يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە خۇشخەۋەر

时事   2024-10-16 09:10   北京  

بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قارىتا تىپقا ئايرىش، تۈرگە ئايرىش، دەل جايىدا ياردەم قىلىش-يۆلەش يولغا قويۇلىدۇ

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

 بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لو ۋېن مۇنداق بىلدۈردى: يەككە سودا-سانائەتچىلەر دۆلىتىمىزدىكى سانى ئەڭ كۆپ تىجارەت سۇبيېكتى، بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە ئەمەلىي بار بولغان يەككە سودا-سانائەتچى 125 مىليون بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى. يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈر ۋە داڭلىق، ئۆزگىچە، ئەۋزەل، يېڭىچە دەپ تۆت تۈرگە ئايرىغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تىپقا، تۈرگە ئايرىلغان «يەككە سودا-سانائەتچىلەر تىزىملىك ئامبىرى» قۇرۇپ چىقماقچى. مۇشۇ ئاساستا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە باج، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەيدان، تەننەرخ، تەربىيەلەش، ئىشچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە دەل جايىدا ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مالىيە مىنىستىرلىقى كۆيدۈرۈۋېتىشكە قوشۇلدى

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章