.» دەڭ، ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرگە «تونۇشقىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن.» دەڭ. چۈنكى، جاھىللىقنى تاشلاش ئەڭ ياخشى مەدەت.


ღ ღ ღ


成年人的世界里,没有谁的生活是轻松的。孩子的学费、父母的赡养、家庭的开支、人情的往来……但正是生活不易,才更要给自己一个坚强的理由


چوڭلارنىڭ دۇنياسىدىكى تۇرمۇش ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس. بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ئاتا-ئانىلارنى بېقىش، ئائىلىنىڭ چىقىمى، ئادىمىگەرچىلىكلەر ... بىراق، تۇرمۇش ئاسان بولمىغاچقىلا، ئاندىن سىز قەيسەر بولغۇدەك سەۋەبنى ئۆزىڭىزگە تاپالايسىز.

也许是一家人围在一起,吃着一锅热乎的饭;也许是人到中年,还有人让你喊一声爸妈……生活虽然偶有难关,有时候就像在摸黑走路,你不知道前方是暗礁还是险滩,但不论走到哪里,都请告诉自己再坚持一下。


بەلكىم بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ بىر ۋاق ئىسسىق تاماق يېيىشى مۇمكىن؛ بەلكىم ئوتتۇرا ياشقا بارغىنىڭىزدا، بىرى سىزنى «دادا» ياكى «ئانا» دەپ چاقىرىشى مۇمكىن ... گەرچە، تۇرمۇشتا ئانچە-مۇنچە قىيىنچىلىق ئۇچراپ تۇرسىمۇ، بەزىدە قاراڭغۇدا قالغاندەك ئالدىڭىزدىكىنىڭ يوشۇرۇن خادا تاش ياكى خەتەرلىك ساھىل ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسىڭىزمۇ، ئەمما مەيلى قەيەرگىلا بارماڭ، ھامان ئۆزىڭىزگە يەنە ئازراق بەرداشلىق بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتىڭ.

只要你不认输,生活就没办法撂倒你。只要脚踏实地地努力、一点一滴地积累,生活自会给你想要的回馈。


پەقەت ئۇتتۇرغىنىڭىزغا تەن بەرمىسىڭىزلا تۇرمۇش سىزنى يىقىتالمايدۇ. پەقەت ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشسىڭىزلا، ئاز-ئازدىن توپلىسىڭىزلا تۇرمۇش سىزگە كۈتكىنىڭىزدەك جاۋاب بېرىدۇ.


ღ ღ ღ


  听过这样一句话,欣赏一个人,始于颜值,陷于才华,久于善良,忠于人品。正是因为有了一见倾心的感觉,才会有接下来“陷于才华”的故事。于是,许多人开始有了容貌和身材焦虑。但美的标准并不单一。所谓“长相好看”,不只是外表的漂亮,它更是由内而外散发的美感,是举手投足间的优雅,是一颦一笑留下的韵味。


مۇنداق بىر جۈملە گەپنى ئاڭلىغانىدىم. بىر كىشىنى ياخشى كۆرۈش چىرايدىن باشلىنىپ، تالانتتا چوڭقۇرلىشىدۇ، ئاقكۆڭۈللۈكتە داۋام قىلىدۇ، پەزىلەتتە سادىقلىشىدۇ. بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇش تۇيغۇسى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، كېيىنكى «تالانتتا چوڭقۇرلىشىش» ھېكايىسى بارلىققا كېلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئادەمدە چىراي ۋە تەقى-تۇرق سەۋەبلىك تەشۋىش پەيدا بولغان بىلەن، گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى بىرلا بولمايدۇ. ئاتالمىش «تەقى-تۇرقى چىرايلىق بولۇش» دېگىندە، سىرتقى قىياپىتى چىرايلىق بولۇشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئىستېتىك تۇيغۇسى بولۇپ، كىچىككىنە بىر ئىشتىكى نەپسلىك، خۇشاللىق ۋە قايغۇ قالدۇرغان جەزبىدارلىقنى كۆرسىتىدۇ. 

正如有句话所说,“你的脸,不仅藏着你的生活,还藏着你正在追求着的人生。”


خۇددى بىر جۈملە سۆزدە ئېيتىلغىنىدەك «سىزنىڭ چىرايىڭىزغا تۇرمۇشىڭىزدىن باشقا، يەنە سىز قوغلىشىۋاتقان ھايات يوشۇرۇنغان.»

