جېڭ شەنجيې: قىسمەن باج-ھەق ئارقىلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قوللاش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ
10-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: باسقۇچلۇق باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئالدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. رەتلەشكە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر قىسىم باج-ھەق ئارقىلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قوللاش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ مۇددىتى توشىدىكەن، ئالاقىدار تارماقلار تەتقىق قىلىپ باھالاش ئاساسىدا، سىياسەتنى كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇش-قويماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدىكەن. ئەگەر كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇش ئېنىق بولسا، يولغا قويۇش مۇددىتىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى
نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ
مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى
جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى
ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك
كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»