小孩子的长相是父母给的,成年人的长相是自己修的。虽说人的模样从出生时就注定了,但后天的智慧与见识也会“雕刻”在面容上。一个热爱生活、喜欢读书、经常运动的人,灵魂和容颜都会优雅起来。


بالىلارنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئاتا-ئانىسى بەلگىلەيدۇ. بىراق، چوڭلارنىڭ تەقى-تۇرقىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. گەرچە، ئادەمنىڭ قىياپىتى تۇغۇلۇشىدىلا بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردىكى ئەقىل-پاراسەت ۋە كۆز-قاراشلار چىرايغا «ئويۇلغان» بولىدۇ. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، دائىم تەنھەرىكەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ روھىيىتى بىلەن چىرايى ئوخشاشلا گۈزەل بولىدۇ.


ღ ღ ღ


看过一则新闻。一位96岁的奶奶在路边卖菜馍,有人问她,这么大年龄怎么还出来摆摊?她说:“一天到晚吃饱坐饿、打牌打麻将,我觉得那不是个事儿,对自己身体不好,对下一代的影响也不好。”谈到自己快乐的原因,奶奶说:“不高兴的事还是少想,哭哭啼啼也是一天,哈哈大笑也是一天。”


مۇنداق بىر خەۋەر كۆرگەنىدىم. 96 ياشقا كىرگەن بىر موماي يول بويىدا ئولتۇرۇپ، ئارىسىغا كۆكتات قىستۇرۇلغان ھور نان ساتىدىكەن. بەزىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇپمۇ، يەنە نېمىشقا يايما ئاچقانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇ: «مېنىڭچە، ئەتىدىن كەچكىچە قورساقنى تويغۇزۇپ ئارام ئېلىپ، قارت-ماجياڭ ئويناش ياخشى ئىش ئەمەس. بۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ، كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.» دېگەن. خۇشاللىقىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا موماي: «كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلارنى ئاز ئويلىغان ياخشى. يىغلاپ-قايغۇرسىمۇ بىر كۈن ئۆتىدۇ، كۈلۈپ خۇشال بولسىمۇ بىر كۈن ئۆتىدۇ.» دېگەن.

  一个人有什么样的心态,就决定了他会过什么样的生活。心态好,即使暂时身处逆境,日子照样过得有希望。很多时候的痛苦纠结,不过是自己放不下;很多夜里的辗转反侧,不过是自己没想通。

بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى بەلگىلەيدۇ. كەيپىيات ياخشى بولسا ۋاقتىنچە قىيىنچىلىقتا قالغان تەقدىردىمۇ، كۈنلەرنى ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردىكى ئازاب ۋە قىينىلىشلار ئۆزىمىزنىڭ ۋاز كېچەلمىگىنىمىزدىن بولىدۇ؛ نۇرغۇن كېچىلەردىكى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماسلىق ئۆزىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەندىن باشقا ئىش ئەمەس.


ღ ღ ღ


无论眼下你正过着怎样的生活,欢喜也好,烦恼也罢,饿了就按时吃饭,困了就乖乖睡觉。明天,又是崭新的一天。

ھازىر مەيلى قانداق ياشاۋاتقان بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، خۇشال بولسىڭىزمۇ، ئىچىڭىز پۇشسىمۇ، قورسىقىڭىز ئاچقان ھامان ۋاقتىدا تاماق يەڭ، ئۇيقۇڭىز كەلسە ئۇخلاڭ. ئەتە يەنە يىپيېڭى بىر كۈن بولىدۇ.

晚安!好梦!


خەيرلىك كەچ! ياخشى چۈش كۆرۈڭ!


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: ھاياتىڭىز نېمىشقا شۇنچە مەنىسىز؟

 خەيرلىك كەچ: ئادەم نېمىشقا قانچە تىرىشقانچە شۇنچە تەشۋىشلىنىدۇ؟

 خەيرلىك كەچ: كىم بىلەن بىللە بولۇش ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم

 بىر ئائىلىنىڭ بارا-بارا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ تۆت ئالامىتى

◇ خەيرلىك كەچ: ئۆزىنى باشقۇرۇشتىكى سەككىز ياخشى ئادەت

◇ ئانا، مەن سىزنى چۈشىنىمەن، شۇڭا، سىزنى تېخىمۇ سۆيىمەن




خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章